رىۋايەتلەردىكى تۇتۇق رەسىمنى ئېنىقلاشتۇرىدىغان ئىقتىدار، Photoshop CS6 ھەممىنى باپلايدۇ!!!
Adobe MAX 2011 ئىجادكارلار يىغىنىدا، Adobe كۆپچىلىككە PhotoShop ئۈچۈن تۈزۈن چىققان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تېخنىكا: تۇتۇق رەسىمنى ئېنىقلاشتۇرۇش(Deblurring) نى ئاشكارىلىدى. نۆۋەتتە بۇ تېخنىكا تېخى ئېچىش باسقۇچىدا بولۇپ، كېيىنكى ئەۋلاد photoshop(مەنچە PhotoShop CS6 بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن) بىلەن قوشۇلۇپ كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىشى مۇمكىن…
ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، ئەڭ يېڭى نەشىردىكى PhotoShop CS6 Pre Release كۆرگەزمە نەشىرى ئىچىدىن بۇ ئىقتىدارنى تاپالمىدۇق، پەرىزىمىزچە رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىنغاندا ئاندىن بۇ ئىقتىدارلار ئېچىۋېتىلىشى مۇمكىن. كۆپچىلىككە ئەڭ يېڭى PhotoShop CS6 Pre Release كۆرگەزمە نەشىرىنى ئىشلىتىشتىن تەسىرات ناملىق يازمىنى تەۋسىيە قىلاي، بۇ ئارقىلىق بۇ يېڭى PhotoShop قا نىسبەتەن بەلگىلىك چۈشەنچە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
تۇتۇق رەسىمنى ئېنىقلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ پرىنسىپىغا نىسبەتەن Adobe ئانچە تەپسىلىي چۈشەنچە بەرمىدى، ئەمما قارىماققا PhotoShop ئاۋال رەسىمگە نىسبەتەن ئانالىز ئېلىپ بېرىپ(تۆۋەن سەپلىمىدىكى كومپيۇتېرلاردا سەل ئۇزاق ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن)، رەسىمنىڭ تۇتۇقلۇق ئۆلچىمىنى جەزملەشتۈرىۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن رەسىمنى ئەسلىدىكى ئېنىق ھالەتكە ئېلىپ كېلىدىغاندەك قىلىدۇ.
Adobe نەقمەيداندا كۆپچىلىككە بۇ تېخنىكا توغرىلىق يەنە بىر قىسىم مىساللارنى كۆرسەتتى، ئېكراندىكى تۇتۇق رەسىم ئېنىقلىشىشى بىلەن مەيداننى قىقاس-چۇقان بىر ئالدى.
يىغىن نەقمەيدانىكى ئىقتىدار چۈشەندۈرۈش قىسمىدىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:
شۇنداق، ئېھتىياتسىزلىقتىن PhotoShop مۇ ئاللىقاچان CS6 گە كۆتۈرۈلۈپ كەتتى! ناۋادا قىززىققۇچىلار بولسا چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
دىققەت: قاچىلاش جەريانىدا نومۇر سورىشى مۇمكىن، چۈشۈرگەندىن كېيىن تىزىملاتقۇچ ئارقىلىق نومۇر ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ. قاچىلاشتىن بۇرۇن، ئاستىدىكى بىر قۇرنى C:\Windows\system32\drivers\etc\hosts ھۆججىتىنىڭ ئىچىگە يېزىپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ.
127.0.0.1 practivate.adobe.com
PhotoShop CS6 Pre Release كۆرگەزمە نەشىرى | مەنبە: torhumar.com | ئىشلىتىشتىن قىسقىچە تەسىرات
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Adobe، photoshop، ps، رەسىم، سۈرەت، لايىھەلەش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,514 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى
- يازما مەنزىلى: photoshop-cs6-pre-release.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > GIF رەسىمنىڭ رەزمېرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتىپ بېرەلەيدىغان ھەقسىز كىچىك قورال – GIF Resizer
- كېيىنكى يازما > توركۆرگۈگە ساقلىنىپ قالغان ئىسىم ۋە پارولنى تېپىپ بېرەلەيدىغان ئاجايىپ قورال – WebBrowserPassView
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- سۈرەتكە جىق چۈشىدىغان قىزلار دىققەت | سۈرەتكە چۈشىمەن دەپ جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەر
- مىكروسوفت چىقارغان «سۈرەتكە قاراپ يېشىنى تېپىش» تور بېكىتى، ياش يوشۇرىدىغان قىزلار ئېھتىيات قىلىڭلار
- 20 پارچە ئاز ئۇچرايدىغان تارىخى سۈرەت
- ئەينى چاغدىكى دىسنېي كارتون ئوبرازلىرىنىڭ چىراي ئىپادىسى قانداق لايىھەلەنگەن؟
- 8 تال رەسىم سىزگە بۈگۈن قانچىلىك سوغۇق بولغانلىقىنى دەپ بېرىدۇ
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- قىزلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدىغان رەسىملىرى، يىغىپ كەلسە شۇ نەچچە خىل چىقىمىش
- ھەقىقىي مەنزىرىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ قالتىس كومىك رەسىملەر
دىۋان!
ئېتوتلار قامۇسىدا!
ۋاي دىۋان كۆرمىگەن قەلەندەر PhotoShop CS6 توغرىلىق ھىچ نىمىنى بىلمىگەچكە دىۋان تالىشىپلا دە بوپتۇ بىر ئۆمۈر تۆر تالىشىپ تەتىجىسىز ئۆتەلا
بۇ نەشرىنىڭ ئىلان قىلىنىشىنى 4 كۆزۈم بىلەن كۈتكەن يوللىغۇچىغا رەھمەت
سىلىگە قويۇپ بەرسە بۇ چاغقا بەداشقان قۇرۇپ ئولتۇراتتىلا
بۇ يېڭى نەشىرى قاچان ئېلان قىلىنار…، PhotoShop CS6 گە يەنە قانداق ئىقتىدارلار قوشۇلغاندۇ؟
مەن تېخىچە cs4 كە چىقمىدىم قارىغاندا ماڭا خېلى يىللار باردەك قىلىدۇ.
ۋاي توۋا سىز قاچان 2011 -يىلىغا چىقىسىز؟
ۋاي خۇدايىم
ئۆچكىنىڭ كۈندە ئوچۇق گەپ يوق، قوينىڭ بىرەر قېتىم پىش پىش ھە؟
cs5 نۇسقىسىنىڭ كەسپى نۇسقىسىنى سىتىۋىلىپ ئىشلىتىۋاتقان… ھەقسىز يىڭلاپ بىرىدىغان پائالىيەتلىرى بارمىدۇ؟
ئەگەر PhotoshopCs6 نەشىرىنى رەسىمىي تارقىدىغان بولسا بىزدەك لاھىيەلىگۈچىلەرگىمۇ بەك قولاي بولىدىكەندە!
مېنىڭغۇ PhotoshopCs6 رەسمىي كېڭەيتىلگەن نەشىرى بولمىسا،بۇنداق ئىقتىدارىنى كۆرمىدىم.كومپىيۇتېرىمنىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىسىمۇ ئوتتۇرىھالدىن يۇقۇرى بەك ئالىيدىن تۆۋەنرەك.
قاچان چىقاربۇ