نىيۇيورك بويىچە ئەڭ قىممەت دەپ ئاتالغان 90 مىليون دوللارلىق ھەشەمەتلىك داچا سېتىلىدىكەن
ھەممە ئادەم جۇڭگودا ئۆي باھاسى قىممەت، ئامېرىكىدىكى يېرى كەڭ، ئاھالىسى شالاڭ رايونلاردا ئۆي ئەرزان دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇمۇ جۇڭگودىكى چوڭ شەھەرلەر بىلەن ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا كىچىك شەھەرلەرنى سېلىشتۇرغاندىن كېيىن كېلىپ چىققان كۆز قاراش، ناۋادا نىيۇيورك، لوس-ئانژېلىس دېگەندەك چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ قالسىڭىز، ئورنى ياخشى ئۆيلەرنىڭ باھاسى جۇڭگونىڭكىدىنمۇ خېلىلا قىممەت. يېقىندا مانخاتتوندا بىر ھەشەمەتلىك قوروغا سېتىش ئېلانى ئېسىپ قويۇلغان بولۇپ، باھاسى 90 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن…
گەرچە ئۆينىڭ باھاسى سەل مۇبالىغىدەك بىلىنسىمۇ، ئەمما بۇ ئۆي ھەقىقەتەن سېپى ئۆزىدىن ھەشەمەتلىك بىر داچا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئورنى ئەڭ ياخشى جايغا(مەركىزى باغچىنىڭ يېنىدا) ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىدە 10 ياتاق، 11 مۇنچا، ئۈچ ئاشخانا، بىر كۈتۈپخانا، لېفت، چېنىقىش ئۆيى ۋە بىر باغچا سەپلەنگەن، ئومۇمى كۆلىمى 1672 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ.
بۇ داچا 1916-يىلى سېلىنغان، ئەينى چاغدا ئامېرىكىدىكى سودا ماگناتى فرانك ۋولۋوس(ئامېرىكا تۆۋەن باھالىق مىلىچماللار شىركىتى ۋولۋوسنىڭ قۇرغۇچىسى) ئۆزىنىڭ ئۈچ قىزىغا يانداشتۇرۇپ ئۈچ دانە داچا سېلىپ بەرگەن، بۇ دەل مۇشۇ ئۈچ داچىنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان ئىككىنچى قىزىغا سېلىپ بەرگەن داچا شۇ.
1995-يىلى، جېنىقىش ئۆيى كاتتىۋېشى Lucille Roberts پەقەت ئالتە مىليون دوللار پۇل خەجلەپلا بۇ داچىنى سېتىۋالغان ھەمدە ئىزچىل بۇنى ئەرلەر چېنىقىش ئۆيى قىلىپ ئىشلەتكەن. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، پۈتكۈل ئۆي قايتىدىن بېزىلىپ، دەبدەبىلىك قەدىمىي تۈسكە كىرگۈزۈلگەن، شۇنداقلا ھەيۋەتلىك 90 مىليون دوللارلىق سېتىش باھاسى چىقىرىلغان.
ناۋادا باھا قىرقىۋېتىلمەي مۇشۇ سوممىدا سېتىلىپ قالسا، بۇ داچا نىيۇيورك تارىخىدىكى پۈتۈشۈش سوممىسى ئەڭ قىممەت بىر ئۆي بولۇپ قالىدۇ. ئىلگىرىكى رېكورت بولسا، بەش يىل ئىلگىرى بانكىر J.Christopher Flowers نىڭ 53 مىليون دوللار بىلەن ھاكنېس كوچىسىدىكى داچىسىنى سېتىۋالغىلى ئىدى.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: جەمئىيەت,پۇل,ھەشەمەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 09-ئاينىڭ 22-كۈنى
- يازما مەنزىلى: newyork-mansion.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بالىلىقىمىزنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان ئاشۇ CS ئويۇنى بەلكىم يىراقلارغا ئۇزاپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن…
- كېيىنكى يازما > بۇ يىللىق تەۋسىيەلىك ئەڭ نادىر نادىر كارتون فىلىم : RIO نىڭ Windows 7 ئۇسلۇبى
مۇشۇ داچىنىڭ دىۋانىدىلا كىرىلىپ ئولتۇرۇۋالايچۇ!
داچا دەڭلا
مەن سېتىۋالايمىكىن دەيمەن
سىللى بۇنى سىتۋالىمەن دىمەي سەھرادىكى كەپەڭلىنى تۈزەشتۈرۈپ ئولتۇرۇڭلا….
چاقسا ھۆكۈمەت جىق پۇل بەرگۈدەك ئەمىسە…
ھەي پۇلنىڭ يوقلىقى ،بولمىسا بىرسېتىۋالىدىغان داچىكەنتۇق.
كاتتىلقىغۇ كاتتىكەن بىراق مەن سىتىۋالماي ئىجارە ئالايمىكىن دەيمەن، بىر ئاي ئولتۇرۇپلا يەنە ئۆزەمنىڭ ئۆيگە قايتىپ كېلمەن،
جوڭگودا بولغان بولسا ، ئاللىقاچان چېقىلىپ گاۋسېڭغا چىقىپ ئۇلتۇراكەن بۇلار . ئۇ يەردە ئۇندا ئۆيلەرگە گەپ قىلمايدىكەن . ماۋۇ يەردە شەھەر ئىچىدە ئۇنداق چوڭ يەرگە ئىگەللىۋالسا ئۇندا ساتقۇزۇپ ئاۋارە قىلماي يەتتە سەككىز تو ئۆي بېرىدۇ.
پاھ مۇنداق ئۆيلەرنى ئالىدىغان ئادەممۇ چىقارمۇ مۇشۇ ئۆينى