ئادەم بەدىنىنىڭ 24 سائەتلىك خىزمەت جەريانى
يانفون دېگەن نەرسە چىققاندىن كېيىن، ھەممە ئادەمنى كەچ ئۇخلايدىغان قىلىۋەتتىغۇ دەيمەن. ئۇخلايمەن دەپ يېتىپمۇ يانفون ئويناپ، ئۈندىدار ئويناپ يەنە بىر مۇنچە ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋېتىمىز. سائەتكە قارىساق 12 بولغان، ئەمدى ئۇخلاي دېگەندە قورساق ئېچىۋاتقان، قوپۇپ يەنە بىر نەرسە يەۋاتقان، ئۇ سىڭمەي ئۇيقۇ كەلمىگەن….
مۇشۇنىڭدەك نورمال بولمىغان ئادەتلەر ئاسانلا ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالارنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىدۇ. شۇڭا سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن، نورمال بولغان تۇرمۇش ئادىتىگە دىققەت قىلىڭ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۆۋەندىكى ئادەم بەدىنىنىڭ 24 سائەتلىك خىزمەت جەريانى ھەققىدە بىلىپ قويسىڭىز زىيىنى يوق.
سائەت 1:00 دە ئادەم سەزگۈر ئۇيقۇ ھالىتى (ئۇيقۇنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى) گە كىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاغرىشقا بولغان سېزىمى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ
ھەمدە ئاسان ئويغىنىپ كېتىدۇ.
سائەت 2:00 دە ئادەم بەدىنىدىكى زور كۆپ قىسىم ئەزالارنىڭ خىزمەت سۈرئىتى ئەڭ ئاستا ھالەتتە بولىدۇ، ئەمما جىگەرنىڭ خىزمىتى جىددىي ھالەتكە
كىرىپ، زەھەر تازىلايدۇ.
سائەت 3:00 تە پۈتكۈل بەدەن دەم ئېلىش ھالىتىگە كىرىدۇ، مۇسكۇللار تولۇق بوشىشىدۇ.
سائەت 4:00 تە قان بېسىمى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ، مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىش مىقدارى ئاز بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ۋاقىتتا ياشانغانلاردا مېڭە،
قان تومۇر كېسەللىرىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى يۇقىرى بولىدۇ.
سائەت 5:00 تە ئۇخلاش ئارقىلىق بەدەن قۇۋۋىتى ئەسلىگە كەلگەن بولىدۇ. بۇ چاغدا ئورنىدىن تۇرسا مۇۋاپىق بولۇپ، ئادەمنىڭ زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.
سائەت 6:00 دە ئادەمنىڭ قان بېسىمى ئۆرلەشكە، يۈرەك رېتىمى تېزلىشىشكە باشلايدۇ.
سائەت 7:00 دە ئادەمنىڭ تەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەشكە باشلايدۇ، ئورگانىزملارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ.
سائەت 8:00 دە تېرە زەھەرلىك ماددىلارنى ئاساسەن ئاجرىتىپ چىقىرىپ بولىدۇ. جىنسىي ھورمۇننىڭ سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى ھالەتكە كېلىدۇ.
سائەت 9:00 دا تېرىنىڭ ئاغرىشقا بولغان سېزىمى تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا، بۇ چاغدا ئوكۇل ئۇرۇپ داۋالىسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
سائەت 10:00دا ئادەمنىڭ زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، خىزمەت ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
سائەت 11:00 دە ئادەمنىڭ زېھنىي كۈچى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ، چارچاش ھېس قىلمايدۇ.
سائەت 12:00 دە ئادەم يېرىم كۈن خىزمەت قىلغاندىن كېيىن بەلگىلىك ئارام ئېلىشى زۆرۈر بولىدۇ.
سائەت 13:00تە ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. ئاشقازان، ئۈچەينىڭ خىزمىتى جىددىي ھالەتكە كىرىدۇ
. تاماق يېسە مۇۋاپىق بولىدۇ. بۇ چاغدا ئادەم سەل چارچاش ھېس قىلىدۇ، مۇۋاپىق ئارام ئېلىشى زۆرۈر.
سائەت 14:00 تە ئادەمنىڭ غىدىقلىنىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، پۈتكۈل بەدەننىڭ ئىنكاسى ئاستىلايدۇ.
سائەت 15:00 تە تەن تېمپېراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېتىدۇ. خىزمەت ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ.
سائەت 16:00 دە قان قەنتى ئۆرلەيدۇ.
سائەت 17:00 دە ئۆپكىنىڭ نەپەسلىنىش ھەرىكىتى ئەڭ ياخشى ھالەتكە كىرىدۇ، خىزمەت ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ.
سائەت 18:00 دە ئادەمنىڭ ئاغرىشقا بولغان سېزىمى تۆۋەنلەيدۇ.
سائەت 19:00 دا قان بېسىمى سەل ئۆرلەيدۇ، كەيپىياتى ئاسانلا تۇراقسىزلىشىدۇ.
سائەت 20:00 دە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك، چوڭ مېڭىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ تېز بولىدۇ.
سائەت 21:00 دە نېرۋا سىستېمىسى ئەڭ جانلىق ھالەتكە كىرىدۇ، ئۆگىنىش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
سائەت 22:00 دە نەپەسلىنىش ئاستىلاشقا باشلايدۇ. تەن تېمپېراتۇرىسى تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ.
سائەت 23:00 تە ئورگانىزملار ئارام ئېلىش ھالىتىگە كىرىپ، بىر كۈندىكى چارچاش تۈگەشكە باشلايدۇ.
سائەت 00:0 دە ئادەم ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرىدۇ. تەن قۇۋۋىتى ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، ساغلاملىق، سالامەتلىك
- يازمــا مەنبەســى: مىسرانىم تورى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,744 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 22-كۈنى
- يازما مەنزىلى: human-body.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ﺋﯩﻨﺎﯞﻩﺕ ﻛﺎﺭﺗﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﻧﻜﺎ ﮪﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﺗﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﺮﻻﺭ
- كېيىنكى يازما > پىۋا قورساق پىۋىنى جىق ئىچكەنلىكتىن چىقامدۇ؟
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- بالدۇر بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان 10 ھېكمەت
- رېئاللىق ھەمىشە رەھىمسىز كېلىدۇ | كىنو ۋە رېئال تۇرمۇشتىكى پەرق(2)
دىۋان دىگەن قانداق نەرسە ئۇ ؟
ھەي توۋا قاچان مۇشۇ دىۋاننىڭ گىپى چىقتى ، بولدى تۇرمۇش دىگەن ئاجايىپ قالايمىقان ، تاماق يىگەندە ، سىنىپتا ، يولدا ، خالادا ئىشقىلىپ نەدىلا بوسۇن دىۋان دەپلا يۈرۈتۈم … كىچىسى ئويغۇنۇپ كىتىپ قالسام چالا ئۇقۇلۇق تورخۇماردىكى دىۋاننى بىر يوقلىۋىتىپ ئاندىن خاتىرجەم ئۇخلايتىم ، نەچچە كىچە ئۇيقۇسىز قويغان مۇشۇ دىۋان … ھازىر دىۋانچىلىق كىسلىدىن سەللىمازا ساقيىپ كەتتۇق ، شۈكرى …
قايسى ۋاقىتتا ئارام ئاساق بولار؟
ئۇيقۇڭىز كەلگەندە …
بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك تىمىكەن. كەش بولغاندا تىلفۇننى ئازىراق ئويناپ بالدۇر ئارام ئالساق بولغىدەك جۇمۇ . مەن ئادەتتە 12 لەردە ئۇخلايتىم بۇندىن كىيىن دىققەت قىلساق بولغۇدەك.
بۇ دەل ئۈزىنى ئالداش پىسخىكىسى ، بەك ياخشى گەپ بۇ ، لىكىن ئاقمايدۇ … تەن ساقلىق زور بايلىق دىگەننى ھەققى چۈشەنسەك ئاندىن بۇلىدۇ … مەنمۇ ئۇزۇن يىل كىچىسى تېلفۇن ئويناپ كۈزەم كاردىن چىقاي دىگەندە توختاپ قالدىم ، قىسقىسى قورقتۇم … ھازىر كەچتە يېرىم سائەت كىتاپ ئۇقۇپ قۇيىمە ، كۆز خۇمالاشقاندا بولدى كەتتۇق …
كىچىسى خىزمەت قىلىدىغانلا راك كىسەل بولغان رەمەتلىك جوبىس بىلەن لى كەيفۇ دىگەن بالىنى ئويلاپ قۇيلى ، ھۆرمەت دىسە ھۆرمەت ، پۇل دىسە پۇل بار ، ئەسقاتمايدىكەن …
ئۇزۇن مەزگىل كىچىسى خىزمەت قىلىپ كۈندۈزى ئارام ئېلىپ بىئولوگىيىلىك سائىتى ئۆزگىرىپ قالغانلارنىڭ قانداق بۇلىدىغاندۇ؟
سەن كىم دىسە جاۋاپ بىرەلمەيدىغان دوختۇرلاردەك بولىدۇ
ۋاي تاڭ قاچانلاردىن تىلفۇنۇمغا ئۈندىدارنى چۈشۈردۇم،سائەت 12دىن كىيىن ئۇخلايدىغىان بوپ قالدىم ،
ئاپتورغا دىققەت قىلىپ باقتىڭلارمۇ؟
يۇقاردىكى ۋاقىتلار ۋاشىنگىتون ۋاختىمۇ ياكى ئۇرۇمچى ۋاخىتىمۇ ؟
يەرشارى ۋاقتى
قايسى رايون ۋاقتى ھېسابلاندى؟
ھەربىر ئىنسان تۇرىۋاتقان يەرنىڭ ئۈزىنىڭ يەرلىك ۋاقتى
تېما ئېگىسىگە رەھمەت!
پايدىلىق تېمىكەن
بەلەن تېما!!!! رەھمەت نامسىز قەھرىمان!!…