دۇنيا بويىچە 102 خىل مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مىكرو كارتون فىلىم، نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟
جەمئىيەتتە مەيلى سىز قايسى ئورۇن، قايسى سالاھىيەتتە بولۇڭ، ئۆزىڭىز قىلالايدىغاننى ئۆزىڭىز قىلىڭ. سىز ياخشى مۇلازىمەت قىلسىڭىز، ياخشى مۇلازىمەتكە ئېرىشسىڭىز… باشقا تەپسىلاتلارنى يەنىلا كۆپچىلىك بىلەن بىرگە ھوزۇر ئالسام دەيمەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، جەمئىيەت، قىزىقارلىق، كارتون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,809 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى
- يازما مەنزىلى: received-102-awards-around-the-world-animated-short.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > دەھشەت قىزىقارلىق! مۈشۈكلەرنىڭ ئەسنىشىگە ئاۋاز بېرىلسە قانداق بولار؟! كۈلۈپ تارتىشىپ قالىسىز!!!
- كېيىنكى يازما > ئانچە يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە، مەخسۇس فوتوگرافقا بولغان ئېھتىياج بەلكىم پۈتۈنلەي يوقىلىشى مۇمكىن!!!
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- مۇھەببەت ھەققىدىكى تەسىرلىك قىسقا فىلىم – سوۋغا
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
قاچانغىچە مۇشۇنداق باشقىلار ئىشلىگەنگە ھەۋەس قىلىپ ئۆتەرمىزھە!
بۈگۈن دىۋان ماڭا ئوڭىچە قاپتۇدە .
ئۇنداق ئاسان ئوڭچە قالمايدۇ
بۈگۈن بىر دىۋانە تالادا قاپتۇ …
ھەممە نەرسىلەرنىڭ تۇرمۇشقا ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلىرىنى نامايان قىپتۇيۇ ، لىكىن ئورنىنى ئىنسانلار ئىگەللىۋالغاندەك قىلىدۇ .بۇنداق بولغاندا كىشلەرنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىك ئورنى شەكىللەنمەمدۇ قانداق .خۇددى ھەممە ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ۋەزىپىسى باردەكلا ھېس قىلدىم .
مەن بۇ كارتوننى كۈرۈپ بىر نەرسىنى چۇشۇنالمىدىم
بەك مەزمۇنلۇق ئىكەن ، ھەقىقەتەن قايىل قىلارلىق
ئادەملەرنىڭ ئورنىنى بەكلا كۆرۇنەرلىك كۆرسىتىۋەتتىمۇ قانداق … ئىشقىپ مەنىسى بەكلا كۆپكەن بۇ كارتوننىڭ …
ئاۋۇ چىراق بولغان ئادەمنىڭ خىزمەتكە چىقىش جەريانى بولغان بولسا تېخىمۇ پەيزى چىقار كەن.
مەن بۇنى پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى بولمىغان بولسا، يەنە ماشىنا ،توك ، گاز ، چىراق قاتارلىق ئىنسانلارنىڭ نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلېرىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغان نەرسىلەر بولمىغان بولسا ئىنسانلار ئۆزى مۇشۇنچىلىك جاپا تارتىشقا توغرا كېلەتتىكەن دەپ چۈشەندىم. يەنە بىر تەرەپتىن شۇ نەرسىلەر بولمىغان بولسا نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسلىلېرىنى ھەل قىلغىلى بولغان بولاتتىكەن دەپ چۈشەندىم ! مېنىڭچە مۇشۇ كارتون فىلىمنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغىنى بولسا كېرەك. كۆپلىگەن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكىنى نەق شۇ ئەكىس ئەتتۈرگەن مەناسى ھەرخىل بۇلۇشى مۇمكىن. مۇھىت ئاسراش مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشكەندۇ ، ماشىنا بولماي ئادەم ئادەمنى كۈتۈرۈپ ماڭسا ،چىراق ئورناتماي توكنى ئسراپ قىلمىسا ھەقىقى جەھەتتىن تۆۋەن كاربونلۇق دىگەن ئۇقۇمغا يېقىن كىلىدىكەن!
قالتىس تەھلىل!
تۇرمۇشىمىزدا شۇنداق بەزى ئادەملەر باركى، ئۆيگە كىرسە بالا چاقىللىرىنى گەپ قىلغىلى قويماي، ئاغزىغا قۇلۇپ سېلىپ قويىدىغان، ھە دىسلا ئۆز كۈچىگە تايانماي، باشقىلارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، باشلىقىلارنىڭ دۈمبىسىگە مىنىۋالىدىغان، ئەمەلىيەتتە بولسا قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەي باشلىقلىرىنىڭ ئايىقىغا باش قويىدىغان، پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ياشايدىغان…
مەن مۇشۇنداقراق چۈشەندىم…
غوجامنىڭ غوجىسى بار، چامغۇرنىڭ ئورىسى .
مەن ئىدىقۇت جاناپلىرى چۈشەنگەندەك چۇشىنىپتىمە
مەنمۇ ئىدىقۇت ئەپەندىمنىڭ پىكىرى بىلەن ئوخشاش چۈشىنىپتىمە، ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ تىگىشلىك مەسئۇلىيتىنى باشقىلارغا سەپ سىلىپ ئىچى تارلىق قىلىپ غەيۋەت قىلىش ئەمەس بەلكى ئۆزى ئادا قىلىشى كىرەككەن ، مەيلى ئۇ بىر كىشىلەر دەسسەپ ماڭىدىغان پالاز بولسىمۇ…
مېنىڭچە بۇ كارتوندا جەمىئەتتە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئورنى بولىدۇ، مۇشۇ ئورۇندا ياشاش جەريانىدا ئۆزى بىلىپ-بىلمەي باشقىلارنى مۇلازىمەت قىلدۇرىدۇ ھەم بىرلا ۋاقىتتا باشقىلارغا مۇلازىمەت قىلىدۇ دېگەن مەنا يۇرۇتۇپ بىرىلگەندەك قىلىدۇ. كۆرمۈدۈڭلارمۇ؟ ئۆيىدىن چىقىپ ئىشقا كەلگۈچە شۇنچىلىك ئادەملەرنى ئۆزىگە مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا بېرىپ باشقىلارغا مۇلازىمەت قىلدى، يەنى ئۆزىنىڭ جەمئەتتىكى ئورنى ـــــــــ پالاس دېگەن ئورۇنغا بېرىپ باشلىقىغا مۇلازىمەت قىلدى.
ياخشى تەھلىل ،لىكىن ئدىقۇت باشلانغۇچ مەكتەپ باللىرىنىڭ سەۋيەسىدە چۇشەنگەندەك قىلىدۇ،
بۇ فىلىم مىنى كۆپ ئويلاندۇرۇپ قويدى ، مەن ئەسلى نەدىكى بىر خىياللارنى قىپ كىتىپتىكەنمەن ، ما تورداشلارنىڭ سۆزلىرىنى كۈرۈپ ئۈزۈمنىڭ بەك غەلىتە ئويلاپ كەتكەنلىكىمنى ھىس قىلىپ ، راسا كۈلۈپتمەن ھا ھا ھا ھا(فىلىمگە ئەمەس ئۈزۈمنىڭ خىيالىغا )
ياخشىكەن
ئاداش ئىسمىڭىز ئاتا«تۈۋرۈك، (تۈرۈك)» ما
مەن بۇفىلىمنى كۇرۇپ سەلەي چاققاننىڭ ‹كىمدىن قورقىدۇ›دىگەن لەتىپىسى ئىسىمگە كىلىپ قالدى ھاياتلىق زەنجىرى دىگەندەك بۇمۇ بەلكىم مۇلازىمەت زەنجىرى بولسا كىرەك
ئىدىقۇت ئاداش راس باشلانغۇچنى ئوقۇۋىتىپتۇ تېخى! تەقەززا ئاداشنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن.
ئورۇنلۇق تەھلىللەر…100 دىن كوپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن فىلىم ئەلۋەتتە بىرلا مەزمۇننى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇدە…
باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلسا ئۆزى شۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ.كىمىدىن قالمىغان جاھان بۇ ؟ئۆتنە ئالەم دىگەن شۇ،نى نى پادىشالارمۇ،غىرىپلارمۇ ئۈتۈپتىكەن ، شۇڭا باشىقلارغا مۇئامىلە قىلغاندا ئەڭ ياخشىسى ئۆزىنى شۇ ئادەمنىڭ ئورنىغا قۇيۇپ ئويلاش بېقىش كېرەك. دەۋىر ئالدىدا تەڭ بولمىغان بىلەن قەبرە ئالدىدا ھەممە ئادەم ئوخشاش.
ئۆۇىدە شۇنداق جىق ئادەملەرنى ياللاپ ئىشلىتىدىكەنۇ،ئاخىرىدا يەنىلە باشقىلارنىڭ ئاياغ ئىيتىدىغان پالسى بولدىكەن .بۇيەنە باشقىلارنىڭ ئالدىدا چوڭچىلىق قىلىش ،باشلىق ئالدىدا ھىچنىمگە يارماس پالاس بولدىغان مەنىنىمۇ چۈشەندۈرەمدۇ قانداق؟
مەن بۇنى كۇردۇم تۇرداشلانىڭ ئىنكاسىمۇ شۇنداق ياخشىكەن
ئەمما ئۇيلاپ باقسام بۇ تۇرمۇشىمىزدىكى ئېشلاركەن
بىز ئۇزىمىزنى ئەنە شۇ كىشى ئۇرنىدا دەپ ئۇيلاپ باقساقلا بۇلىدۇ
بۇ كارتون فىلىم ھازىرقى زامانىمىزدىكى ئەمەل تۇتقىچىلارنىڭ عادىيىۋىلىپ ياشاش ھالەتلىرىگە ئىنتايىن ماس كەلگەندەك قىلىدۇ. مىنىڭچە ھازىرقى ۋەزىيەتتىكى 98 پىرسەنت ئەمەل تۇتقىچىلار پۇحرالار ئالدىدا عادىيىپ ياشىعان بىلەن ئۆزىدىن چوڭ ئەمىلى بارلار ئالدىدا ئەڭ چوڭ عالچىمىكىن دەيمەن …