ساغلاملىققا زىيانلىق بولغان 6 خىل يامان ئادەت !
1. تىرناك چىشلەش
ئەگەر سىزدە قورقۇنۇچلۇق فىلىم كۆرۈۋېتىپ ھاياجان يۇقۇر پەللىگە چىققاندا ئىختىيارسىز ھالدا تىرنىقىڭىزنى چىشلەيدىغان سەت قىلىق بولسا ۋاقتىدا ئۆزگەرتىڭ. چۈنكى بۇ خىل ئادەت ئېغىز بوشلىقىمىزدىكى بىر قىسىم باكتىرىيەلەرنىڭ ئېغىز ئەتىراپىدىكى تېرە ھۆجەيرىلىرىگە زىيان سىلىش بىلەن بىرگە تىرناقتىكى باكتىرىيەلەرنىڭ ئېغىز بوشلۇقىمىزغا كۆچۈپ كىرىشىگە شارائىت ھازىلايدۇ ھەم چىش ۋە نەپەس يولى ياللۇغى پەيدا قىلىدۇ.
2. چاچ دەزماللاش (拉扯)
گۈزەللىك ئىستىگۈچىلەرگە نىسپەتەن دائىم چاچقا دەزمال سېلىش ئانچە چوڭ ئىش ئەمەس. لېكىن دائىم چاچقا دەزمال سېلىش باش تېرىسىگە نىسپەتەن مۇئەييەن زىيان ئىلىپ كىلىش بىلەن بىرگە مەزگىللىك ياكى مەڭگۈلۈك چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن. دائېملىق چاچنى دەزماللاش ھەتتا بىر خىل پىسخىكلىق كىسەللىك دەپمۇ قارىلىدىغان بولۇپ، پىسخىكىلىق داۋالاش ياكى دورا ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق داۋالىنىش كېرەك.
3. بويۇن تولغاش
ئادەتتە ئوغۇللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ بىر قىسىملىرى ھوللىۋودنىڭ فىلىملىرىدىكى قەھىرمانلاردىن دوراپ قىلسا بىر قىسىملىرىمىز راھەت ھېس قىلغان دائىم بويۇن تولغايمىز. شەخشەن كەمىنىمۇ كومپىيۇتېر ئالدىدا كۆپ ئولتۇرۇپ چارچىغاندا بويۇنلىرىمىنى تولغاپ غاراس-غۇرۇس چىققان ئاۋازلاردىن ھوزۇرلۇنۇپ كېتىمەن. لېكىن مىدىتسىنادا بۇ خىل ئادەت چەكلىنىدىغان بولۇپ ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرغاندا بويۇن ئومۇرتقىسى ئەتىراپىدىكى پەي ۋە كىچىك بوغۇملارنى زەخىملەندۈرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ دەل بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇشنىڭ يىتەرلىك سەۋەبى بولالايدۇ. ئاز ۋاقىتلاردا بويۇن قىسىمنىڭ زەخىملىنىشى سەۋەب سەكتە بولۇشنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. يۈزىنى سىلاش
ئەمدىغۇ يۈزىمىز ئۆزىمىزنىڭ بوغاندىكىن سىلاپ قويىمىز مەسلىكىمىز كېلىپ. ھەتتا كۆپ ھاللارغا يۈز تېرىسىنى سىلاپ بېرىش قان ئايلىنىشقا پايدىلىق دەپمۇ قويىدۇ(ئۆزەمچە). لېكىن ما مىكرو قاراشلارغا ئاساسلىنىپ باھا بەرگەندە يۈز تېرىسى ئىنتايىن نىپىز بولىدۇ. دائىم يۈز تېرىسىنى سىلاۋەرگەندە ياكى دانىخورەك دىگەندەكلەر بىلەن ئىتىشىۋەرگەندە يۈز تېرىسىنى زەخىملەندۈرۋالىمىز. قاناپ كەتكەن ياكى يىڭى يارا تۇتقان يەرلەر بولسا ئەڭ ياخشىسى تولا ئىتىشماڭ. بەك قىچچىشىپ كەتسە دورىلىق سۇيۇقلۇقلار بىلەن دېگزىنفىكسىيەلەپ قويۇڭ.
5. چىش غۇچۇرلىتىش
ئادەتتە چىشىمىزنى چىڭ چىشلىگەندە ياكى غۇچۇرلاتقاندا بىسىم ئارتىپ كەتسە ئاسانلا ئېغىز بوشلۇقى سالامەتلىكىگە تەسىرى يىتىدۇ. چىش يېرىلىش ياكى دەز كېتىشى ئىنىق. مىدىتسىنا نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا بۇ خىل ئەھۋالدا يەنىلا مۇنتىزىم داۋالاش ئارقىلىق چىش تاجىسى ۋە جىش يىلتىزىگە نىسپەتەن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىلىپ بېرىش كېرەك. سەل قارالسا ياكى داۋاملىق شۇنداق قىلىۋەرسە ئاستىنقى ئىڭەك بوغۇملىرىنىڭ زەخىمگە ئۇچۇرشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كىشىلەرنىڭ چىش غىچىرلىتىشى ئادەتتە يۇقىرى بىسىم پەيدا قىلغان ئنكاس بولۇپ، ئەمما كۆپ ھالدا چىش غىچىرلىتىش يەنىلا كىسەللىك ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ. مەسلەن چىش رېتىمسىزلىقى ياكى زەخىملىنىشى دىگەندەك. يىغىپ ئېيتقاندا بۇ خىل ئادەتكە سەل قارىماق ۋاقتىدا داۋالىتىش لازىم.
6. كەمپۈت يىيىش
سۈت كەمپۈت ھەققىدە دىمەيلى. ئادەتتە قاتتىق كەمپۈتلەرنى يىگەندە چىش يۈزىدە قالغان كەمپۈي قالدۇقى قۇرت يىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى كەمپۈت قالدۇقى چىش باكتىرىيەلىرىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ چىش چىرىتىشكە بەلگىلىك شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە يۇقۇردا ئېيتىلغان بايانلارغىن كۆرە كەمپۈتنى كۈچەپ چىشلەش چىش زەخىملىنىشنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىين.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، ساغلاملىق، سالامەتلىك
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,989 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 02-ئاينىڭ 18-كۈنى
- يازما مەنزىلى: 6-kinds-of-harmful-to-health-habits.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > پىۋا قورساق پىۋىنى جىق ئىچكەنلىكتىن چىقامدۇ؟
- كېيىنكى يازما > دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مەزگىلىدىكى قىز-ئوغۇللار پائالىيەت قوللانمىسى
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- بالدۇر بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان 10 ھېكمەت
- رېئاللىق ھەمىشە رەھىمسىز كېلىدۇ | كىنو ۋە رېئال تۇرمۇشتىكى پەرق(2)
باللا قاراپ بېقىڭلار لوممىدە قىلىدۇ يۆگەپ قويغان خېمىرنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قالمىغانمە؟
نەدە خېمىر ؟ مىخ تۇرىدىغۇ قارىسام ؟ شۇندامۇ يا باللا ؟
دىۋانكەن خېمىردا ئولتۇرۋالماپلا !
مىخ؟ مەن قالىسامغۇ قىپ قىزىل چوغنىڭ تۆپىسىدە ئوتتۇرۋاپلا … دىۋان بالاسىدا چوغمۇ كار قىمماس بوپتۇ مانا
ۋاي توۋا نىمىش بۇ ، چېچىمنى دەزماللاشتىن باشقا ھەممىنى قىلىدىكەنمە … تىزدىن تۆۋە قىلاي
ھېچكىم قاراپ بەمىدىڭلار ھە خەپ… ئۈزۈم قارىسام مەخمەل كىرىسلوكەن…
Forever كىرىسلونىڭ ئاستىدىن قاراپ چىقىپ قالغان مىقىنى كۆرۈپ قاپسىز ….
ئابومجان مەشكە كۆمۈر سېلىۋاتقاچ ئىنكاس يازغان چېغى كۆزىگە چوغ كۆرۈنۈپ قاپتۇ مانا…
ھە ھازىر كۆمەگە ماڭدىم ، ئاستىللىرىدىكى چوغ ئۈچۈپ قالاي دەپتۇ ، ئۈچۈپ قالسا يەنە نەلەرگە چوغ ئىزدەپ كىتىپ قاممىغايلا
يوۋ،ۋېروس قايتىپ كەپتۇ مانا،ئالدىنقى قېتىم تېما يوللىغان ۋاقتى قاچان بۇغىيتى.مۇنداق يۇقلاپ تۇرلى دەيمەن خۇماداشلانى.
يىڭى مەزمۇن چىقمىغىلى خىلى بۇغان ئاخىرى چىقىپتۇ كۆزلە بەش بۇپ كەتكەن خۇمار تۇتۇپ .مەن تىخى تەتبىركارنى چەتئەلگە ساياھەتكە كەتكەن چىغى دەپ ئويلىغان .
مەنمۇ بۇيۇن ھەركىتىنى دايىم ئىشلەپ قۇياتتىم ئەمدى قۇقتۇم .ئاللا ساقلىسۇن
1-تىرناك چىشلەش—–ئەسلى تىرناق بولغىيتتى، ئىملاغا دىققەت قىلايلى قېرىنداشلار!
داۋامى بار، كوررىكتوردىن ئۆتمىگەن كوپىيە ئۇقۇشماي يوللىنىپ كېتىپتۇ. بوپتۇ دەپ ئاخىرىنىمۇ يازمىدىم.
دىققەت قىلماي بولمايدىكەن بولاپما كەمپۈت يىيىشكە، چىش ئاغرىقى ئاغرىق ئەمەس چىش ئاغرىغانغا ئادەم ئۆلمەس
بۇرنى قانىغان يىغلاڭغۇ ۋىرۇس
1جىسى بىلەن2جىسىدىن باشقا ھەممىسىنى قىلدىكەنمەن دىقەت قىلسام بوغىدەك رەھمەت ۋىروس جان
拉扯نى دەزماللاش دەيدىغانلىقىنى ئۆگىنىۋالدىم…
پات – پات خۇشلىقىم تۇتۇپ قالسا دوستلىرىمغا ئوغۇللارنى دوراپ بېرىمەن، دەپ بويۇن تولغاپ قويۇشلىرىم بار ئىدى، قەتئىي دىققەت قىلاي