نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىچىك تېخنىكىلار > يازما مەزمۇنى

سىز ئۆزىڭىزنى راستىنلا سوئال سوراشنى بىلىمەن دەپ قارامسىز؟؟؟

كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەت جەريانىدا، نۇرغۇن كىشىلەر دائىم مەندىن تېخنىكىغا دائىر سوئاللارنى سوراپ تۇرىدۇ. بەزىدە چاغلاردا، سوئال سورىغۇچى ۋە جاۋاپ بەرگۈچى ئوتتۇرىسدا دائىم بىر قىسىم كۆڭۈلسىز ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، تۆۋەندىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار بۇنىڭ تىپىك مىسالى…

1. مەسىلەن: «مېنىڭ كومپيۇتېرىم تولا قېتىۋالىدىغان بوپ قالدى، قانداق قىلىمەن؟»، ئادەتتە، بۇنداق سوئاللارغا بىردەك «سېستىمىنى قايتا قاچىلاڭ» دەپلا جاۋاپ بېرىمەن. ئېنىقكى، بۇ خىلدىكى جاۋاپ سوئال سورىغۇچىنى ئازراق ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويىدۇ، ئەمما سىز بۇنىڭ تېگىشلىك جاۋاپ ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىڭىز كېرەك. ئەمما بەزى بىر سوئاللار ئادەمنى ھەقىقەتەن گاڭگىرىتىپ قويىدۇ. مەسىلەن: «#C نى يېڭى ئۆگىنىۋاتقان ئىدىم، خاتالىق چىقىۋالدى، كۆرۈپ باقامسىز؟»، بۇنداق چاغدا مەن ياندۇرۇپلا قايتا سورايمەن، قانداق خاتالىق چىققان ئىدى؟

2. يەنە بىر خىل ھالەت بولسا، جاۋاپ بەرگۈچى ئاۋال سوئال سورىغۇچىدىن ئاغرىنىشقا باشلايدۇ، مەسىلەن، سېنىڭ سورىغان بۇ سوئالىڭ توغرا ئەمەس ياكى سەن زادى نېمە دېمەكچى دېگەندەك قايتۇرما سوئاللار چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سوئال سورىغۇچى توختىماي ئۆزىنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئاقىۋەت بىر مۇنچە ۋاقىتنىڭ ئۆزىلا ئەسلى سوئالنىڭ نېمە ئىكەنلىگىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا كېتىپ قالىدۇ.

3. يەنە بىر خىل ھالەت شۇكى، سوئال سورىغۇچىنىڭ سورىغان سوئالى ھەددىدىن زىيادە ئاددى، ھەتتا سوراش ھاجەتسىزلا بىر سوئال. مەسىلەن، سىز ئۆزىڭىز سىناپ باقسىڭىز ياكى مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشلەرنى بىر ئوقۇپ باقسىڭىز، توردىن ئىزدەپ باقسىڭىزلا ھەل بولىدىغان ئىشلار. ماھىيەتتە بۇ بىۋاستە ھالدا سىزنىڭ بىلىمسىزلىكىڭىز ياكى ھورۇنلىقىڭىزنى چۈشەندۈرۈپ قويىدىغان بىر ئەھۋال. بۇ خىل ئەھۋال سىزنىڭ باشقىلارغا بەرگەن تەسىرىڭىزگە ئېغىر نۇقسان يەتكۈزىدۇ.

4. تۆتىنچى خىل ئەھۋال شۇكى، سوئال سورىغۇچى توختىماي ۋالاقشىپ ھېلى ئۇنى، ھېلى بۇنى سوراپ جاۋاپ بەرگۈچىنىمۇ قايمۇقتۇرىۋېتىدۇ، ھەتتا بەزىدە سوئال سورىغۇچىنىڭ سوئال سورىماقچى ئىكەنلىگىدىنمۇ گۇمانلىنىپ قالىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.

شۇڭا، قانداق سوئال سوراش، قانداق قىلغاندا بىر مەسىلىنى ئىنتايىن ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا سوراشمۇ ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىزنىڭ سوئال سوراش قابىلىيىتىڭىز بىۋاستە ھالدا سىزنىڭ شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىغا ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئېرىشىشىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

بۇ يەردە كۆپچىلىككە How To Ask Questions The Smart Way ناملىق بىر ماقالىنى تەۋسىيە قىلاي، خەنچە تەرجىمىسى «سوئال سوراشتىكى پاراسەت» بۇ يەردە، بۇنىڭ ئىچىدىن مەن بىر قىسىم يورۇق نۇقتىلارنى خۇلاسىلەپ ئۆتەي:

1. سوئال سوراشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىز جاۋابىنى تېپىشقا بىر ئۇرۇنۇپ بېقىڭ، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال، قوللانما، ئوقۇشلۇقلارغا قاراپ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن بارمۇ يوق ئىزدەپ بېقىڭ، ئاشۇ ئۇسۇللارنىڭ سىزنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشىڭىزغا ياردىمى تېگەمدۇ يوق، ئۆزىڭىز بىر سىناپ كۆرۈڭ. ناۋادا سىز پروگراممېر بولسىڭىز، سىز ئاۋال پروگرامما كودىنى تەكشۈرۈشنى ئوبدان ئۆگىنىڭ(بولمىسا خەقنىڭ سىزگە بېرىدىغان جاۋابى «بېرىپ قوللانمىنى كۆرۈپ بېقىڭ» دىن ئىبارەت بولىدۇ). بۇنداق سوئاللار ئادەتتە خېلى كۆپ، بەزى چاغلاردا بۇنداق سوئاللارغا قەتئىي جاۋاپ بەرگۈم كەلمەيدۇ، چۈنكى ئۆزەمنى خەقنىڭ چاكىرىغا ئايلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالىمەن.

2. سوئال سورىغاندا، سوئال سورىماقچى بولغان ئادەم ياكى سورۇننى دەل تاللاڭ. ناتونۇشلار ياكى مەسئۇلىيەتسىز كىشىلەردىن سوئال سوراش سەل خەتەرلىك. ناتوغرا بولغان جاۋاپ بەرگۈچىدىن سوئال سوراش، ھەتتا سىزنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش ۋاقتىڭىزنى نەچچە 10 ھەسسە ئۇزارتىۋېتىشى مۇمكىن. ناۋادا سىز Linux تىكىلەردىن Windows نىڭ سۈرئىتى بەك ئاستىلاپ كەتتى، قانداق قىلسام بولار دەپ سورىسىڭىز ئۇلار نېمە دەپ جاۋاپ بېرەر؟ ئېنىقلا Windows نى ئۆچۈرىۋېتىپ Linux قاچىلا دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.

3. سورىماقچى بولغان سوئال چوقۇم ئېنىق بولۇشى كېرەك ھەمدە سىزنىڭ سوئال سوراشتىن بۇرۇن قايسى ئەھۋاللارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىڭىزنى قىسقىچە ئەسكەرتىشىڭىز كېرەك، سورىماقچى بولغان سوئال قانچە ئىخچام ۋە ئېنىق بولسا شۇنچە ياخشى، بۇنداق بولغاندا سوئالىڭىزغىمۇ ناھايىتى ئاسانلا جاۋاپ قايتىشى مۇمكىن. بىر قىسىم چوڭ ھەجىمدىكى سوئاللارنى، ئامال بار ئەڭ نېگىزلىك ۋە ئەڭ ئىخچام ھالەتكە چۈشۈرۈپ، مەسىلىنىڭ ھەل قىلىش تۈگىنىگە يىغىنچاقلاپ ئاندىن سوراش كېرەك.

4. سوئاللارنىڭ ئوقۇلۇشچانلىقىغا، مەركەزلەشتۈرىلىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، بۇ تەرەپ كود يازغانغا ئوخشايدۇ. پەقەت ئاددى ۋە ئېنىق بولغان سوئاللارلا باشقىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ ۋە باشقىلار تەرىپىدىن ئىتتىك نەزەرگە ئېلىنىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھېچكىممۇ ئۆزى ئۈچۈن قىلچىلىك پايدا-ئەھمىيىتى يوق بىر پاتمان سوئاللارغا ئالتۇندەك ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىشنى خالىمايدۇ، ئۆزىڭىزنىڭ قىيىنچىلىقىڭىزنىڭ ھەممىسىنى باشقىلارغا تاشلاپ قويۇپلا خاتىرجەم جاۋاپ كۈتۈش، قەتئىي ئاقمايدىغان بىر ئىش.

5. سوئال سوراشتىكى پوزىتسىيەرىڭىز، بىر خىل مۇنازىرە شەكلىدىكى پوزىتسىيەگە ئوخشاش بولۇشى كېرەك. گەرچە يەتتە پۈكۈلۈپ، توققۇز تازىم قىلىپ كەتمىسىڭىزمۇ، قەتئىي سەۋر-تاقىتىڭىز بولمىسىمۇ، بىراق ئەڭ بولمىغاندا مۇشۇ ھالەتتە تۇرۇپ ئاندىن سوئال-جاۋاپ ئېلىپ بېرىشىڭىز كېرەك. پەقەت مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن سوئال سورىغۇچى سىزنى كۆزگە ئىلىشى مۇمكىن. مۇشۇ خىل ھالەتكە يېتىش ئۈچۈن، باشقىلار تەرىپىدىن كەمسىتىلمەسلىك ئۈچۈن، سىز چوقۇم سورىماقچى بولغان مەسىلىگە تولۇق تەييارلىق قىلىشىڭىز، قارشى تەرەپنىڭ قايتۇرما سوئاللىرىغا تەمتىرىمەي جاۋاپ بەرگۈدەك كۆزىتىش ئېلىپ بېرىشىڭىز كېرەك. شۇنداق بولغاندا، باشقىلار سىزنى تەجرىبىلىك ئىكەن دەپ قارايدۇ، ھەتتا سوئال سوراش داۋامىدا، جاۋاپ بەرگۈچىنىڭ دەماللىققا ئېسىگە كەلمىگەن نۇقتىلارنى ئېسىگە سالالايسىز ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆلچەملىك جاۋاپقا ئېرىشىش ۋاقتىنى قىسقارتالايسىز. ناۋادا، ھېچنىمە بىلمەي تۇرۇپ ھەممىنى باشقىلاردىن سورايمەن، باشقىلار ھەل قىلىپ بېرىدۇ دەپ ئويلىغان بولسىڭىز، ئېغىر خاتالاشقان بولىسىز.

6. يەكۈن چىقىرىشقا ئالدىرىماڭ. مەسىلەن: «مەن ئۆزۈمنىڭ كومپيۇتېرىدا سىنىسام بولغان، ماۋۇ كومپيۇتېردا بولمايۋاتىدۇ، چوقۇم مۇشۇ كومپيۇتېرنىڭ مەسىلىسى» دېگەندەك گەپلەرنى ئالدىراپ چىقارماڭ. سىز مۇشۇ گەپلەرنى دېگەن چاغدا، سىزدە چوقۇم يېتەرلىك پاكىت ۋە دەلىل ئۇچۇرلار بولۇشى كېرەك، بولمىسا، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىڭىزنى چوڭ چاغلىغاندەك تەسىر بېرىپ قويىسىز. ياخشى بىر سوئال ئەسلىدە «بۇ يۇمشاق دېتال كومپيۇتېر سەپلىمىسى ۋە مەشغۇلات سېستىما نەشىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ قايسى يۇمشاق دېتاللار بىلەن يەكلەش ئالامىتى كۆرۈلۈشى مۇمكىن» دېگەندەك شەكىللەردە بولىدۇ.

ئەسلى مەنبە: http://coolshell.cn/articles/3713.html
توردىشىمىز مىسكىننىڭ تورخۇمار كۇلۇبى ئۈچۈن تەمىنلىگەن ئەسىرىگە كۆپ رەھمەت!



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. مىسكىن 2011.03.22 , 19:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇماردا ئېلان قىلغان ئەسىرىمنىڭ دىۋانىدا ئۆزۈم ئولتۇراي، ھى ھى:oops:

    • ۋىروس 2011.03.22 , 20:18

      ئو … مەتبۇئاتنىڭ پايدىسى بولدىمۇ نىمە ؟ :shock:

  2. نۆل & بىر 2011.03.22 , 22:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پىسخىكا جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا بۇ راسلا ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە …بۇنى بىلىۋالساق تۇرمىشىمىشىمىز تىخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ دەپ قارايمەن…جاپا چىكىپسىز مىسكىنجان.:wink:

  3. سندىبات 2011.03.23 , 10:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەھمەت!مەنمۇ ھازىر چ چ نى ئېچىشتىن سەل ئەنسىرەيمەن.ئاشۇنداق ئايىغى چىقماس ئاددى سۇئاللار يېغىپ كىتىدۇ!:eek:

  4. كەمەك 2011.03.23 , 11:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئادەتتە كومپىيۇتېرىمىدىن چاتاق چىقتى دىگەن سوئاللارغا ئېرىنمەي مۇنداق جاۋاب بېرىمەن:
    جاۋاب: ئاۋال دىرىزىنى ئېچىلىپ ئاندىن كومپىتېرىڭىزنى دىرىزىدىن سىرىتقا تاشلىۋىتىڭ.
    ياكى بىل گەيتىسكە ياكى سىتىۋ جوبىسقا تېلفۇن قىلىپ بىقىڭ.
    ۋە ياكى، كومپيۇتېرىڭىزنى كۆتۈپ شەرىق تەرەپكە 80كۈن ماڭسىڭىز بىر دەرەخ ئۇچىرايدۇ، ئاشۇ دەرەخنىڭ ئاستىدا بىر قۇدۇق بار، قۇدۇققا چۈشسىڭىز بىر پاقا بار، شۇ پاقىنىڭ ئاستىدا بىر ئاچىقۇچ بار، شۇ ئاچىقۇچنى ئېلىپ جەنۇپقا 30 كۈن ماڭسىڭىز بىر ئشىك ئۇچۇرايدۇ، لىكىن سىز ئالغان ئۇ ئاچىقۇچ ئۇ ئىشىككە چۈشمەيدۇ، ئېشىكنى كومپىيۇتېرڭىز بىلەن ئۇرۇپ چىقىپ كىرسىڭىز يەنە بىر ئېشىك بار، بۇ ئېشىكنى بايامقى ئاچىقۇچ بىلەن ئاچسىڭىز، ئىچىدە بىر كومزەك بار، شۇ كومزەكنى ئېلىپ ئېچىگە سۇ قۇيۇپ ئىچىپ ئولتۇرسىڭىز كومپىيۇتېرىڭىز بەلكىم ئۆزى ئوڭشۇلۇپ قالار. :?:

  5. كەمەك 2011.03.23 , 11:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇنىڭ بىلەن سوئال سورىغۇچى بۇنداق مېيىپ سوئاللارنى ئالدىراپ سورىمايدىغان بولىدۇ.:!:

  6. كەمەك 2011.03.23 , 11:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھاھاھا:mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen:
    دەل مۇشۇ تېمىنى ئوقوپ ئولتۇرسام، بىر خىزمەت دىشىپ يىنىمغا كەپتۇ،(بۇ زادى نېمە قىلىدىغان نەرسە دەپ سوئال سوراۋاتىدۇ؟) ۋاي نىمە دەيدىغاندۇ دەپ : (ھە:?:) دىسەم، ئەسىلى خىزمەت جوزامنىڭ ئاستىدىكى قەغەز توغراش ماشىنىسى بىر كىرەكسىز ھۆججەتنى توغراۋىتىپتىكەن، گەرچە ئۇ ماشىنا قەغەزنى توغراۋاتقان بولسىمۇ، بۇنى كۆرۈپ تۇرغان بۇ ئادەش يانماي يەنە بۇ ماشىننىڭ نىمىگە ئېشلىتىدىغانلىقىنى سوراپ بىلۋالغىسى كىلىپ مەندىن :mad: ئاڭلاپ كىتىپ قالدى.

  7. دولقۇن731 2011.03.23 , 12:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    GooGle بلەن baidu ئەڭ ياخشى مۇئەللىم

  8. مېستر01 2011.03.23 , 17:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ ئادەتتە ئىزدىسلا تاپقىلى بولدىغان سۇئاللارنى سۇراپ ئولتۇرمايمايىتم .بۇتىما راستىنلا ئۇيلغىنمدەكلا چىقىپتۇ..تىمىنى يوللىغان قوللارغا دەت كەلمسۇن…:smile::smile:

  9. GoodLuck 2011.03.24 , 09:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇنۋېرسىتىتتىكى ۋاقتىمىزدا بىر دوستۇم سىنىپتىكى بىر قىز ساۋاقدىشىمىزغا كومپيۇتېر ئېلىپ بېرىشىپتۇ. ئۇ قىز كومپيۇتېرنى نەچچە كۈن ئىشلەتكەندىن كېيىن، دوستۇمنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
    -سىز ماڭا پەقەت ياخشى كومپيۇتېر ئېلىپ بەرمەپسىز؟
    -نىمە بولدى؟
    -سىز ئېلىپ بەرگەن كومپيۇتېردا word يوقكەن.:roll:

    مۇشۇنداق قىلسا قانداق قىلىمىز ئەمدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقىلارغا كومپيۇتېر ئېلىشىپ بەرسە، تەبئىلا شۇ كومپيۇتېرنىڭ دائىملىق رىمۇنىتچىسى بولۇپ قالىدىغان گەپكەن. شۇنىڭدىن بۇيان ئاغىنىلەر كومپيۇتېر توغىرلىق سورىسا ، ۋاي ئاداش مەن ئاخشام تېخى كومپيۇتېرنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قاپتىمەن. دەپ تېرىكتۈرىدىغان بولدۇم.

    • كۆك كەپتەر 2011.03.25 , 16:35

      قىزلارنىڭ سۇئال سورىشى تىخىمۇ يۇمۇر. :mrgreen:

  10. ئەزىز 2011.03.25 , 17:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    (كومپيۇتېردا word يوقكەن) دىگەن بەك قىزىق گەپ بوپتۇ:mrgreen:

  11. ئۇيغۇربەگ 2011.03.25 , 18:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كەمەك ھەييارنىڭ جاۋابىنى ئۆگۈنۈۋالدىم، ھاھاھا!:lol::wink::idea:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量