نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > يېــڭــى ئىــشــلار > يازما مەزمۇنى

خانىم قىزلار دىققەت! بەلكىم بۇندىن كېيىن كىيىم ئالغاندا چوقۇم كىيىپ سىناپ بېقىش ھاجەتسىز بولۇشى مۇمكىن!!

vipodium-kinnect

ViPodium ناملىق بۇ ئەڭ يېڭى كىيىم سىناش مەھسۇلاتى مىكروسوفتنىڭ Kinnect تېخنىكىسىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، سىز تاللىغان كىيىمنى چوقۇم ئۈستىڭىزگە كىيىپ سىنىشىڭىز ھاجەت ئەمەس، پەقەت ئېكرانغا قاراپ كىيىمنىڭ ئۇچىڭىزغا چىققاندىن كېيىنكى ئۈنىمىنى كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن سېتىۋېلىش سېتىۋالماسلىقنى بېكىتسىڭىزمۇ بولىدۇ. تۆۋەندىكى سىندىن ViPodium نىڭ قانداق نەرسىلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.

ViPodium نىڭ ئېكرانىدا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۇدۇلدىن تۇرغان ھالىتىڭىزنى كۆرەلەپلا قالماستىن، يەنە ئورنىڭىزدا تۇرۇپ ئايلانغان ھالەتتىكى ئۈنۈمنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن كىيىمنىڭ سىزگە ياراشقان ياراشمىغانلىقىنى بىلەلەيسىز. دىمەك، بۇ تېخنىكا ناۋادا كەلگۈسىدە ئومۇملىشىپلا قالسا، ھەرگىزمۇ ياندىكى دوستلىرىڭىزدىن «كىيمىم يارىشىپتىمۇ؟» دەپ سورىشىڭىزنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ!

iPad ،iPhone دا زىيارەت قىلغۇچىلار بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ

ئەلۋەتتە، ناۋادا بۇ تېخنىكا كېڭىيىپ ئائىلىلەرگىچە ئومۇملاشسا، كىيىم-كېچەكلەرگە توردىنلا پۇل تۆلىگىلى بولسا، ئۇ ھالدا ئاتايىتەن بازارغا چىقىپ كىيىم ئېلىشنىڭمۇ ھاجىتى قالماسلىقى مۇمكىن. ھەتتا، بۇ تېخنىكا ئايالى ياكى قىز دوستىغا ھەمرا بولۇپ بازارغا چىقسا ئاسانلا چارچاپ ھېرىپ جۇلىقى چىقىپ كېتىدىغان ئەرلەر ئۈچۈن تەقەززالىق بىلەن كۈتىدىغان مەھسۇلات بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن!



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. بۆرەيار 2011.09.21 , 14:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالامەت:idea:

  2. خىيال 2011.09.21 , 14:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي … كەلگۈسىدە XXX غا ………

  3. نۆل ۋە بىر 2011.09.21 , 16:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يەنىلا سىناپ كەيگەنگە يەتمەيدۇ …

    • نەفىسە 2011.11.15 , 13:12

      توغرا دەيسىز …. پىكرىڭىزگە قوشۇلىمەن

  4. سەبىدىل 2012.08.22 , 12:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭا نىسبەتەن بەك ياخشىكەن ، مەن بازارغا بىرەر قىز بالا بىلەن چىقىشقە بەك ئۆچ ، ۋاقىت دىگەن ۋەششى ئىسراپ بولىدۇ دە ….:grin:

  5. رىتا1028 2012.09.07 , 01:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سىناپ كەيمىسەم كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ :evil:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量