نېمە B13-رايون دېگەنلەر ئىشىنى قىلسۇن! ھەقىقىي پاركور ماھىرى ئەسلى چېڭلوڭ ئىكەن ئەمەسمۇ؟!!
مۇتلەق كۆپ قىسمىمىز كىچىكىمىزدىنلا چېڭلوڭنىڭ كىنولىرىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان ھەم ئىزچىل ياقتۇرۇپ كۆرىمىز، ئۇنىڭ ئىشلىگەن كىنولىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك كۆرمىگەنلەر بەك ئازغۇ دەيمەن. كۆپچىلىك بىلىدۇ، چېڭلوڭ ئىشلىگەن كىنولار كۆپىنچىسى ھەرىكەتلىك فىلىملەر بولۇپ، ۋەقەلىك كۈلكىلىك ھەم جىددى، چېڭلوڭنىڭ ئەتراپىدىكى ھەر بىر شەيئىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى ئادەمنى ئەڭ قىززىقتۇرىدىغان نۇقتىنىڭ بىرى. بىراق يېقىندىن بېرى شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئەسلى بۇ پاركور دېگەن نەرسە چىقماستا، چېڭلوڭ ئاللىقاچان پارنى كور قىلىپ بوپتىكەن…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: كىنو,پاركور,ھەرىكەتلىك
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 09-ئاينىڭ 21-كۈنى
- يازما مەنزىلى: jackie-chan-parkour.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > خانىم قىزلار دىققەت! بەلكىم بۇندىن كېيىن كىيىم ئالغاندا چوقۇم كىيىپ سىناپ بېقىش ھاجەتسىز بولۇشى مۇمكىن!!
- كېيىنكى يازما > بالىلىقىمىزنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان ئاشۇ CS ئويۇنى بەلكىم يىراقلارغا ئۇزاپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن…
بۈگۈن دىۋانچىلار يوققۇ؟
بۈگۈن دىۋانچىلار بولمىغىنى بىلەن يىكەندازچىلار بار …
چىڭلوڭنىڭ كىنوسىنىمۇ كۆرگەن، پاركور دەيدىغان بۇ نەرسىنىمۇ بىلىمىز، لىكىن بىراۋ كېلىپ بۇنى باغلاپ بەرمىسە بۇ ئىككىسىنى بىر يەرگە قويۇپ ئويلىيالمىدۇق، مانا بۇ كىشى بىلەن كىشى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق، بەلكىم ئۇتۇق قازانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇنداق كىچىك ئىشلاردىكى كۆزىتىشكە ماھىرلىقىدىن نەتىچە قازانغان بولسا كېرەك. نيوتۇن ئالما نېمىشقا ئاسمانغا چىقىپ كەتمەي يەرگە چۈشىدۇ دەپ شۇ كىچىك ئىشتىن داڭلىق ئالەملىك تارتىش كۈچىگە ئائىت ئىلھام ۋە ئويلارغا ئېرىشكەندىكىدەك.
كۆزىتىشكە ماھىر بولايلى، ئەقلىمىزنى ھەرزامات سەگەك تۇتايلى، كاللىمىزغا تەنەپپۇس قىپبەرسەك ئۇ تاماشا قىلىۋېرىدىغىنى ئېنىق. ئويلىرىمىزنى شاش ئاتتەك چاپتۇرۇپ، تەپەككۇرىمىزنى بىلەپ تۇرساق چۇقۇم تېخىمۇ ئۆتكۈر ئەقىل كۆزىگە ئېگە بولالايمىز.
چىڭلۇڭنىڭ فىلىملىرىنى ياقتۇرىمەن… ئۇزاق بولدى يېڭى كىنو ئىشلىمىگىلى، ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن.
چىڭلوڭنىڭ ئۇسلۇبى ھەقىقەتەن قالتىس…ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ كىنولىرى باشقىلارنىڭكىدەك شاللاق ئەمەس…
ياپۇنىيە قەمئىيىتى چىقىدىغان بىر كىنوسى بار، شاللاق يېرى بار.
ئەسلى مۇنداق
چىڭلوڭ ئەمدى قىرىدى….يىڭى شاۋلىن ئىبادەتخانىسى بۇنىڭ دەلىلى..
ياق تىخى قىرىماپتۇ. مىنىڭ مىنىڭ ئالاھىدە خادىم قوشنام دىگەن كىنونى كۆرمىدىڭلارمۇ؟ ئۇمۇ تىخى بۇلتۇر قويۇلغان كىنوسىغۇ؟ شۇنداق چاققان….
شىياۋلىن ئىبادەتخانىسىدا ئالغان رولى شۇنداقكەن…
توغرا ، چېڭلوڭنىڭ كىنودىكى ھەركەتلىرى پاركور ئەمەسمۇ بۇنى ئەجەپ ھېس قىلالماپتىمەنا…
ئۇنداقتا پاركورنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى سۈرۈشتۈرۈلۈپ قالسا چېڭلوڭنى مەنبە قىلىۋالسا بولغىدەك جۇمۇ ، ئۇ 20 نەچچە يىلنىڭياقى ئىشلەۋاتقان كىنولىرىنىڭ قايسى بىرىدە بۇنداق ھەركەتلەر يوق.
مەنمۇ بەك ياىشى كۈرىمەن بۇ چىڭ بۇرادەرنىڭ كىنوسىنى،ماھارەتلىرى بۇپقۇيىدۇ.
ئەمدى بۇنداق ئارتىسلار يوقتە ، چاتاق يېرى . ئادەم ھەقىقەتەن قىزىقىپ كۆرەتتى دىسە بۇنىڭ كىنولىرىنى …ياش ئارتىسلار ئىچىدە بۇنداق كىنو ئىشلەيدىغان ئارتىس يوق ھە ؟
راس! چىڭلوڭ داداڭلار كارامەت كىنو ئىشلەيتتى ھازىر قېرىدى ئەمەسمۇ؟! ئەمدى بۇنداق كىنو ئىشلەيدىغان ئارتىس يوق.