گانا كىنو بايرىمىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن قىسقا فىلىم – قارا ئۆڭكۈر
بۇنداق قىزىقارلىق ۋە مەنىلىك فىلىم كۆرۈپ باقمىغىلىمۇ خېلى ئۇزۇن بوپتۇ، قايتا-قايتا نەچچە قېتىم كۆرۈش جەريانىدا ئاز بولمىغان نەرسىلەرنى ھېس قىلدىم، ئۈچ مىنۇتقا يەتمەيدىغان بىر قىسقا فىلىمدە، ئىنسان تەبىئىتىدىكى قارا ئۆڭكۈر ۋە ئىنسانلارنىڭ تۇيۇقسىز ئېرىشكەن كۈچ-قۇدرەت ئالدىدا خۇدىنى يوقىتىپ قويۇشتەك چوڭقۇر بىر مەنا ئىپادىلەنگەن…
بۇ فىلىم سىنئالغۇ لېنتىسى ۋە سودا خاراكتېرلىك ئېلان بىلەن نام چىقارغان كانادالىق Philip Sansom ۋە Olly Williams ھەمكارلىشىپ چىقارغان ئەسەر بولۇپ، فىلىمنىڭ نامى «قارا ئۆڭكۈر(The Black Hole)»، ئىلگىرى گانا كىنو فېستىۋالىدا(Cannes Short Film Corner) يۇقىرى باھالارغا ئېرىشكەن، فىلىمدە تەسۋىرلەنگىنى بولسا، بىر كىچىك شىركەت خىزمەتچىسى ھەپتە ئاخىرىدا سېمىنا قوشۇپ ئىشلەۋاتقان چاغدا، ئېھتىياتسىزلىق بىر پارچە قارا ئۆڭكۈرنى بېسىپ چىقىرىپ سالىدۇ، بۇ قەغەزنى ھەرقانداق فىزىكىلىق جىسمغا قويۇپ تۇرۇپ، قولنى قارا ئۆڭكۈردىن كىرگۈزگەندە بۇ فىزىكىلىق جىسمنىڭ قارشى تەرىپىگە بىمالال ئۆتكىلى بولىدۇ، ئۇنداقتا بۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ياخشى ئىشمىدۇ يامان ئىشمىدۇ؟ تەپسىلاتىنى فىلىمدىن كۆرۈپ باقايلى.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: سىن,قىزىقارلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 718 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 08-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: cannes-black-hole.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > گىتتار يوق؟ iPhone بولسىمۇ بولاۋېرىدۇ – ئۇيغۇر يىگىتنىڭ ئورۇنلىشىدا: ئاي يۈزۈڭنى كۆرمىدىم
- كېيىنكى يازما > قىزىل ئارمىيە ئىجادىيەتنى توختاتقىنى يوق – ۋاسكېتبول ماھىرى فىلىمىنىڭ ناخشىلىرى!
فىلىمدىكى ئاۋۇ ئادەم رەسىمى تويماس بىر ئادەمكەن جۇمۇ..ئاخىرى ئۆزىنىڭ بېشىغا چىقتى..
ئىشقىلىپ ئىنتايىن چوڭقۇر پەلسەپىۋى مەنە يوشۇرۇنغان بىر ئىجادىيەت ئىكەن
ئالتۇن بىلىق….
بەكلا مەنىسى باركەن ، ياخشى دىسە تېخى يامان دىسە تېخى ھەي ئىشقىلىپ بەكلا