نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > windows > يازما كۆرۈش

بىز بىلىدىغان ئەشۇ Windows ھەققىدە رىۋايەت(2)

بىز بىلىدىغان ئەشۇ Windows ھەققىدە رىۋايەت(2)

Windows ھەققىدىكى رىۋايەت تېخى ئەمدىلەتىن باشلانغان بولۇپ، Windows 3.5 تىن كېيىن چىققان يەنە بىر ئىنقىلاب خاراكتېرىدىكى مەشغۇلات سېستىمىسى Windows 95 دەل مۇشۇ مەزگىلدە بازارغا سېلىنغان. Windows نىڭ تا ھازىرقى قەدەر چىقىۋاتقان نەشىرلىرىدىن Windows 95 نىڭ سىماسىنى تولۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدىغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىكى كۆرۈنمە يۈز، بۈگۈنكى دەۋردىكى Windows ئۈچۈن بىر ئاساس سېلىپ بەرگەن ئىدى…

يازمىنىڭ بىرىنچى بۆلىكى: Windows ھەققىدە رىۋايەت(1)

ئىككىنچى باب. 1995-2000 يۇقىرى پەللىگە چىقىش

1995-يىلى Microsoft نىڭ ئەڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسىنىڭ بىرى ھېسابلىنىپ، ئۇنىڭ چوڭقۇر تەسىرى ھازىرغا قەدەر كىشىلەرنى ئەسلىتىدۇ. بۇ يىل توغرۇلۇق سۆزلەيدىغان ئىشلار ھەقىقەتەن ناھايىتى كۆپ…

Windows 95

Windows 2.x بولسۇن ياكى Windows 3.x بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى MS-DOS ئاساسىدىكى Windows مەشغۇلات سىستېمىسى. Microsoft ئۈستەل يۈزىدە NT غا ئوخشاش 32 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئېچىش كودى “Chicago” بولغان مەشغۇلات سىستېمىسى كۈندىلىك ئىش تەرتىپىگە كىرگۈزىلىدۇ. بۇ دەل كېيىنكى Windows 95 دۇر.

[Windows 95 سىناق نۇسخا سۈرىتى]

1995-يىل 8-ئاينىڭ 24-كۈنى، Windows 95 رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇ تارىختا بىرىنچى بولۇپ يىل نامى بىلەن نام بېرىلگەن Windows بولۇپ، رەسمىي نەشر نومۇرى 4.0. Windows 95 بولسا 16bit/32bit ئارىلاشما مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ، MS-DOS دىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ مۇستەقىل ئىجرا بولالايدۇ. Windows 95 كە نۇرغۇنلىغان دېتاللار ۋە يېڭى ئۇقۇملار كىرگۈزىلىدۇ، مەسىلەن، باشلاش تىزىملىكى بىلەن ۋەزىپە ستونىغا ئوخشاش مۇنەۋۋەر ئۈستەل يۈزى ئوبيېكتلىرى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالدىن ئىگىلەش ئۇسلۇبىدىكى كۆپ ۋەزىپە ۋە كۆپ يىپ ئۇچى تېخنىكىسى، Plug and Play تېخنىكسى، مول كۆپ ۋاستىلىق پروگراممىلار قاتارلىقلار. بۇ ئىقتىدارلارنىڭ قوشۇلىشى بىلەن، Windows 95 بىر مەيدان قاتتىق دېتال يېڭىلاش ھەركىتىگە تۈرتكە بولىدۇ. Windows 95 نى ئىشلىتىش ئۈچۈن، سىزدە چوقۇم 100MB چوڭلۇقتىكى قاتتىق دېسكا، 16MB چوڭلۇقتىكى ئىچكى ساقلىغۇچ، 480*640 ئېنىقلىق بىلەن 256 رەڭنى قوللايدىغان كۆرسىتىش كاردى بولۇش كېرەك ئىدى، بۇ شۇ چاغدا خېلى يۇقرى تەلەپ ھېسابلىنىدۇ. شۇ چاغدىن باشلاپ،  Windows نىڭ ھەربىر قېتىملىق چوڭ يېڭىلىنىشىغا بىر قېتىملىق قاتتىق دېتال يېڭىلىنىشى ئەگىشىپ كېلىدۇ. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، Microsoftا Windows 95 Service Release 1 نى ئېلان قىلىدۇ، ئىككىنچى يىلى Windows 95 OEM Service Release 2 (Windows 95 OSR2) نى ئېلان قىلىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ، Windows مەشغۇلات سىستېمىسى FAT32 ھۈججەت سىستېمىسىنى رەسمىي قوللايدۇ، ھەمدە Internet Explorer نى باغلاپ تارقىتىشقا باشلايدۇ. Microsoft نىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى ئىچىگە Internet Explorer نى باغلاپ تارقىتىشى تور بەت كۆرگۈچ ياساش شىركىتى Netscape نىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ، ئۇلار بۇ قىلمىشنى ئادالەتسىز دەپ قارايدۇ. شۇنىڭدىن ئېتبارەن، Microsoft نىڭ مونوپوللىقىغا قارىشى ھەرىكەتلەر تەدرىجىي ئەۋىجكە چىقىپ، تاكى ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كېلىدۇ. Windows 95 OSR2 نىڭ مۇھىملىقى سەۋەبىدىن، بەزىلەر ئۇنى Windows 97 دەپمۇ ئاتايدۇ.

[Windows 95 قوزغىلىش سۈرىتى]

[Windows 95 ئۈستەل يۈزى]

ھەر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، Windows 95 مۇقەررەر ھالدا غەلبىلىك مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ، ھەتتاكى تارختىكى ئەڭ غەلبىلىك مەشغۇلات سىستېمىسى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. Windows 95 ئېلان قىلىنغان كۈن گويا بىر خاللوۋىنغا (غەربنىڭ بايرام كۈنى) ئايلىنىدۇ، Microsoft ئالدى بىلەن Rolling Stones مۇزىكا ئەترىتىدىن Start Me Up ناملىق ناخشىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئېلان مۇزىكىسى قىلىدۇ، ئارقىدىن Redmond دىكى 12 مولۇق تەنھەرىكەت مەيدانىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى چوڭ ئېلان قىلىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇنداق كۈچلۈك تەشۋىقات تەسىرىدە، نۇرغۇنلىغان كومپيۇتېرى بولىمىغان، ھەتتاكى Windows 95 نىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەيدىغان خېرىدارلارمۇ ئۆچرەتتە تۇرۇپ يۇمشاق دېتال سېتىۋالىدۇ. قىسقىغىنا 4 كۈن ئىچىدە Windows 95 نىڭ 1 مىليون نۇسخىدىن كۆپرەكى سېتىلىپ بولىدۇ.

[Windows 95 ئېلان قىلىنىش مەيدانى]

Windows NT 4.0

ئالدىدا Windows NT 3.x نى ئەسلەپ ئۆتكەندە، بىز ئەمەلىيەتتە بىر نەشىرىنى تاشلاپ ئۆتۈپ كەتتۇق، ئۇ بولسىمۇ Windows NT 3.51 . بۇ نەشىر 1996-يىلى 5-ئايدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى بولسا Windows 95 ئۈچۈن لايىھىلەنگەن قوللىنىش پروگراممىلىرىنى قوللاشنى باشلاشتىن ئىبارەت. Microsoft بۇ سىستېمىغا ھەتتاكى Windows 95 كە ئوخشاش Windows Explorer نى قوشىدۇ. ئىككىنچى يىلى، Windows 95 كە تېخىمۇ يېقىن بولغان Windows NT 4.0 دۇنياغا كېلىدۇ. بۇ نەشىرىدىن باشلاپ، Microsoft نىڭ NT ئائىلىسىدىكى مەھسۇلاتلىرى پىشىپ يېتىلىشقا قاراپ ماڭىدۇ.

1996-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى، Windows NT 4.0 رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ نەشىرىدە Windows 95 ئۈستەل يۈزى كۆرىنىشى ئىشلىتىلىپ، نۇرغۇنلىغان ئەمەلىي قوللىنشىچان مۇلازىمەت قوراللىرى قوشۇلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كېيىن Microsoft ئۈچۈن Web مۇلازىمىتېرى بازىرى جېڭىگە ئاتلىنىپ كۆپ كۈچ چىقارغان IIS ( Internet Information Services) مۇ بار. بىراق، ئۈستەل يۈزى قوللىنىشىدىكى ئاددىيلىقتا Windows NT 4.0 بىلەن Windows 95 نى بىر ئورۇنغا قويۇپ سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى، چۈنكى ئۇ DirectX يۈزىنىڭ يېڭى نەشىرىنى قوللىمايتتى. بۇ خىل ئەھۋال تاكى كېيىنكى كۈنلەردىكى Windows NT 5.0 يەنى، Windows 2000 غا كەلگەندە ئاندىن بىر ئاز ياخشىلىنىدۇ. Microsoft نىڭ Windows NT غا بولغان تېخنىكىلىق قوللىشى بىر نەچچە يىل داۋاملىشىدۇ، ئوتتۇرىدا جەمئىي بولۇپ 6 مۇلازىمەت بولىقى (Service Pack) نى ئېلان قىلىپ، يوچۇقلارنى ياماش بىلەن بىللە يەنە بىر تۈركۈم يېڭى ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. كۆرۈنەرلىك مۇقىملىقى سەۋەبىدىن، بۇ نەشىرنى نۇرغۇن شىركەتلەر 21-ئەسرگە كىرگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئىشلىتىپ كېلىدۇ.

[Windows NT 4.0 بىلەن IE 2.0]

Windows 98

ئالدىدىكى مۇۋەپپەقىيەتكە تايىنىپ، 1998-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى Microsoftا Windows 95 نىڭ ۋارىسى Windows 98 نى ئېلان قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئېچىش كودى “Memphis” بولۇپ، ئۆلچەملىك نەشىر نومۇرى 4.10.1998 بولىدۇ. Internet Explorer (IE 4.0) مۇ Windows Explorer غا ئوخشاش سىرتقى يۈزگە ئىگە بولۇشقا باشلاپ، ئىككىسنىڭ زىچ بىرىكتۈرۈلىشى كېيىن Microsoft نىڭ مەھسۇلاتلىرىدا Internet Explorer نى باغلاپ تارقىتىشىغا مۇھىم باھەنە بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، Quick Launch Bar مۇ مۇھىم سىرتقى يۈزى ئېلېمېنتى سۈپىتىدە قوشۇلىدۇ. Windows 98 نىڭ قاچىلاش پروگراممىسى Windows 95 نىڭ قاچىلاش پروگراممىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ، ئىچكى ساقلىغۇچ باشقۇرۇش پروگراممىسىنىڭ ئۈنۈمى زور دەرىجىدە يۇقرى كۆتۈرۈلۈپ، ۋەزىپە باشقۇرۇش پروگراممىسىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. MMX ۋە AGP قاتارلىق يېڭى قاتتىق دېتاللارغا بولغان قوللاشتىمۇ، Windows 98 دە ئاز بولمىغان تۈزۈتۈشلەر كىرگۈزۈلۈپ، 1200 دىن ئارتۇق قوزغاتقۇچى پروگراممىسى قوشۇلىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، Windows 95 كە قارىتا تۈزۈتۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، Microsoft ئەسلى كوددىن 3000 دىن ئارتۇق bug (پروگرامما يېتەرسىزلىكى) لارنى تازىلاپ چىققان. Windows 98 SE (Second Edition) (ئىككىنچى نەشرى) 1999- يىل 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ نەشىردە ئالدىنىقى نەشىردىكى بىر قىسىم كىچىك مەسىلىلەرنى توغرىلىغاندىن باشقا يەنە بىر تۈركۈم يېڭىلاشلارنى ئېلىپ بېرىلىدۇ، مەسىلەن، Internet Explorer 5 ، Windows NetMeeting 3 ، يەرلىك دائىرىدىكى توردا Internet تىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، DVD-ROM نى قوللاش ۋە USB نى قوللاش قاتارلىقلار. DirectX 6.1 ئويۇن يۈزىنىڭ قوشۇلىشى، Windows سىستېمىسىنى ئەڭ ياخشى ئويۇن سۇپىسىغا ئايلاندۇرىدۇ.

[Windows 98 مەھسۇلات بولىقى]


[Windows 98 قاچىلاش يۈزى]


[Windows 98 ئۈستەل يۈزى]

ئومۇمەن، Windows 98 بىلەن Windows 98 SE نىڭ ھەر ئىككىلىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. ھازىرغا قەدەر، بىز نۇرغۇنىلىغان كونا PC لاردا ئۇلارنىڭ سىماسىنى كۆرەلەيمىز.
Windows 2000

Windows 4.0 ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، Microsoft NT مەھسۇلات لىنىيىسىنىڭ كېيىنكى نىشانى تەبىئىيلا Windows NT 5.0 بولىدۇ. لېكىن، بۇ قېتىم Microsoft يەنە بىر قېتىم يىل نامى بىلەن Windows مەھسۇلاتىغا نام بېرىدۇ. 1998-يىل 10-ئايدا، Windows NT 5.0 نىڭ نامى Windows 2000 غا ئۆزگەرتىلىدۇ.

[Windows NT 5.0 كىرىش يۈزى]

Windows 2000 بولسا 2000-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىپ، ئوخشاش بولمىغان ئىشلەتكۈچىلەر توپى ئۈچۈن جەمئىي بولۇپ 4 خىل نۇسخىسىنى تارقىتىدۇ: Professional (كەسپىي نۇسخىسى)، Server (مۇلازىمېتېر نۇسخىسى)، Advanced Server (يۇقىرى دەرىجىلىك مۇلازىمېتېر نۇسخىسى) ۋە Datacenter Server (سانلىق مەلۇمات مەركىزى مۇلازىمېتېرى نۇسخىسى). بۇنىڭ ئىچىدە، Professional نۇسخىسى بۇرۇنقى Workstation نۇسخىسىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بولۇپ، NT ئائىلىسىدىكى بىرىنچى ھەققىي يوسۇندىكى ئۈستەل يۈزى سىستېمىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۇسخىسى كېيىنكى Windows XP نىڭ دۇنياغا كېلىشىگە ئاساس سالىدۇ. ھالبۇكى كېيىنكى 3 خىل سودا خاراكتېرىلىك مەھسۇلاتلار Microsoft نىڭ مۇلازىمېتېر بازىرىغا قارىتا جەڭ ئېلان قىلغانلىقىنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ. Windows 2000 بولسا ئىنقلاب خاراكتېرلىك مەھسۇلات بولۇپ، نۇرغۇنلىغان يېڭى تېخنىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىشلەتكۈچى قەۋىتى بىلەن يادرو قەۋىتىنىڭ ئايرىلىشى NT نىڭ سىستېما قۇرۇلمىسىنى تېخمۇ ئورۇنلۇق، مۇقىم قىلىدۇ. NTFS ھۈججەت سىستېمىسى، EFS (ھۈججەت شىفىرلاش سىستېمىسى)، RAID-5 ساقلاش سخېمىسى، تارقاقلاشتۇرۇلغان ھۈججەت سىستېمىسى، ئاكتىپ مۇندەرىجە قاتارلىق كۆپلىگەن يېڭى ئىقتىدارلارمۇ شۇ ۋاقىتتا دەسلەپ مەيدانغا كېلىدۇ. قاتتىق دېتاللارغا بولغان قوللاشتا، Windows 2000 نىڭ ئىلگىرلىشى خېلى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. Windows 2000 نىڭ كۆپ CPU نى قوللىشى ئۇنى كەسپىي مۇلازىمېتىېر قىلىپ ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇرىدۇ. يېڭى Plug and Play تېخنىكسى بىزنى USB ، IEEE1394 قاتارلىق ئۈسكىنىلەرنى ئاسان ئۇسۇلدا ئىشلىتىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقۇرۇش كونترول سۇپىسى (MMC) مۇ مۇھىم باشقۇرۇش قورالى سۈپىتىدە كىرگۈزىلىدۇ. Windows NT 4.0 قوللىمايدىغان يېڭى ئويۇن يۈزىمۇ Windows 2000 غا كىرگۈزىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ DirectX 7.0 . بىراق، مۇنداق كۆپ يېڭى تېخنىكىلارنىڭ قوشۇلىشى، Windows 2000 گە نۇرغۇن يوشۇرۇن سىستېما يوچۇقلىرىنى قوشۇپ بېرىدۇ، بۇلا كېيىنكى Worm.Blaster دەك قۇرتسىمان ۋىرۇسلارنىڭ ئەۋج ئېلىشىگە ئۇرۇق سالىدۇ.

[Windows 2000 قوزغىلىش سۈرىتى]


[Windows 2000 ئۈستەل يۈزى]

Windows 2000 قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەش مسىلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە زور بولىدۇ. بەك داغا-دۇغىلىق بولۇپ ھېسابلانمىسىمۇ، ئەمما ئۇ Windows 95 دىن كېيىنكى Microsoft نىڭ ئەڭ مۇھىم مەھسۇلاتى بولۇپ قالىدۇ. Windows 2000 نىڭ مەيدانغا كېلىشى، Windows 9x مەھسۇلات ئائىلىسىنىڭ ئاخرىقى نۇقتىغا يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. Microsoft كېيىن NT يادرولۇق مەھسۇلاتلىرى ئاساسىدا، باشتىن Windows بازار سىستېمىسىنى ئايرىيدۇ.

Windows Me

Windows 98 SE بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، Microsoft ئۇنىڭ ئۈچنىچى نەشىرىنى ئېچىش خزمىتىنى باشلايدۇ. كېيىن، بۇ سىستېمىنىڭ نامى رەسمىي يوسۇندا Windows Millennium Edition (مىڭ يىل نەشرى) گە ئۆزگەرتىلىپ، (قىسقارتىلىپ Windows Me دەپ ئاتىلىدۇ) 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ. Windows Me نىڭ بازار نىشانى ئائىلە كۆڭۈل ئېچىشى بولۇپ، Windows 98 كە نىسبەتەن ئېلىپ بېرىلغان يېڭىلىنىشلار ئانچە كۆپ ئەمەس، ئاساسلىقى ئادەتتىكى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتاللارنىلا يېڭىلايدۇ، مەسىلەن، Internet Explorer 5.5 ۋە Windows Media Player 7.0 . شۇنىڭ بىلەن بىرگە، Windows Me گە بىر قاتار يېڭى كىچىڭ ئويۇنلار، ئائىلە كىنولىرىنى ئىشلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان Movie Maker ۋە تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن سىستېما ئەسلىگە قايتۇرۇش تېخنىكىسى قاتارلىقلار كىرگۈزىلىدۇ. Windows Me ئەڭ ئاخرىقى 16bit/32bit ئارىلاش ئۇسلۇبىدىكى Windows 9x ئائىلىسى مەھسۇلاتى بولۇپ، بىز ئۇنىڭ نەشىر نومۇرى 4.9 دىن Microsoft نىڭ بۇ خىل مۇددىئاسىنى كۆرۈۋالالايمىز. شۇ ۋەجىدىن، Microsoft بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىغا بولغان تەشۋىقاتىدىمۇ ئانچە كۈچەپ كەتمەيدۇ. كۆپ ساندىكى كىشىلەر، ئۇنى Microsoft نىڭ Windows 3.0 دىن كېيىنكى ئەڭ مەغلۇبىيەتلىك تارقاتقان سىستېمىسى دەپ قارايدۇ. بىراق، Windows Me ئۇلار دېگەندەك ھېچنېمىگە ئەرزىمەس نەرسىمۇ ئەمەس، ئۇنىڭ قوزغىلىش ۋە ئۆچۈرىلىش سۈرئىتى 32 بىتلىق Windows لار ئىچىدە ئەڭ تېز ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئامما تەرىپىدىن تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن، دەپ تەنقىدگە ئۇچىرىغان يېڭى ئىقتىدارلار كېيىن يىڭى قىياپەت ۋە تېخىمۇ مۇقىم ئۈنۈمى بىلەن NT يادروسىدىكى شەخسىي كومپيۇتېر سىستېمىلىرىدا كۆرۈلىشكە باشلايدۇ. Microsoft ئۆزىنىڭ مەھسۇلات لىنىيىسىگە قايتا بىر قېتىم زور دەرىجىدە تۈزۈتۈش ئېلىپ بارىدۇ.

[Windows Me قوزغىلىش سۈرىتى]


[Windows Me ئۈستەل يۈزى]

دەل مۇشۇ مەزگىلدە مىكروسوفت ئۆزىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ غەلبىسى ۋە «Windows XP» نى بازارغا سېلىش ئۈچۈن ئاتلىنىدۇ، ھالبۇكى XP دىن ئىبارەت بۇ مەشغۇلات سېستىمىسى بازارغا سېلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا مىكروسوفتقا ئويلىمىغان دەرىجىدە ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنداقتا كېيىن يەنە قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟ داۋامىغا قىززىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق Windows ھەققىدە رىۋايەت ناملىق بىر يۈرۈش يازمىلاردا بولسۇن!

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 7 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [windows]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ,,
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 395 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 01-ئاينىڭ 24-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: windows-history-2.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. تىرىشچان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاھ ! دىۋاندا ئولتۇرسا باشقىچە بولىدىكەن !
    :oops:

    • سەپرا :

      قانداقراق بولىدىكەن!!! پوقتىن سېسىق گەپتىن ئىككىنى قىلاي دېگەن ما ئاداشقا، توربەتنىڭ يۈز ئابرويىنى دەپ قالدىم، نېمە ئۇ دىۋان پىۋان دېگەن، نەۋاق بىز، قىلمايلى موشۇنداق پايتىما گەپلەرنى دېگىلى تۇرغىلى، ئىسمىڭلىغا چۇشلۇق ئىش قىلساڭلا بومماداۋە ئادەش، ئىسىمنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈپ. :mad: :mad: :mad:

  2. قاينام69 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاخىرىنى ئاڭلاشقا تەشنا .
    مەن تۇنجى بۇلۇپ ۋىندوۋېس98 بىلەن ئۇچرۇشۇپ بېقىپتىكەنمەن ،لىكىن ۋىندوۋېس me بىلەن ئۇچرۇشۇپ باقماپتىكەن مەن .

  3. چايان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماڭىمۇ ئۆيدىكىلە 2000-يىلى كومپىيۇتىر ئىپ بەگەن ھازىرمۇ بار 686جىزا ئالغان ۋاختىمدا 98 قاچىلاپ بەگەن ..2000نىمۇ ئىشىلتىپتىمەن مي نىمۇ ئىشلەتتىم .xpنى ئاران سۆرەيدۇ…ھەي تەرەقىيات ھازىر دوسلۇرۇمنىڭ ئالغان جىزىسىغا قاراپ ئىچىم كۆيدۇ….ئات ئشەكتەك پەرقى بار ئەمەسمۇ…

  4. ئىنتىزار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    Windows 95 دىن باشلانغان قەدەم Windows Me، 2000لەردىن دەسسەپ ئۆتۈپ ، Windows XPدە 8يىل ئارام ئېلىپ ، ۋېستادىن ئاتلاپلا ۋىندوۋس 7گە كەپ تۇرۇپتىمەن مانا ….
    ئىشقىلىپ مىكروسوفتنىڭ تەرەققىياتى ماڭا ئاجايىپ ئۇلۇغ بىلىنىدۇ ….

  5. ئابدۇۋەلى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن Windows 3.2 دىن باشلاپ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ بېقىپتىمەن .

  6. رادىئو ھەۋەسكارى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    WINDOS 98 نى كۆرۇپلا 2002 -يىللىرى ش ج ئۇ نىڭ ئەتراپى ۋە خىمىيە ئنىستىتۇتىنىڭ 3- قەۋەتتىكى تورخانىسى ئسىمگە كەپ قالدى ، سۆيۇملۇك ھەم نادان چاغلار ئدى ئۇ …

 汗