نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تور بايلىقلىرى > يازما مەزمۇنى

迅雷/快车/QQ旋风 لارنىڭ مەخسۇس چۈشۈرۈش ئادرېسىنى بىر كۇنۇپكا بىلەن يېشىش ۋە مەخپىيلەشتۈرۈش قورالى

url-converter

ئىككى-ئۈچ يىل بۇرۇن #C ئۆگىنىپ يۈرگەن مەزگىللىرىمدە، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش 迅雷/快车/QQ旋风 لارنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى مەخپىيلەشتۈرىدىغان ۋە يېشىدىغان بىر كىچىك قورال تۈزۈپ تەدبىركار بلوگىدا تارقاتقىنىم ئېسىمدە. گەرچە بۇ خىل قوراللارنىڭ ئىشلىتىش ئېھتىياجى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن بەزى تورداشلار ئۈچۈن يەنىلا ئېھتىياج يوق ئەمەس. بولۇپمۇ بېشى //:thunder بىلەن باشلانغان تور ئادرېسىنى كۆرسە بىر قىسىم تورداشلار گاڭگىراپلا قېلىشى مۇمكىن.

ۋەھالەنكى، ئەينى چاغدا تۈزگەن ئۇ قورال NET. رامكىسىنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەن يۇمشاق دېتال تىپىدىكى قورال بولغاچ، ئىشلىتىش جەھەتتە ئازدۇر كۆپتۇر قولايسىزلىقلارمۇ بار ئىدى، بولۇپمۇ تېخىچە XP ئىشلىتىۋاتقان تورداشلار بۇ كىچىك قورالنى قوزغىتىش ئۈچۈن چوقۇم 20MB دىن ئاشىدىغان NetFrameWork نى قاچىلىشى كېرەك.

بۈگۈن تونۇشتۇرىدىغان مەزكۇر قورال بولسا سىزدىن ھېچقانداق بىر ئارتۇقچە نەرسە قاچىلاشنى تەلەپ قىلمايدۇ. سىز پەقەت تور يۈزىدىلا تۇرۇپ مۇناسىۋەتلىك تور ئادرېسىنى كىرگۈزسىڭىز، بۇ قورال ئاپتوتىك ھالدا تور ئادرېسىنى ئانالىز قىلىپ ئەسلى ئادرېس بولسا مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ئادرېسقا، مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ئادرېس بولسا ئەسلى ئادرېسقا ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. پۈتكۈل جەريان پەقەت بىر كۇنۇپكا بىلەنلا تاماملىنىدۇ، ئىنتايىن قولايلىق!

url-converter-01

بۇ خىل توردا مەخپىيلەشتۈرۈش/يېشىش قورالىنى ئىشلىتىش ئېھتىياجى، ئاساسلىقى بەزى تورداشلار بېشى //:thunder ياكى //:flashget تىن باشلانغان چۈشۈرۈش ئادرېسىنى كۆرگەندە گاڭگىراپ قېلىپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ، بۇ خىلدىكى تور ئادرېسىنى مەخسۇس شۇ خىل چۈشۈرۈش قورالى بىلەن چۈشۈرمىسەك چۈشۈرگىلى بولمايدىغان بولۇپ، ناۋادا سىزدە بۇ چاغدا 迅雷 ياكى FlashGet قا ئوخشاش قوراللار بولمىسا بۇ تور ئادرېسلىرىدىن پايدىلىنالماي قالىسىز، بۇ قورال دەل شۇ خىل ئېھتىياجنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەن.

ئەگەر بۇ قورالنى ياقتۇرسىڭىز ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە ياكى تونۇش-بىلىشلەرگە تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ، بەلكىم ئەتراپىڭىزدىكى بىر قىسىم ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەر دەل مۇشۇ خىلدىكى قورالنى ئىزدەپ يۈرگەن بولۇشى مۇمكىن.

مەنزىل تونىلى:

مەخسۇس چۈشۈرۈش ئادرېسىنى توردا مەخپىيلەشتۈرۈش ۋە يېشىش قورالى     |     مەنبە: تورخۇمار



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئۆزخان 2012.03.29 , 23:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇمۇ بوپ قالامدۇ نىمە. ساقلىۋىلىپ ۋاقتى كەلگەندە بىر كارامىتىنى كۆرەي قىنى .

  2. سەزگۇرى 2012.03.29 , 23:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان ساقلىسام قالماپتا …
    مەن چۈشۈرۈپ باقاي ھە

  3. ۋەتەن 2012.03.31 , 08:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۆزەم ئىشلىتەي ھەم ھېچكىمگە تەشۋىق قىلماي:grin:

  4. پرېستان 2012.03.31 , 11:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ قورالنىڭ پېيىغا چۈشمىسەم بولماپتۇ.:lol:

  5. بۆرە 2012.04.02 , 12:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بولىدىكەن:smile:

  6. بۆرە 2012.04.02 , 12:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى:smile:

  7. ئوۋچى 2012.11.23 , 22:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ ئىشلىتىپ باقسام بولغۇدەك….

  8. تۇي 2015.08.27 , 20:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قانداق چۈشۈرگىلى بولىدۇ مەن چۈشۈرۈش ئادىرسىنى تاپالمىدىم

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量