كىچىك تېخنىكا: Windows 7 دە ۋەزىپە ستونىدا قانداق قىلىپ ھەپتە كۈن نامىنى كۆرسىتىمىز؟
windows 7 دىكى ۋەزىپە ستونىنىڭ ئوڭ بۇلۇڭىدا كۆرۈنىدىغان ۋاقىتنىڭ سۈكۈت قىممىتى يىل، ئاي، كۈن ۋە نۆۋەتتىكى ۋاقىتنىلا كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولۇپ، شۇ كۈننىڭ ھەپتىنىڭ قايسى كۈنى ئىكەنلىكى كۆرۈنمەيدۇ. نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن، ھەپتە كۈن نامى كۆرۈنۈپ تۇرسا تېخىمۇ قولايلىق بولۇشى مۇمكىن، بۈگۈن دەل مۇشۇ كىچىك تېخنىكا بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز!
مەشغۇلات ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددى. ۋەزىپە ستونىدىكى ۋاقىت رايونىنى چېكىمىز، ئاندىن چېسلا ۋە ۋاقىتنى ئۆزگەرتىشنى چېكىمىز، چىققان كۆزنەكتىن يەنە چېسلا ۋە ۋاقىتنى ئۆزگەرتىش كۇنۇپكىسىنى چېكىمىز، ئاندىن كالېندارنى ئۆزگەرتىش دېگەن ئۇلانمىنى چېكىمىز، چىققان كۆزنەكتىن تۆۋەندىكىدەك تەڭشىسەك بولىدۇ:
短日期(چېسلا قىسقا يېزىلىشى): ddd yyyy-M-d
长日起(چېسلا ئۇزۇن يېزىلىشى): yyyy’年’M’月’d’日’ dddd
ئاندىن قەدەممۇ قەدەم جەزملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ بەرسەك، ۋەزىپە ستونىدا چېسلانىڭ يېنىغا ھەپتىنىڭ قانچىنچى كۈنى ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ!
مەن ئۆزۈم yyyy-M-d dddd شەكلىدە كۆرسىتىشنى ياقتۇرىمەن، ئۈنۈمى دەل يۇقارقى قىستۇرما رەسىمدىكىدەك! ئەلۋەتتە بۇ مەشغۇلاتلار يالغۇز Windows 7 گىلا ئەمەس، بارلىق نەشىردىكى Windows قا ماس كېلىدۇ!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىچىك تېخنىكىلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: windows، تېخنىكا، ساۋات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 7,663 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 04-ئاينىڭ 15-كۈنى
- يازما مەنزىلى: show-week-in-windows7.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > سىز ئۆزىڭىزنى راستىنلا سوئال سوراشنى بىلىمەن دەپ قارامسىز؟؟؟
- كېيىنكى يازما > بىزنىڭ تورغا چىقىش ۋاقتىمىزنى زادى نېمە ئىسراپ قىلىۋاتىدۇ؟
- بۇ يىل يازدا ھەقسىز Windows 10 سوۋغا قىلىنىدۇ، 3D كۆزەينەكنى پۇلغا ئالىسىز
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- 3D لىك پرويېكسىيە تېخنىكىسىنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟ سۇ ئىشلىتىدىكەن سۇ!!!!!
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
بۈگۈن F5 بېسىپ ئولتۇرغانلار يوقمىدۇ؟
مۇشۇ كۈنلەردە دىۋان يىتشمەيدغان بوپ كەتغۇ!~~
قىلىۋالدىم ، يارايمەن جۇمۇ!
yyyy-M-d dddd بۇ قانداق ۋاقىت ئەمدى ، تورخۇماركام ياخشى كۆرىدىكىنە
بۇ بولىدىغان ئۇسۇلكەن رەھمەت قىلىۋالدىم مەنمۇ
مەن xp دا قىلالمىدىم .
مەن ئۇيغۇرچە قىلدىم،ۋىن7 نىكىنى…