8 نەپەر پەن-تېخنىكا ھۆكۈمرانلىرىنىڭ كومىك ئوبرازى! جوبز جادۇگەرگە ئوخشىتىلغان
7-ئاينىڭ 28-كۈنى، PCWorld بۇ 8 نەپەر پەن-تېخنىكا ھۆكۈمرانى ئۈچۈن مەخسۇس كومىك رەسىم لايىھەلەپ ئېلان قىلغان، ئۇنداقتا بۇ كومىكلار ھەقىقەتەن بۇ گىگانت شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى يورۇتۇپ بېرەلىدىمۇ يوق؟ تۆۋەندە بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.
1. ستىۋ جوبز
ئۆزى قۇرغان ئالما شىركىتىدىن ھەيدەلگەن جوبز، نۇرغۇن ئازاپ-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ياسىغان. ئۇ ھازىر «رېئاللىقتىكى خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيدىغان سېھرىگەر»گە ئايلىنىپ قالدى، ئۇنىڭ زالىم پادىشاھتەك مۇكەممەلىزىمچىلىكى، ئۇنى خۇددى سېھرى كۈچى باردەكلا كۆرسىتىدۇ، دېمىسىمۇ دۇنيادا نەچچە يۈزمىڭ ئادەم ئۇنىڭ ئۈچۈن بىلىپ بىلمەي مەستانىلەرچە ئىشلەۋاتىدۇ.
2. بىل گەيتىس
گەيتىس خۇددى تۆمۈر پالۋان(IRON Man) غا ئوخشايدۇ، مەشغۇلات سېستىمىسى ۋە ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش يۇمشاق دېتاللىرىنى ئېچىشتىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇ نۇرغۇن بايلىق ۋە نام-شۆھرەتكە ئېرىشتى. بىراق، خۇددى تۆمۈر پالۋانغا ئوخشاش، ئۇ بۇلارغا قىلچە قىززىقمايدىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ھەققانىيەتنى ياقىلاپ، ئافرىقا قاتارلىق جايلاردىكى نامرات رايونلارغا نۇرغۇن مال-مۈلۈك ئىئانە قىلدى.
3. لاينۇس تورۋالدس
لاينۇر تورۋالدس باشقۇرۇش، ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان خاسىيەتلىك ئادەمگە ئوخشايدۇ. Linux ئاتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ كومپيۇتېر كەسپىنىڭ ئېچىۋېتىلىشىگە ۋە ئەركىنلىك قۇرۇلىشىغا نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشتى.
4. ئادا لوۋلېس
دۇنيادىكى بىرىنچى پروگراممېر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ قىلغان ئىش ئىزلىرىغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. ئۇ 1800-يىللىرىلا، Analytical Engine نى تەتقىق قىلىشنى باشلىغان ئىدى. ئۇ خۇددى بىر خەير-ساخاۋەت ئۈسكۈنىسىگە ئوخشاش، كىشىلەر نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنىڭ بىلەن ھەپىلىشەتتى.
5.مارك زاكېربېرگ
مارك باشقىلارغا ئوخشاش دەرىجىدىن تاشقىرى پالۋان ئەمەس، ياكى ئالاھىدە ئىقتىدارىمۇ يوق، بىراق ئۇ دۇنيادا ئاغىنىسى ئەڭ جىق ئىنساننىڭ بىرى. ئۇنىڭدا بار كىشىلەرنىڭ ئارخىۋى ۋە شەخسى ئۇچۇرلارنى غايەت زور دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئۇچۇرلاردىكى ئالاھىدىلىكلەر بىرلەشتۈرۈپ facebook دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ.
6. لارى ۋە بىرلىن
گۇگېلنىڭ بۇ ئىككى نەپەر قۇرغۇچىسىنىڭ نىشانى بولسا، دۇنيادىكى بارلىق كىشىلەرنى گۇگېلدىن ئىبارەت بۇ سەھنىدە تىنچ جەڭ قىلىش ۋە ئادالەتسىزلىكنى يوقىتىش. ئۇلار دائىم قىلىمەن دېگىنىنى قىلىپلا كېلىۋاتىدۇ، ھازىر يەنە تېخى بۇلۇتلار ئارا ھېسابلاش ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ كەتتى. بۇلارنىڭ ئارقىسىدا يەنە بىر تەڭداشسىز قوشۇن – Android ھەر زامان باستۇرۇپ كېلىش ئېھتىماللىقى بىلەن تۇرماقتا!
7. ستىۋ بالمېر
Vista، Zune قاتارلىقلارنى گەرچە بالمېرنىڭ مەغلۇبىيىتى دېگىلى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇ دەل شۇ تارىخى پەيتلەرگە توغرا كېلىپ قالدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۇ ئىزچىل CES مەركىزىنىڭ سەھنىسىدە توختىماي: پروگرامما ئاچقۇچىلار! قېنى سىلەر! دەپ ۋاقىراپ تۇراتتى.
8. كارول بارز
بارز ھازىر قاتتىق تىرىشىپ ياھۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن ئاۋارە، بىراق سىرتقى دۇنيانىڭ ئۇنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلىغا نارازىلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغاچ، Google بىلەن FaceBook ئۇلارنىڭ ھەرقايسى كەسىپلىرىنى پەيدىنپەي يەۋېتىپ بارماقتا.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [Blog ساۋاتلىرى,چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، facebook، Google، it، Microsoft
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,257 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 08-ئاينىڭ 02-كۈنى
- يازما مەنزىلى: giant-caricature-of-science.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كۈلكىلىك ئىختىيارى توپ، بىزنىڭ كۈلكىمىز – دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەڭ زور بەختى!!!
- كېيىنكى يازما > NVIDIA GPU ئارقىلىق 80 دەقىقە ئىچىدە مونالىزانى سىزىپ چىقىش | CPU vs GPU
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- ئالمىنىڭ يېڭى MacBook سى چىقىپتۇ، يامان سەتەڭ دەيدۇ
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- ئىنتىلنىڭ ۋىرۇس خاراكتېرلىك ئېلانى – شىركەتتە ئادەم قالمىغاندا، خىزمەتچىلەر شاشلىشىپ كېتىدۇ
- مىكروسوفتقا قايتىپ كەلگەن بىلگەيتىس بىر كۈن ھەپىلىشىپ Win8.1 نى قاچىلىيالماپتۇ
- نوكىيا ئاندروئىد تۇمانلىرى : Google قوللاشقا ئېرىشىدۇ، مىكروسوفت نەپكە ئېرىشىدۇ
- تارىخقا نەزەر: ناۋادا iPhone بولمىغان بولسا، Android نىڭ تەققى-تۇرقى قانداقراق بولار ئىدى؟
- Apple ھەققىدىكى سىز بىلمەيدىغان 10 كىچىك ئىش
- Google كۆزئەينىكى ھەققىدىكى ھەقىقىي تەسىرات كۆرۈنۈشلىرى
- 13 يىلدىن بېرى، Apple تۇنجى قېتىم كوكا-كولادىن ئېشىپ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ماركىغا ئايلاندى
دىۋانغا يىڭى مىھمان كەلدى .
دۆلىتىمىزدىكى 360، 720 ،QQ, Baidu دېگەنلەرنىڭكىنىمۇ سىزىدىغان يەرگە كەلدى.
ئەتىلا سىزىدۇ.
ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى ۋىروس ،تەدبىركار ، يۈكسەل، ۋەتەن،ئۇيغۇربەگلەرنىمۇ سىزىدىغان ۋاق كەلدى … مېنىڭچە بۇ ۋەزىپىنى سەرالىق ئۆز ئۈستىگە ئالسا بولغۇدەك !
مەن ئۆزەمنىلا سىزىۋېتەي ئەمىسە.
پرېستان=
پەچەت سىزىپسىز!
پىرىخون ئېسىل جۇما لىكىن! ئەدەتسىز قايىل مەن!
ئەتە ئۆگۈن تەدبىركار كامنىمۇ سىزىمىز دەيمە!
ئوبرازلىق بۇلۇپتۇ. بۇ گىگانىتلارنىڭ بىرنەچچىسىنى مەن تۇنۇمايدىكەنمەن.
خاپا بولماي نىمە ئادەم ئىكەنلىكىنى دەپ بەرسىلە؟ باج ئالمىغاندىكىن…
سىزغاندىكىن ئۆزىمىزگە قوبۇل قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ سىزمامدۇق،
تەدبىركارنى—-سەلەي چاققان
ۋەتەن——چىن تۆمۈر باتۇر
ئۇيغۇربەگ—–ئەپچىلەم
يۈكسەل——سادىر پالۋان
ۋىرۇس—–غېنى ئوغرى
پېرىستان—–غازىباي
تەدبىركار دېگەن سۆزنى ئاڭلىسام غاڭزىسىغا تاماكا بېسىۋاتقان جىشىياۋلەن يادىمغا كېلىدۇ جۇمۇ
لاينۇس تورۋالدس
لاينۇر تورۋالدس باشقۇرۇش، ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان خاسىيەتلىك ئادەمگە ئوخشايدۇ. Linux ئاتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ كومپيۇتېر كەسپىنىڭ ئېچىۋېتىلىشىگە ۋە ئەركىنلىك قۇرۇلىشىغا نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشتى.
بۇ يەردىكى لىنكۇس ئاتىسىنىڭ ئىسمى خاتا ئاتىلىپ قالدىمۇ نېمە ؟
لاينۇر تورۋالدس – لىنكۇس تورۋالدس
ياق خاتا ئەمەسقۇ