ئېگىزلىكتىكى فوتوگرافلىق سەنئىتى | جان بىلەن ئويناشماي دېسىڭىز، بالىڭىزنى ھەرگىز فوتوگراف قىلىپ تەربىيلىمەڭ
جان بىلەن ئوينىشىپ تۇرۇپ فوتوگرافلىق قىلىدىغانلار ئېنىق بار، بۇنى سەنئەت ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىش دەپ چۈشىنىپ تۇرايلى، ئەمما ئۆلىدىغىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپمۇ، يەنە رەسىمگە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇشتەك بىر روھ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟! روسىيەلىك جېنىدىن تويغان Mustang Wanted دېگەن شۇم، ئېگىز بىنانىڭ ئۆگزىسىگە يامىشىپ چىقىپلا قالماي، يەنە بىر قولىدا ئۆگزىنىڭ ئېسىلغۇدەك يەرلىرىگە ئېسىلىپ تۇرغان ھەمدە دوستىنى سۈرەت تارتقىلى سالغان…
مۇناسىۋەتلىك يازما: بىنالارغا يامىشىشتىن قورقىدىغان فوتوگراف ياخشى فوتوگراف ئەمەس
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ سۈرەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى PS تەك قوراللاردا ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىنمىغان، سۈرەت تارتقان چاغدىمۇ ھېچقانداق بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانمىغان، بىلمىدىم بۇنداق قىززىقىش قانداق ئادەمدە پەيدا بولىدىكىن؟! ئۇنى ئاز دەپ سۈرەتكە چۈشكەندە شۇنداق تەبەسسۇم بىلەن چۈشۈپتۇ تېخى…
ھاياتلىق ئىككىنچى قېتىم كەلمەيدۇ، كۆپچىلىك كۆرۈپ قويساڭلارلا بولدى، ئەمما دوراپ يۈرمەڭلار.
Mustang Wanted on 150 meter crane Part 1
Mustang Wanted on 150 meter crane Part 2
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: بىخەتەرلىك، سۈرەت، فوتو سۈرەت، قورقۇنچلۇق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,372 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 10-كۈنى
- يازما مەنزىلى: hangs-on-from-great-heights.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يېقىندا «گالدىن بوغۇش» مودا بولغان ئوخشايدۇ، قىزلار سۈرەتكە چۈشسەڭلار ھەمىشە ئىككى بارماق چىقىرىۋەرمەڭلار…
- كېيىنكى يازما > ئۆزى ياسىۋالغان يۇقىرى ئېلىكتر بېسىملىق «گىلادىئاتور» خەنجىرى – لازىم بولغاندا خەنجىرىمنى چىقىرىپ قاتتىق توۋلايمەن!!
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- سۈرەتكە جىق چۈشىدىغان قىزلار دىققەت | سۈرەتكە چۈشىمەن دەپ جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەر
- مىكروسوفت چىقارغان «سۈرەتكە قاراپ يېشىنى تېپىش» تور بېكىتى، ياش يوشۇرىدىغان قىزلار ئېھتىيات قىلىڭلار
- 1-شەخس كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ 414 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۇبەي مۇنارىدىن سەكرەش
- كىنو-فىلىم تارىخىدىكى 10 چوڭ غەلىتە مەخلۇق (يۈرەك ئاجىزلار كۆرمەڭلار)
- 20 پارچە ئاز ئۇچرايدىغان تارىخى سۈرەت
- ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسىڭىز ئاقىۋەت سىز بىلەنلا تۈگمەيدۇ
- بىر-بىرىنى قورقىتىپ ئەخمەق قىلىپ توردا داڭق چىقىرىپ كەتكەن بۇرادەرلەر
- قورقۇنچلۇق ھەمدە ئۆزگىچە خاتىمىگە ئىگە قىسقا فىلىم – ۋەھىمىلىك ساتىراشخانا
- كىم جوڭئۇن كۆرۈشنى خالىمايدىغان چاۋشىيەن ساياھەت خاتىرىلىرى
دەسلىپىدە كۆرگەندە فوتوشوپتا كىرىشتۈرگەنمىكىن دەپ ھەيران قالغان ئىدىم، روسىيەلىكلەر مۇشۇنداق جان بىلەن ئوينىشىدىغان ئىشنى قىلىشقا بەك ئامراقمىكىن دەيمەن .
دىۋان دەپ قويغانلارنى بەزىلەر سەل ئېغىر گەپ بىلەن تەنقىدلەپتۇ ، دىۋان تالىشىش تورخۇمارنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ، تالىشىپ بۇلۇپ جىق باللا ئىنكاسنى چىرايلىق يېزىپ قۇيىۋاتىدۇ ، بەزىلەر ئايدا يىلدا بىر كىلىپ سېسىق گەپلەرنى قىپ قۇيىدىكەن ، خۇماداشلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغوق سۇ سەپمەڭ ، خۇشاللىق ئۈچۈن بۇ يەرگە يىغىلىپتۇق ، كىچىككىنە ئىشنى دەپ ئازار قىلىشنىڭ نىم پايدىسى ، ئەپۇچان بۇلايلى ھېي باللا ، دىۋان تالاشسا بوممايدۇ دەيدىغان بولسا تەدبىركار بىلەن ۋىروس دىگەندەك تەھرىرلەر بىر نىمە دىسۇن ،
يەنە دىسەم يەنە شۇ ، دىۋان تالاشقانلارنى تىللايدىغانلارنى كۆرسەم پەقەتلا ئىچى قوتو كەن دەيمە ، پوقتىن سېسىق گەپ قىلىدىغان چىمتىڭىز سىز ،دىۋانچى باللامۇ دىققەت قىلايلى بوسا ، تالىشىپ بۇلۇپ چىرايلىق ئىنكاسلارنى يېزىپ قۇيايلى، ئاۋۇ ئىچى قوتولانىڭ ئاغزى ژۇمۇلا ، گىپىم ئېشىپ كەتكەن بوسا ئىنكاسىمنى ئۆچۈرۋىتىڭلا قارا تىزىملىككە سۇلىۋەتسەڭلەمۇ رازى ۋوجون ، دىۋان دىگەننى تازا تالىشىپ خەپ …
بۇ تېمىدا بىرەرسىمىز دىۋاننىڭ گېپىنى قىلىشمىغاندۇق ؟ ئابومجان ؟
ئالدىنقى تىمىدا ئۇقۇغۇچى دەمدۇ چۇقۇغۇچى دەمدۇ بىر بۇرادەر سەل ئېغىر گەپ قىپتىكەن شۇنىڭغا ئازراق سۆزلەپ قالدىم ، دىۋان تالاشقان بىزلەر ئاغىنىمىزنىڭ گىپى بۇيىچە قوڭالتاق بۇلارمىشمىزلە ، ھىم ئاغزىمنى ژۇمبالاي كۆڭۈلسۈزلۈك بولمىسۇن ، ئىشقىلىپ سەل ئەپۇچان بۇلايلى باللا
ھەيييي دىۋان….
گەپنى ئىتتىكرەك دىيەممەيدىغان بولغاندىكىن ئاۋۇ «ھەييي»نى دىمەيلا «دى……ۋان» دەۋالىدىغان گەپ ئىدى بۇرادەر
جان بىلەن ئوينىشىدىغان تەۋەككۈلچىلىك بىر بولسا ئۇزۇن مۇددەت مەشقلەنگەنلىكنىڭ نەتىجىسى، يەنە بىر بولسا چېكىدىن ئاشقان تەلۋىلىك خالاس.
بۇ قانداقتۇر ئورۇسلارنىڭ بۇنداق ئىشقا ئامراقلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بىزدىمۇ ئادىل ھوشۇردەك ھەقىقى مەنىدىكى تەۋەككۈلچىلەر بار. ئادىل ھوشۇرنىڭ ئۈچ بوغۇزدىن ئۆتكەندە مۇخبىرنىڭ زىيارىتىگە بەرگەن جاۋابى ھىلىھەم ھەممىمىزنىڭ يادىدا بولسا كېرەك.
مۇشۇنداق تەۋەككۈلچىلەرنى ھەقىقى تەۋەككۈلچى دېسەك بولىدۇ مېنىڭچە.
نېمىدېگەن خەتەرلىك
قانچىلىك ئىش ئۇ !
ھاياتىم ھاياتىڭىز بىلەن ئويناشماڭ
ماڭا ئوخشاش نىمىكەن. ئەمما مەن ئانىڭغا ئوخشاش بىناغا ئېسلغان بىلەن خوشۇم يوق، دەرخكە يامىشىپ ئېسىلىپ ئوينىغانغا بەك ئامراق. (ھازىرغۇ ئۆيۈمنىڭ ئەتىراپىدا ئېسىلىپ ئوينىغىدەك دەرەخمۇ قالمىدى، با دەرخلەرنىڭ ھەممىسى ئىگىزلىكى ئۈش-تۆت مىتىر كەلمەيدىغان چىنالار…)
دەرەخ بولمىسا تۈۋرۈككە ئىسىلىپ توك سىملىرىغا ئىسىلىڭ .
شۇنىمۇ ئويلاشقان، خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقىدا شۇنىڭغىمۇ ۋاقىت يوق. بولمىسا تورخۇماردا قەشقەردە »ئۆمۈچۈك پالۋان« پەيدا بوپتۇ، – دىگەن خەۋەرنى كۆرەتتىڭىز.
بېشىدىكى رەسىمنى كۆرۈپلا تىنىم جۇغغىدە قىپكەتتى …
ھەممە ئادەمنىڭ قىزىقىشى ئوخشاش ئەمەس، تەۋەككۈلچىلىك روھى بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ كۆپ، مەن ئىشلەيدىغان يەردە بىر ئائىلىلىك بولىدىغان بازارلاردا دارۋازلىق قىلىپ جان باقىدىغان، شۇلارنىڭ بىر نەۋىرسى (5ياش) دارغا چىقىپ ئويۇن قويىدىغان بولسا مەسلىكى كىلپ كىتىدۇ كۆرگەنلەرنىڭ، مەن شۇ دەرۋاز بوۋايدىن مۇشۇنداق كىچىك بالنى دارغا چقىپ يىقىلىپ كىتىشىدىن قورىقمامسىز دەپ سورىسام، قورىقمامدىغان، لىكىن بۇ نەچچە ئەۋلات ئويناپ كەلگەن ئويۇن، مۇشۇنداق تەۋەككۈل قىلىپ كىچىكىدىن باشلاپ ماڭغۇزمىساق يشى چوڭلاپ كەتكەندە تىخىمۇ تەس دەيدۇ، دەرۋازلارنىڭ كۆپىنچىسى تەۋەككۈل قىلىپ ماڭىمىز، قالغنى ئاللاھنىڭ ئىلكىدە دەپ جاۋاپ بىرىدىكەن، ئازراق تەۋەككۈلچىلىك روھى بولمىسىمۇ جىق ئىشلارنى باشقا ئاچىققىلى بولمايدۇ.
ئەمسە سىزمۇ تەۋەككۈل قىلىپ شاۋشىمىننىڭ ئەڭ يۇقىرى قەۋىتىدىن سەكرەپ بىقىڭە ھايات قالامسىز كۆرۈپ باقايلى،ئىسىلىپ باقامسىز يا،ھى ھى چاقچاق
بۇ گۇيلانىڭ ئۆلسە كىمنىڭ كارى ،جاندىن تويغان ئوخشايدۇ
پوككىدە بىر چۈشۈپ كەتسە ھىجايغانغا تويىدۇ سەت
ھا ھا ھا قىززىق گەپ قىلدىكەنسىز
بىز ئۇلانى جاندىن تويۇپتۇ دىگىنىمىز بىلەن ئۇلار شۇنداق قىلىشقا كۆزى يەتمىسە ھەرگىز قىلمايدۇ،باشقىلامۇ ساراڭ ئەمەس
http://www.nur.cn/news/2013/04/115851.shtml ماۋۇنىمۇ كۆرۈپ بىقىڭلا ئاغىنە بۇرادەرلەر
نوچى خەقكەنا .
بەزىدە تۇرمۇشتىن مۇشۇنداق قىلىپ بىر زوق ئالغىلىمۇ بولىدۇ زادى .
بۇنداق تەلۋىلەر خىلى جىققۇ .
ۋاي توۋا دەپلا قالىمىز بەزىلىرىگە قاراپ .
مەنچە ئۇلارمۇ بىرەر يىڭىلىق يارىتىپ باقماقچى بولسا كېرەك . توقلۇقتىن شوخلۇق چىقىدۇ ئەمەسمۇ ….
شۇ شۇ …سىز ئۇنى قىلىپ باقىسىز ، مەن بۇنى قىلىپ باقىمەن ، يەنە بىرى يەنە بىر ئىشنى قىلىپ باقىدۇ شۇنىڭ بىلەن رەڭدار جاھان ، ئاجايىباتلار پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ شۇ…
بىر ئۆزبەك تونۇش كۆرۈپ قايناپ كەتتى دېسە، نىمە قىلەدۇ ئۇنداق ئېسالىپ،چىيۇ…چۈپ كېتسە تويادۇ مايمۇن ئويانىگە. رىشاتكىسى بار يېردە ئوينامامدۇ… دەپ
ھا ھا ھا!!
قىلغىلى ئىش تاپالماي ئويناۋاتقان گەپ .
خەتەرلىك
خەتەرلىكىنى بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ قادىخان
ھوجونننن…. سۈرەتكە تاتىپ بوغىچە چۈپ كىتىپ قالسا ھە
شۇ تەۋەككۇلچىلىككە ئۆزنى ئاتىغان ئادەم بولغانىكىن قىلماقچى بولغان ئىشنى قىلالالىدى ئۆز ئېتقادىغا چىڭ تۇرۇپ ئۆلۇپ كەتسە رازى ئۇلار. خۇددى ‹‹ توشقاندەك يۇز يىل ياشغىچە ، يولۋاستەك بىر يىل ياشا ›› دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ
ئۆلىدۇ شۇ رەسىمگە چۈشكەنگە تويىدۇ ھېچقانداق بىخەتەرلىك قوللانمىغان تۇسا.
ماۋۇ يانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان Up راكىتا ئەجەپ سەت ئىس قويىدىكەن…
سەت ئاخساغۇ ما راكىتا ، نەچچە قېتىم ئويناپتىمە
خۇددى چاۋشىيەننىڭ كورىيەگە قويۇپ بەرمەكچى بولغان باشقۇرلدىغان بومبىنىڭ قويۇپ بىرىش كونۇپكىسىنى بېسىپ سالغاندەك ھە…
ماندا رەسىمگە چۈشسە بەك پىچەت چىقامدۇ قاندا
مانا رەسىمگە ئاقسا چۈشۈشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلىنى بىلىۋالدىم. بىزنىڭ ئۆينىڭ يېنىغا 22 قەۋەتلىك ئېگىز بېنا سېلىۋاتقان. بىر ئىككى قاپ يۈرەك دوستلىرىم بىلەن مۇشۇ يەردە رەسىمدە چۈشمىسەم بولمىدى. رەسىمگە تېنچ ئامان چۈشەلىسەم سىلەر يوللايمەن جۇما.
چۇقۇم يوللاڭ ھە ، يەگە چۈشكىچە چۇقۇم كۈلۈمسىرەپ قۇيۇڭ پەيزى چىقىسىز
ۋاي نىمدا قورقۇنچلۇق گەپ قىلىسىز دەيمە. سىزنىڭ گىپىڭىزنى ئاڭلاپ مىنىڭ تىنىم شۈركىنىپ كەتتى ، مەن ئاۋال ئۆيۈمنىڭ ئۆگزىسىگە قويغان شوتىنىڭ 5- بالدىقىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ بىر چۈشۈپ باقاي ئاندىن بىر گەپ بولسۇن !
مەنمۇ مۇشۇنداق بىر چۇشىمەن ھەجەپ بەلەن چىقىدكەن