بىر دانە كومپيۇتېر ئارقىلىق مەخپىي شىفىرىڭىزنى قانچىلىك ۋاقىتتا يېشىۋەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
ئۆزىمىزنىڭ توردىكى ھېساباتلىرى، جۈملىدىن QQ، E-Mail ۋە ھېساباتلىرىمىزغا ئادەتتىكى ھەم ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ پارول بېكىتىش كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدە ئاللىقاچان بىر ئادەتكە ئايلىنىپ بولدى. ئەمما سىزنىڭ پارولىڭىز راستىنلا شۇنچىلىك بىخەتەرمىدۇ؟ بۇ مەسىلىگە ھەقىقەتەن بىر ئېنىق جاۋاپ بېرىش تەس. يېقىندا قۇرۇلغان بىر لاتىنچە يېزىقتىكى تور بېكەت بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن ھەقىقەتەن مەنىلىك بىر خىل ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ تور بېكەتنىڭ ئىسمى How Secure is my password بولۇپ، ئىسمىدىنلا نېمە تور بېكەت ئىكەنلىگى بىلىنىپلا تۇرىدۇ، تور بېكەت يۈزى ئىنتايىن ئاددى بولۇپ، پەقەت بىر دانە تېكىست رامكىسىدىن تەركىب تاپقان. سىز پەقەت پارولىڭىزنى كىرگۈزسىڭىزلا، پارولىڭىزنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ ئېلخەت پارولىنى كىرگۈزۈپ سىناپ باقتىم، چىقىرىپ بەرگەن نەتىجىسى About 12 years بولدى، يەنى بۇ پارولنى ئادەتتىكى PC بىلەن يېشىپ چىقىش ئۈچۈن 12 يىل كېتىدىكەن!
بۇ خىلدىكى ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ ئادەتتىكى تور بېكەتلەر چىقىرىپ بەرگەن ئاجىز، نورمال، كۈچلۈك دېگەندەك بىخەتەرلىك كۆرسەتمىلىرىگە قارىغاندا ئابونتقا بىۋاستە بېرىدىغان تەسىرى تېخىمۇ ئېنىق بولۇپ، ئاسانلا كىشىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ. قېنى سىزمۇ پارولىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى سىناپ بېقىڭ، ناۋادا 2 كۈن ئىچىدە يېشىۋەتكىلى بولسا، ئەڭ ياخشىسى ھازىرلا پارولىڭىزنى بىخەتەررەك پارولغا ئالماشتۇرىۋالغىنىڭىز ئەۋزەل. پارولىدىن ئەنسىرەيدىغان يولداشلار ئوخشىشىپ كېتىدىغان پارولنى كىرگۈزۈپ سىناپ باقساڭلار بولىدۇ.
مەنزىل تونىلى: مېنىڭ پارولىم زادى قانچىلىك بىخەتەردۇ؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تور بايلىقلىرى]
- ھالقىلىق ســــۆز: بىخەتەرلىك,پارول
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 2,009 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 03-ئاينىڭ 17-كۈنى
- يازما مەنزىلى: how-secure-is-my-password.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > «نورۇز بايرىمى» دېگەن قانداق بايرام؟ خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پراففېسورى سىزگە چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ…
- كېيىنكى يازما > تورخۇمارنى كۆرگەندىن كېيىن ھەممەيلەندە شەكىللەنگەن 9 خىل ئادەت، سىزدە قايسىلىرى بار ئىكەن؟
It would take
About 714 quadrillion years
for a desktop PC to crack your password
714万亿年 مانى تەرجىمە قىلالمىدىما؟
مىنىڭكىنى 3 سائەتتە يېشىپ بولغۇدەك
ئاھ خۇدا، مىنىڭ پارولۇمغا 0.04 سىكونىت دەيدىغۇ؟
ۋاھ .پارولنى ئۇزۇن سالسا بولامدۇ نىمە؟
مېنىڭ پارولىمنى 6 تىرلىيون يىل كېتىدۇ دەپ چىقتى!!! ئارتۇقچە پارول قىلىۋالدىممۇ نېمە
مەن سىلەر دېگەن بەت ئادرىسىنى تاپالمىدىم يا
مانا ماۋۇكەن
http://howsecureismypassword.net
21مىڭ يىل كېتىدىكەن~!مېنىڭكىنىمۇ ھېچكىم يېشەلمىگىدەك~!
It would take
About 3 hours
for a desktop PC to crack your password
باللا، ماۋۇ خەقلەر نېمە دەيدۇ؟
ئاللا مېنىڭ ئاساسلىق ئىشلىتىدىغىنىمنى 0.04 seconds
دەيدۇ ، مۇرەككەپراقنى 4 يىل دەيدۇ . ئىككى كۈندە يېشىدىغان پارول تاپماقمۇ تەس ئوخشايدۇ جۇمۇ
مېنىكىنى 100مىليون يىل دەيدۇ خا خا
About 126 years
ماۋۇ قانچەيىلكەن مەن بىلەل مىدىم
126 يىل دىمەكچى…
مىنڭكنى مليارد يىل كىتدۇ،دەيدىغۇ..
ۋوي مىنڭكىنى يېشەلمەيدىكەن
مىنىڭكىىگە 58 مىليون يىل كىتىدىكەن……
600 يىل ئىكەن !
It would take
About 6 trillion years
for a desktop PC to crack your password
[ Tweet This ]
6 تىرىليون يىل كىتىدۇ دىگەن گەپمۇ يە؟
مەن پارولنى باسـتىم لىكىن بىر مۇنچە ئنگىلىزچە بىر نەر سىلەر چىقىقاندىن باشقا ھىچ نەرسىنى بېلەلمىدىم
ھا ھا ھا ھا ھا
ھاھاھا ئالامەت قىززىق مىنىڭ دائىم ئىشلىتىدىغان پارۇلىمنى 6مىنۇتتا يىشىدىكەن مىش ئاۋۇ 120كىتىدىغان پارۇلنى بىزگىمۇ دەپ بىرىڭلا بىزمۇ شۇنى ئىشلىتەيلى