نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما مەزمۇنى

تىبابەت ساھەسىدىكى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان بىر ۋەقە! ئەسلىدە دوختۇرلار دورىدىن %6500 پايدا ئالىدىكەن!!!

pharmaceutical-insider

بىر قىسىم جايلاردىكى دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنىڭ زاۋۇت باھاسى ۋە دوختۇرخانىلارنىڭ سېتىپ چىقىرىش باھاسىدا ناھايىتى زور پەرق ساقلانغان. مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانىسى  «ھەپتىلىك سۈپەت دوكىلاتى» پروگراممىسىدا، تۈنۈگۈن يەنە دورا باھاسىنىڭ يۇقىرىلىقىغا قارىتا مۇھاكىمە يۈرگۈزگەن بولۇپ، دورىلارنىڭ زاۋۇتتىن چىقىپ بىمارنىڭ قولىغا تەگكۈچە بولغان ئارىلىقتىكى باھا ئۆزگۈرۈشلىرى كىشىنى چۆچۈتىدۇ!

باھا قەغىزىدە دورا باھاسى نەچچە 10 ھەسسە ئۆرلىتىۋېتىلىدۇ

مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانىسى مۇخبىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىر يىلغا يېقىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بىر قىسىم دورىلارنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى بىلەن بازاردىكى سېتىلىش باھاسىدا ئاسمان-زىمىن پەرق بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. مۇخبىر 20 خىل دورىنى تاللاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ دورىلارنىڭ زاۋۇتتىن دوختۇرخانىغا كەلگۈچە ئارىلىقتىكى پايدىنىڭ %500 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.

image

دورا ساھەسىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، دورا باھاسىدىن بۇنداق يۇقىرى پايدا ئېلىش بۇ كەسىپتىكىلەرنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق غەيرى ھادىسە دەپ كەتكىلى بولمايدىكەن. مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، دورىگەرلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جاۋ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە:«دورا بويۇملىرىنىڭ باھا پەرقى ئادەتتىكى ئەھۋالدا، 5 ھەسسىدىن يۇقىرى بولىدىكەن. ھەتتا 20~30 ھەسسە بولىدىغانلىرىمۇ بار ئىكەن. ئىچكى قىسىمدىكى بىر كىشى تەمىنلىگەن دورا بويۇملىرىنىڭ باھا جەدۋىلىدە، نەچچە يۈز دورىگەرلىك كارخانىسىغا چېتىلىدىغان نەچچە ئونمىڭ خىل دورا بويۇملىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى ۋە دوختۇرخانىلارنىڭ سېتىش باھاسى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بىر قىسىم ئۆپكە ياللۇغى ، ئاشقازان ياللۇغى، ئاغرىق توختىتىش دورىسى قاتارلىق ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنىڭ، زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى بىلەن پارچە سېتىلىش باھاسى ئوتتۇرىسىدىكى پايدا %400 دىن ئېشىپ كېتىدىكەن.
ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى، تيەنجىن دورىگەرلىك گورۇھى شىنيى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان 2 مىللىلېتىر 4 مىللىگرام 氢溴酸高乌甲素 ئوكۇل سۇيۇقلۇقىنىڭ، زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى 0.52 يۈەن، ماركىسىدىكى سېتىش باھاسى بولسا 16 يۈەن، دوختۇرخانىلاردا پارچە سېتىلىش باھاسى 18.4 يۈەن بولۇپ، ئوتتۇرىدىكى پايدا %3400 دىن ئېشىپ كېتىدىكەن؛ شەندۇڭ فاڭمىڭ دورىگەرلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان 2مىللىلېتىر 20 مىللىگراملىق 盐酸奈福泮 ئوكۇل سۇيۇقلۇقىنىڭ بىر تېلىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى 0.32 يۈەن، ماركىسىدىكى باھاسى 18.94 يۈەن بولۇپ، دوختۇرخانىلاردىكى پارچە سېتىلىش باھاسى 21.26 يۈەن، يەنى ئوتتۇرىدىكى پايدا %6500 دىن ئېشىپ كېتىدىكەن. مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، يۇقىرىقى كىشى تەمىنلىگەن ماتېرىيالدىكى سانلىق مەلۇماتلار ئاساسەن ھەقىقىي ئىكەن.

image

image

image

دوختۇرلار باھا بېكىتىشكە قاتنىشىدۇ

دۆلىتىمىزدە ھازىر يۈرگۈزۈلىۋاتقان دورا بويۇملىرىنى مەركەزلىك باھا بېكىتىش چارىسى بويىچە بولغاندا، بارلىق داۋالاش ئورگانلىرى سېتىۋالىدىغان دورا بويۇملىرى چوقۇم باھا كۆرسەتكۈچى بويىچە كىرگۈزىلىدۇ، باھا شۇ جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك دورا بويۇملىرىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش باشقۇرۇش ئىشخانىسى بېكىتكەندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ باھالاشتىن ئۆتۈپ ئېلان قىلىنغان باھا دەل دورىنىڭ ماركىسىدىكى باھانى كۆرسىتىدۇ. بۇ باھا دوختۇرخانىنىڭ دورا كىرگۈزۈشتىكى ئەڭ يۇقىرى باھاسى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، دورا ماركا باھاسىنىڭ بېكىتىلىشى دورا باھاسىنى بەلگىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىل ھېسابلىنىدۇ.
مۇخبىر زىيارەت جەريانىدا، ھەر قايسى جايلاردىكى دورا بويۇملىرىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش ۋە سودىگەر چاقىرىش باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭلا دورا باھاسىنى قانداق بېكىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. مۇخبىر بىر دورا زاۋۇتىنىڭ مەسئول خادىمى بىلەن ئالاقىلاشقاندا، ئۇ دورا بويۇملىرىغا باھا قويۇش ۋە سودىگەر چاقىرىش ئىشىنىڭ دورا زاۋۇتى تەرىپىدىن بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا مەخسۇس دورا بويۇملىرى ۋاكالەتچىلىكى قىلىدىغان شىركەت مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. بۇ شىركەت ئىشلەپ چىقارغان ئاياللار كېسىلىنى داۋالاشتا دائىم ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل دورىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى 7 يۈەن بولۇپ، ماركىسىدىكى باھاسى 56 يۈەن ئىكەن. بۇ جەريان دورا بويۇملىرى ساھەسىدىكى «يوشۇرۇن پرىنسىپ» قا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدىكەن.
بۇ مەسئۇل خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، ۋاكالەتچى شىركەت باھانى بېكىتكەندىن كېيىن، دورا شىركىتى قانچىلىك پايدىنى ئايرىيدۇ، دوختۇرخانا قانچىلىك قىسىدۇ، دوختۇرغا قانچىلىك پايدا بېرىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئامما قانچە پۇلغا سېتىۋالىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە بىر ساھە ئىچىدىكى بەلگىلىمىدەك ئىدى.
بۇ مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرىشىغا ئاساسلانغاندا، گەرچە بۇ خىل دورىنىڭ ئوتتۇرىدىكى پايدا نسبىتى %800 دىن ئېشىپ كەتسىمۇ، دورا زاۋۇتى ئاران 1 يۈەن ئەتراپىدا پايدا ئالىدىكەن، 7 يۈەندىن 56 يۈەنگە ئۆسكەن بۇ دورىنىڭ ئارىلىقتىكى 49 يۈەننى بولسا دورا ۋاكالەتچىسى، دورا شىركىتى، دوختۇرخانا ۋە دوختۇرلار تەرىپىدىن بۆلۈشىۋېلىنىدىكەن.
تەكشۈرۈش جەريانىدا، دورا ماتىرىياللىرىنى توپ سېتىش بىلەن شۇغۇللانغىلى ئون يىلدىن ئاشقان بىر كىشى يۇقىرىقى دورا زاۋۇتىنىڭ خادىمى ئېيتقان سۆزلەرنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاپ مۇنداق دېدى: بۇ خىل پايدىنى تەڭ بۆلۈشۈش ئەندىزىسى، دەل دورا باھاسىنى بېكىتىش جەريانىدىكى «يوشۇرۇن قائىدە».

دورا باھاسى كۈنسېرى ئاسمانغا ئېسىلماقتا

دورا بويۇملىرىغا سودىگەر چاقىرىشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى دورا باھاسىنى زادى قانداق بېكىتىدىغانلىقىغا قارىتا ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى، ئامما ئەڭ قىزىقىدىغان دورا باھاسىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىدىن نېمىشقا نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى سۇئاللارغا چۈشەندۈرۈشمۇ بەرمىدى.
بىلىشىمىزچە، 2001-يىلىدىن باشلاپ دۆلىتىمىز پۈتۈن مەملىكەت بويىچە دورا بويۇملىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ سودىگەر چاقىرىشنى يولغا قويغان. بۇ دورا ماتېرىياللىرىنىڭ يۇقىرى باھا بېكىتىۋېلىپ ساختىلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى. ئىسلاھات كومىتېتىمۇ ھەر بىر دورىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسىنى بېكىتىپ بېرىپ، دوختۇرخانىلارنىڭ پارچە سېتىش باھاسىنىڭ شۇنىڭدىن يۇقىرى بوپ كەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلاتتى، بۇ باھا مۇشۇ ساھە كىشىلىرى ئارىسىدا «تورۇس باھاسى» دىيىلەتتى. ھالبۇكى، مۇخبىر تەكشۈرۈش جەريانىدا شۇنى ھەيرانلىق بىلەن بايقىدىكى، گەرچە نۇرغۇن دورا بويۇملىرىنىڭ باھا كۆرسەتكۈچىدىكى باھاسى زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىدىن نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى بولسىمۇ، بۇ خىل باھا بويىچە ھېسابلانغان دوختۇرخانىلارنىڭ پارچە سېتىش باھاسى يەنىلا ئىسلاھات كومىتېتى بېكىتىپ بەرگەن ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسىنى تۆۋەن ئىكەن.
ئىچكى ساھەدىكى بىر مۇتەخەسسىسنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسىنى بېكىتىش، دورا باھاسىنى كونترول قىلىش، دورا باھاسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بوپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، «تورس باھا» دەپ ئاتىلىۋاتقان پارچە سېتىش باھاسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىمۇ زاۋۇت باھاسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يۇقىرىلىقىدىن ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. مەسىلەن، شەندۇڭ فاڭمىڭ دورىگەرلىكى ئىشلەپ چىقارغان 2 مىللىلېتىر 20 مىللىگراملىق 盐酸奈福 سۇيۇقلىقىنى مىسال قىلساق، زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى ھەر بىر تېلىنىڭ ئاران 0.32 يۈەن، بىراق ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسى 35.9 يۈەن قىلىپ بېكىتىلگەن. ئۇنداقتا «تورۇس باھا» قانداق بېكىتىلىدۇ؟ مۇخبىر كۆپ قېتىم باھا نازارەت قىلىش تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپمۇ ئوخشاشلا ھەقىقي جاۋابقا ئېرىشەلمىدى. بۇ باھا كۆرسەتكۈچىدىكى باھا بىلەن ئوخشاشلا بىزگە بىر سوئال بولۇپ قالدى.

ھۆكۈمەت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قويۇۋېتىشى كېرەك

مۇتەخەسىسلەر شۇنى تەكىتلەيدۇكى، دورا شىركىتى، دوختۇرخانا، دوختۇر ۋە يەنە دورا بويۇملىرىغا سودىگەر چاقىرىش تارماقلىرى قاتارلىق بىر قانچە ھالقا ئارىسىدىكى پايدىدىن تەڭ بەھرىمان بولىدىغان «يوشۇرۇن پرىنسىپ» ئۆزگەرمەيدىغانلا بولسا، دوا باھاسىنى زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىغا قايتۇرۇپ ئەكىلىش ناھايىتى تەس. دورا باھاسىنىڭ بۇنداق ئاسمانغا ئېسىلىشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، دورا بويۇملىرىغا سودىگەر چاقىرىشتىكى تۈرلۈك ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزەتكەندىن باشقا، سىياسەت جەھەتتىن تەڭشەش كېرەك.
مۇناسىۋەتلىك سىياسەت بويىچە بولغاندا، ئىككىنچى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئاممىۋىي دوختۇرخانىلار ئەشۇ باھا كۆرسەتكۈچىدىكى باھا بويىچە دورا كىرگۈزىدىكەن، دورىنى كىرگۈزگەندىن كېيىن %15 باھا قوشۇپ بىمارلارغا سېتىپ بېرىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، دورا باھاسىغا مۇنداق باھا قوشۇش سىياسىتىنىڭ تۇنجى مەغلۇبىيىتى دوختۇرخانىنىڭ مۇۋاپىق پايدا ئېلىشى ۋە نورمال يۈرۈشۈشى ئۈچۈن ئىكەن. بىراق بۇ سىياسەت ئەمەلىيلىشىش جەريانىدا دوختۇرخانىلارنىڭ قەستەن يۇقىرى باھادىكى دورىلارنى تاللىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بىر قىسىم دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان باھاسى ئەرزان، ئىتتىك پايدا قىلىدىغان دورىلار بولسا دوختۇرخانىلار تەرىپىدىن كىرگۈزۈلمەيدىكەن.
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى، يېڭى داۋالاش ئىسلاھاتى سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى گۇشى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، دوختۇرخانىلارنىڭ كىرگۈزگەن دورىسىغا %15 باھا قوشۇپ ساتىدىغان بۇ سىياسەتنى تىزدىن تەڭشەش كېرەك، پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا دورا باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسۈپ كېتىشىنى تۈپتىن ھەل قىلىپ، بىمارلارنى پايدىغا ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ. مۇتەخەسسىس مۇنداق دېدى : «ھۆكۈمەت %15 باھا قوشۇۋېلىشنى بىكار قىلسا، داۋالاش ئورگانلىرىغا ئۆزلىرى بېكىتىش ھوقۇقىنى بەرسە، داۋالاش ئورگانلىرى بازار قوغلىشىپ تېخىمۇ ئەرزان، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك دورىلارنى ئۆزلىرى ئىزدەپ تاپىدۇ ئەمەسمۇ؟ ھۆكۈمەت سىياسەتنى قويۇۋەتسە، بىمارلارلا ئەمەس، داۋالاش سۇغۇرتا ئورگانلىرى ۋە دوختۇرخانىلارمۇ ھەممىسى پايدىغا ئېرىشەتتى.»



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. نۆل ۋە بىر 2011.11.26 , 16:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇنىڭغىمۇ بىلمىدىم…پەقەت خوشۇم يوق مۇشۇ كەسىپ بىلەن.:twisted:دىۋان تالىشىش كەسپى بوپ قويىدۇ.:idea:

  2. بەگزادە 2011.11.26 , 17:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دوختۇر،دوختورخانا باشلىغى،پارتىزان دوختۇرلارنىڭ تىزلا بىيىپ كىتىشى بىكا ئەمەسكەندە… بىلىپ قويساق بولغىدەك جاھانغا سىغماي، بىمارلارنىڭ ئاھۇ-زارىغا قۇلاق سالماي پۇلغا كۆنىۋالغان،‹ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر›نىڭ زامانىمىزغا كەلگەندە ئىبلىسقا ئايلىنىپ قالغانلىغىنى…
    ئۇلارنى كۆرەڭلەتكەن، ئاتالمىش يۇقىرى مائاش،يۇقىرى تەمىنات ھەممىسىلا…..

  3. سەرگەردان 2011.11.27 , 10:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :evil:بۇلارنىڭ نەپسى نىمىدىگەن چوڭ!

  4. ئوۋچى 2011.11.27 , 15:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاق خالاتلىق ئالۋاستىلار…..

  5. sazguri 2011.11.27 , 19:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇلار شۇ پىچاق تەڭلەپ تۇرۇپ جانغا تۇرامسە پۇلغىمۇ دەپ بۇلاڭچىلىق قىلدىۈان كىنىشكىسى با قويمىچىلار:twisted::twisted:

  6. دوختۇر 2011.11.28 , 22:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماشەدە تۇرغان ھەممىڭلانى بىر ئېغىزدىن قېنىپ قېنىپ تىللىغۇم كەپ كەتتى ` نىمە ساختىپەز ؟ نىمە قويمىچى ؟ نىمە پىچاق تەڭلەپ تۇرغان بۇلاڭچى `؟ دوختۇرغانىغا كىرگەندە بوچى بولساڭلار پۇلنى پۇل تولەيدىغان يەگە بەمەي دوختۇرنىڭ ئۆزىگە تولەڭلا ؟ قايسى بىرسىڭلار كىسەل بوپ باقمىغان ؟ كىسەل بولغاندا قايسى بىرسىڭلار پۇلنى دوختۇرنىڭ قولىغا بەگەن ؟ (سىرىتتىكى شەخسىيلەدىن باشقا !شۇلاغا بەگەن بولساڭلار ئۆزەڭلىدىن كۈرۈڭلا!) ، دوختۇرلا كۆرگەن جاپانى مايادە نەچچىڭ تارىتساڭ ئوساماي جان بىرشىسە ` كىچە كىچىلەپ مالايدەك كىسەل ساقلاپ ياتسا ،قانداق قىلسام مۇشۇ قېرىندىشىم ساقىياكىن دەپ توختىماي كىتاپ كۆرىدۇ ! كۆزىدىن كەتتى ، بېشىدىكى چېچىدىن كەتتى “ كىم شۇلانىڭ ھالىغا يەتكەن “نوچى بولساڭلا كىسەل بولغاندا دوختۇرخانىغا كەلمەڭلار `پۇلنى جىق ئالغاندىكى ` بىزمۇ خوش ئەمەس كىسەل داۋالاشقا ` كۈندە 1 كىسەل كۆرسەكمۇ بىردۇ شۇ مائاشنى ،1000 كىسەل داۋالىساقمۇ بىردۇ شۇنى “ بىرە قېتىم جاپا چەكتىڭىز دوختۇر ماۋۇ سۇنى ئىچىڭ دەپ باقمايدۇ بەزىلە “بىزغۇ ئۇنىڭغا خۇشتار ئەمەس“ لىكىن مىسرانىمدا كۆرگەندا كىرىپ تازا بىر قايناپ چىقاي دىگەن ،لىكىن تىزىملىتىش خوش ياقمىدى `بولمىسا ………………، كاللاڭلا بوسا ئويلىشىپ جاۋاپ قىلىڭلا ` باھانى ئۆستەگەنلە كىم `سىلە بىلمىسەڭلار توردىن ئاقتۇرساڭلار بولدۇ ،دابىلىيۇ دابىلىيۇ دابىلىيۇ .بەيدۇ.كوم دا با ` بەك بىلەلمىگەنلە بولسا سۆز قالدۇرۇڭ `مانا مەن تەييا `

    • ئۇيغۇربەگ 2011.11.28 , 23:33

      ئاچچىقىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، مەنمۇ سىزدەك ئويدا…:neutral::mrgreen:

  7. 7777777 2011.11.29 , 10:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راس توغرا گەپ قىلدىڭىز ئۈستىدكى قېرىندىشىم ،دوختۇر سېستىرانىڭ جاپاسىنى ما ۋۇلا چۈشەنمەيدۇ ،چۈنكى بۇ يەرگە كىرۋالغانلارنىڭ تولىسى بىكار تەلەتلەر ،ھەممىسى ئەپلەپ سەپلەپ بىر تور بىكەت قۇرۋېلىپ ئېلان چىكپ تاپقان ئۈچ تۆت تەڭگە پۇلىسنى غەلبە ھېساپلاپ بىلمىگەنلىرگە قارغۇلارچە ھۆكۈم يازىدىغانلا.

  8. دىغار 2011.12.07 , 01:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ بولاڭچىلاردىن ۋاكالەتچى، شىركەت، دۇختۇرخانىلار ئومۇميۈزلۈك ھەممىسى، ئەمما دۇختۇرلارنىڭ ئىچىدىن مۇشۇنداق شىرىك بولاڭچىلىق پۇرسىتى تەگكەن ئازغىنە بىر قىسمى. باشقىلىرى بولسا شۇ ئازغىنە دۇختۇرلار ۋە دۇختۇرخانىلار بىلەن بىرلىكتە بولاڭچى كۆرۈنۈپ كىتىدۇ.

  9. كەم سۆز 2011.12.07 , 01:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    اللا بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى كېسەل-ئاغرىققتىن ،دوختۇرخانىغا بېرىشتىن ساقلىسۇن ،،

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量