نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > يېــڭــى ئىــشــلار > يازما مەزمۇنى

ئۆزى ياسىۋالغان يۇقىرى ئېلىكتر بېسىملىق «گىلادىئاتور» خەنجىرى – لازىم بولغاندا خەنجىرىمنى چىقىرىپ قاتتىق توۋلايمەن!!

كەچكىكە ئۆيگە مۆكۈنىۋېلىپ سىرتقا چىقماي ھېلى ئۇنىڭغا ھېلى بۇنىڭغا ھەپىلىشپ يۈرسە بەدەن سۈپىتى تۆۋەنلەپ لەقۋالىشىپ كېتىدۇ دەپ كىم دەيدۇ؟!  ھازىر ئەلۋەتتە تېخنىكا ئارقىلىق ھەممىنى تولۇقلاپ كېتىۋېرىمىز، مەسىلەن، يۇقىرى ئېلىكتىر بېسىملىق بىر دانە خەنجەر بولسا، سپارتاك(Spartacus)مۇ سىزگە ئالىيىپ قارىيالماسلىقى مۇمكىن…

ricky-shock-sword

Ricky ئىككى تال قېلىچ، بىر قانچە دانە قېلىچقا مۇقىملاشتۇرۇپ ئۇلايدىغان نېلون پۇرۇپكا دېگەندەك نەرسىلەرنى بىر نېمە قىلىپ يۈرۈپلا، ئادەمنىڭ قورققۇسىنى كەلتۈرىدىغان بۇ قورقۇنچلۇق ئوقەتنى ياساپ چىققان، كۇنۇپكىنى بىر باسسىلا ئېلىكتىر ئۇچقۇنلىرى چاقناشقا باشلايدىغان بۇ قېلىچتىن بىرنى يەپ قالسىڭىز، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىنتايىن تەستەك قىلىدۇ!

بۇ قېلىچنىڭ يەنە بىر يوشۇرۇن ئىقتىدارى بولسا، قوش خەنجەرگە تاقابىل تۇرۇش بولۇپ، ناۋادا قارشى تەرەپنىڭ قولىدا ئىككى خەنجەر بولسا ھەمدە بۇ ئىككى خەنجەرنى توكلۇق قېلىچقا تەگكۈزسە، شۇ ھامان ئېلىكتىر ئېقىمىنىڭ كۆيۈشتۈرگەن ئاغرىقىغا چىدىماي قېلىچنى تاشلاتقۇزىۋېتىدىكەن؛ ناۋادا سىز بىر قېلىچ ئوينىتىدىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئەندىشە قىلمىسىڭىزمۇ بولغۇدەك!



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. قۇتلۇقبەگ 2013.04.27 , 20:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دېۋانما بۇ ؟

  2. ئەلشىر 2013.04.27 , 20:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋانە بولۇپ قالماي دەپ ساقلاپ تۇرغان:mrgreen::grin:

    • قۇتلۇقبەگ 2013.04.27 , 20:47

      تورخۇماردا دېۋاندا ئولتۇرىۋالغانلارنى دېۋانە دەمدا ؟ بوپتۇلا،بۈگۈن دېۋانە بولسام بولاي ھى ھى ھى

  3. Royal 2013.04.27 , 20:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يەنە كېيىن قاپتىمەن،،،دە ،،،ئەپسۇس…!

    • قۇتلۇقبەگ 2013.04.27 , 20:55

      مەۋەگە كەڭلا ئېدېش، قىستىلىپ ئولتۇرىمىز دەيمەن،ئەمما ئاساسىڭلا بەك چوڭ بولسا پاتمايسىلەر جۇما يانا (كۈلگەننىڭ چىراي ئىپادىسى)

  4. قۇتلۇقبەگ 2013.04.27 , 20:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنىڭغا قانداق باتارىيە ئىشلەتكەندۇ؟ ھەجەپ يامانكىنا~

  5. مەنسۇر 2013.04.27 , 23:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يامان بەلەن چەيدۇ كەن، سەل كىچىكرەك ياسىغان بولسا غىلاپقا سەپ دادامغا بېرەتتىم.

  6. بەختىم 2013.04.28 , 16:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىي باللا… 2 مىنۇت ۋاقتىڭلىنى چىقىرىپ (باش سۈرەت بەلگىلەش) دىگەن تىمىنى ئوقۇپ ئۆزۈڭلاغا باش سۈرەت چىقىرۋىلىڭلا.. مۇشۇ جەرياندىمۇ خىلى بىلىمگە ئىگە بولاپ قالسىلە….
    قارىسام ھەممىڭلا رەڭسىز،مەن تىخى سىچۈەنگە ماتەم تۇتقان ئوخشايدۇ دەپتىمە.. (سەمىمىي تەكلىپ):mrgreen::mrgreen:

  7. مەن 2013.04.28 , 22:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سەي توغرىسىمۇ بولغىدەك ھې ھې

  8. دىلخۇش 2013.04.29 , 11:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمسە بۇنداق قىلىچى بارلار سىپارتاك بىلەن گەنىكىس نىلام بوزەك قىلالىغۇدەك ، قالغانلارنىڭ ھەممىسى بىردىن قىلىچ تۇتىدۇ ، ئۆزى نەچچە بارچە بوپ كىتىدىكەن … :lol:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量