نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىچىك تېخنىكىلار > يازما مەزمۇنى

بىزنىڭ تورغا چىقىش ۋاقتىمىزنى زادى نېمە ئىسراپ قىلىۋاتىدۇ؟

بۇ بىر ئۆزۈمنىڭ قايتا ئويلىنىش نەتىجىسى خالاس. چۈنكى مەن ئۆزۈمنى بارا-بارا بېشى يوق چىۋىنغا ئوخشاش قېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم: قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىم بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھېچقانچە ئىش قىلمىغاندەك تۇيۇلىدۇ. گەرچە ئۆزۈمنىڭ ناھايىتى چارچاپ كەتكەنلىكىمنى تۇيۇپ تۇرساممۇ، ئەمما تىلغا ئالغۇدەك بىرەر نەتىجە يوق…

ھېچنېمىگە ئىنتىلمەي، ئاددىيلا بىر خىل پوزىتسىيە بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشتىن بەھرىلىنەمدىم؟ ياكى بولمىسا، زور قىزغىنلىق بىلەن تىرىشىپ، نىشانىمنى ئەمەلگە ئاشۇرامدىم؟ ئەلۋەتتە، بىرىنچى يولنى تاللىمايمەن، مەن تېخى ئۇ دەرىجىگە بېرىپ قالمىدىم، شۇڭلاشقا چوقۇم ئىككىنچى يولنى تاللىشىم كېرەك.

ئۇنداقتا زادى قەيەردىن مەسىلە چىققاندۇ؟
مەن نۇرغۇن ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلدىم، ناھايىتى نۇرغۇن ۋاقتىم ئىسراپ بولۇپ كەتتى. بۇ خىل ئىسراپ قىلىش پەقەت ئىسراپ قىلىشلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە بىر ئۆزىنى قاچۇرىدىغان بىر پسىخىكىلىق ھالەتنى يېتىشتۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ…
ئىشنى رەسمىي باشلاشتىن بۇرۇن مىكروبلوگقا چىقىپ، بىر ئاز كەيپىياتنى تەڭشىۋالغاندىن كېيىن، تەييارلىقنى باشلاي. بىز تەتقىق قىلىش، ماتېرىيال ئوقۇش بولۇپمۇ، ماتېرىيال توپلاشقا ناھايىتى زور ئىشتىياق بىلەن بېرىلىپ كېتىمىز. بۇ گەرچە قارىماققا ئەقىلگە مۇۋاپىقتەك كۆرۈنسىمۇ،ئەمەلىيەتتە ئۈنۈمسىز خىزمەت ئاستىدا بىزنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىمىز ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ. بىز ھورۇنلۇق ۋە سۆرەلمىلىك بىلەن بۇلارنى بىلىنەر-بىلىنمەي تەربىيىلەۋاتىمىز.

1. ئادەت خاراكتېرلىك توردا ئايلىنىش

بۇنىڭغا بىر مىسال سۆزلىسەم، مەن بىر بلوگ يازمىسىنى يازاي دەۋاتقىلى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ كەتتى، بۇ يازمىنىڭ تېمىسىنىمۇ ئويلىنىپ بولغانىدىم ھەمدە ئۇنىڭغا نېمە يازماقچى بولغانلىقىمنىمۇ كاللامدا پۇشۇرۇپ قويغانىدىم. شۇنىڭدەك، بۇ بىر مەزگىل ئىچىدە مۇشۇ مەزمۇنغا ئائىت نۇرغۇن ياخشى مىساللارنى ئۇچراتقان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن تور كۆرگۈنى قوزغىتىپلا ئاۋال بلوگىمنى ئاچتىم ۋە يازمىنىڭ ماۋزۇسىنى قويدۇم، ئۇنىڭدىن كېيىن، قانداق بولۇپ باستىم بىلمىدىم، Chrome دىن بىر قۇرۇق يېڭى بەت ئاچتىم، ئۈستىدە مېنىڭ «ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنغان تور بېكەت»لىرىم كۆرۈندى: بۇلار سىنا مىكرو بلوگ، LinkedIn، GReader ۋە Gmail قاتارلىقلار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر-بىرلەپ بۇ ئۇلانمىلارنى ئېچىشقا باشلىدىم ھەمدە يېڭى ئۇچۇر بار-يوقلۇقىغا، دوستلىرىمنىڭ قانداق يېڭىلىقلىرىنىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلىشقا باشلىدىم. بۇ تور بېكەتلەرنى كۆزدىن بىر كەچۈرۈپ بولغۇچە خېلى ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەڭ باشتا كۆرگەننى قايتا كۆرۈپ باقايمۇ يا دەپ ئويلىدىم. بولدىلا، بۇ چاغدا مەن ئاللىقاچان ئۆلۈك ئايلانمىغا كىرىپ قالغان ئىدىم…
بۇ بىر ئۆزىنى ئېلىپ قېچىش، ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىش، ئۆزىنى چېچىلاڭغۇ قىلىپ قويۇش ھەمدە ھاماقەتلەرچە سەرپ قىلىنغان بىر سېلىنما ئىدى!
بەزى چۈشەندۈرۈشلەر بىزگە ھەقىقەتەن يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ. بۇنى ھەر ۋاقىت كەسپى يۈزلىنىشكە دىققەت نەزەردە بولۇش دەپ ئاتايمىز. ئەلۋەتتە، ئەڭ يېڭى تېخنىكىلارنى چۈشىنىش، نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ تۇرۇش كېرەك، ئەمما سىز بۈگۈن بىر نەچچە سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ، قايسى ئۇچۇرلارغا ئېرىشتىڭىز؟ سىزگە پايدىسى تەگكۈدەك ئۇچۇرلار بارمىكەن؟ بەلكىم سىز بىر نەچچە پارچە يۇقىرى تېخنىكا سۆزلەنگەن ماقالىلەرنى بلوگىڭىزغا ياكى تور بېكىتىڭىزگە يۆتكەپ كەلگەن بولۇشىڭىز ياكى ساقلىغۇچغا ساقلىۋالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئەمما سىز بۇ ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي كۆردىڭىزمۇ؟ توغرىسى كۆرۈپ چۈشىنەلىدىڭىزمۇ؟
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئۆزۈمگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتسام، مېنىڭ بۇ ئۇچۇرلاردىن ئېرىشكەنلىرىم ئۇنچە كۆپ ئەمەس.

2. مەقسەتسىزلا تورغا چىقىش

ئەگەر بىز ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا، ھېچقانداق مەقسەت يوقلا كومپيۇتېرنى ئاچساق، ئۇ ھالدا بىز كومپيۇتېر ۋە تور كۆرگۈنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالىمىز ھەمدە كومپيۇتېرنىڭ بىر قورال ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولىمىز. ئەمەلىيەتتە بىز كومپيۇتېرنى مەلۇم ئېھتىياجىمىز ئۈچۈن ئىشلەتسەكلا كۇپايە. مەسىلەن: بلوگ يېزىش، بىرەر ئالگورېزىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ياكى توردىكى يازمىلارنى كۆرۈش دېگەندەك.
بىزنىڭ كومپيۇتېر ۋە تور كۆرگۈنى ئېچىشتا مەلۇم نىشان ۋە مەقسىتىمىز بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، ۋاقتىمىز ۋە زېھنىمىزنى ئۆزىمىز نىشان قىلغان ئىشلارغا قاراتساق، ئۇ ھالدا ۋاقىت ۋە ئېنېرگىيە جەھەتتە كۆپ نەرسىلەرنى تېجەپ قالالايمىز. شۇڭلاشقا، كومپيۇتېرنى ئېچىشتىن بۇرۇن، ئەڭ ياخشىسى قىلىدىغان ئىشلىرىڭىزنى رەتكە تۇرغۇزىۋېلىڭ، ئاندىن بۇ ئىشلارنى تاماملاپ بولغاندا ئىككىلەنمەي كومپيۇتېرنى تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

3. بىر قېتىمدا بىر قانچە ئىشنى تەڭ بېجىرمەكچى بولۇش

ئەگەر سىز بىر قانچىلىغان تور بېكەتنى ئېچىۋېلىپ، ئاندىن زادى قايسىسنى كۆرۈشنى بىلمەي گاڭگىراپ قالسىڭىز، بۇ «ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا» نىڭ تىپىك مىسالىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. گەرچە سۈرئەت جەھەتتىن ئۇتىمەن دەپ خام-خىيال قىلسىڭىزمۇ، ئەمما نەتىجە پۈتۈنلەي سىز ئويلىغاننىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىقىدۇ. بۇ خۇددى مېنىڭ بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچە پارچە كىتاب ئوقۇش ۋە بىر قانچە تەرەپتىكى تېخنىكىلارنى تۇتۇۋالماقچى بولۇپ، ئاخىرى ھېچنىمىگە ئېرىشەلمىگىنىمگە ئوخشاشلا بىر ئىش. سىزنىڭ كاللىڭىز بىر بولغاندىكىن، ئۇنى بىر ۋاقىتتا بىرلا ئىشقا ئىشلىتىڭ. ئەگەر بۇ قائىدىنى تور بېكەت زىيارەت قىلىشقا تەتبىقلىسىڭىز، تامامەن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز.
بىرلا ۋاقىتتا نۇرغۇن ئىشنى قىلىش ھەقىقەتەن ئانچە چەك باسمايدىغان بىر ئىش. بۇ گەپنى چۈشىنىش ئاسان، بىراق بۇ خىل ئادەتنىڭ ۋەسۋەسىسىگە تاقابىل تۇرۇش تەس. بىر نەرسىگە قىيىشنى بىلسىڭىز، ئۇنىڭدىنمۇ پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى يەنە بىر نەرسىگە ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭلاشقا، بىر ۋاقىتتا بىرلا ئىشنى قىلىڭ، يەنى بىر قېتىمدا بىرلا كىتابنى ئوقۇڭ.
خاتىمە: مېنىڭچە مەن ھازىر ئۆزۈمنىڭ كېسەللىكىنى بايقىۋالدىم، ئۇنداقتا مەن ئۇلارنى ئۆزگەرتىشكە ئاتلىناي!

ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى-Baiyanhuang



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئۇيغۇربەگ 2011.04.23 , 00:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توۋا…مېنى دەۋاتامدۇ نېمە ما بالا!:shock:

  2. بەگتاش 2011.04.23 , 05:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇزۇن بولغان مەنمۇ مۇشۇنداق ئويلاپ يۈرگىلى، شۇنچە تورغا چىقىپ بىرەر يىڭى بىلىمگە ئىگە بولغاندەك ھىس قىلمىغان، مەقسەتسىزلا ئارلاپ قويىمەن.

  3. بۈركۈت 2011.04.23 , 10:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن دەل چۈشكۈدەكمەن جۇما:oops::oops::oops:

  4. ۋەيرانى 2011.04.23 , 10:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ شۇنداق ئىكەنمەن.تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولغۇچە نەچچە ئايلىنىپ بولىمەن دۇنيانى….

  5. ۋەتەن 2011.04.23 , 11:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن «تورسىزكۈن» بېكىتىۋالدىم ئۆزۈمگە ،تورغا چىقمىغان بۇ كۈنلەردەخۇددى ئۇزۇن مەزگىل تۇرمۇش رېتىمى تېز شەھەردە خىزمەت قىلىپ ئاندىن كەڭرى كەتكەن يايلاققا بېرىپ ئارام ئالغاندا پەيدا بولىدىغان تۇيغۇغا ئوخشاش تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم …لېكىن تورنىڭ خۇمارى تاماكىنىڭ خۇمارىدىن ئىشىپ چۈشىۋاتىدۇ..
    تور- تۇرمۇشىمىزغا دېڭىز تاشقىنىدەك بىسىپ كېلىۋاتىدۇ ، سان -ساناقسىزمەۋھۈم لەيلىمىلەرنىڭ ئارىسىدا قالدۇق…

  6. سەھرالىق 2011.04.23 , 13:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تەدبىركار ئۆزىنى يازغان چېغى دىسەم…
    ئىشقىلىپ دەرستىن چۈشتۈممۇ تورخانىغا چاپىمەن…:idea:

  7. نەزەرى 2011.04.23 , 13:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ھەركۈنى كەچ سائەت 11 دىن كىيىن مەجبۇرى كومپيۇتېر ئۆچۈرەلمەي ئاخىرى كومپيۇتېرنى تەجىربىخانىغىلا باغلىۋەتتىم. ئالدىنقى ئايدا ئۈرۈمچىدە بىر ھەپتە يۈرۈپ كومپيۇتېر دىگەننى كۆرمەي كەيپىم پەچەت ياىشخ بولۇپ قاپتىكەن. ھازىر ئاخشىمى ياتاققا كىرسەم كارۋاتقا چىقىپلا كىتاب كۆرىمەن. پۈتۈنلەي تورغا باغلىنىپ كەتسە رىئاللىقتىن بەك يىراقلىشىپ كەتكەننى ئاز دەپ سالامەتلىكنى تۈگەشتۈرۋالىدىغان گەپكەن.
    دىيىلگەندەك، كومپيۇتېر بىر قورال، تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەممە قىسمى ئەمەس. سىرىتلارغا چىقساق، گۈللۈكلەردە، چىملاردا، يىشىللىقلاردا، كۈتۈبخانىدا……. راھەت دە! كومپيۇتېرنى تاشلاپ قويۇپ كىتاب كۆرۈشنى ئۈگىنىۋاتىمەن.

  8. نۆل ۋە بىر 2011.04.23 , 13:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىشنىقىلىپ،«تورخۇمار»دەك توربەتلەرنىڭ كۆپىيىپ،تورنىڭ زىيىنىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئازىيشىنى ئۈمىد قىلىمەن…

  9. يۈكسەل 2011.04.23 , 14:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىرى بېشىمغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەك ئەجەپ ئەندىكىپ كەتتىما ، ما تېمىنى ئوقۇپ.
    مېنىڭ تورغا چىقىش ۋاقتىمنى بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى قۇرۇلىۋاتقان، توختىماي يېڭىلىنىۋاتقان ، مەزمۇنى تور – مۇنبەرلەردىنمۇ رەڭدار بولغان بلوگلار ‹‹ ئىسراپ ›› قىلىپ كېتىۋاتىدۇ…:mrgreen:

  10. munglan 2011.04.23 , 22:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ يازما ياخشى يېزىلغىنى بىلەن مېنىڭچە تەدبىركا ئەپەندىمدەك 前端开发 قىلىدىغان كىشىگە ماس كەلمەيدۇ .

  11. ئەلشات بلوگى 2011.04.23 , 22:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بۇ تىمىنى ئالدىنقى كۈنى نۇر تورىدا كۆرۈۋاتاتتىم بۇ يەردە ئەمدى كۆرۈۋاتىمىنا تور خۇمار ئەپەندىمۇ تىما كۆچۈرۈشنى ئۈگىنىپتۇ دە؟ ھى ھى ھى:mrgreen:

  12. ئىزدەن 2011.04.24 , 19:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نەق ئۆزى ماڭىلا دىئاگىنوز قويۇپتىيا ماۋۇ بالا!؟ تىۋىپتەكلا…. رىتسىپىنى تېپىپ ئوبدان داۋالانمىسام بولمىغۇدەك… بىراق يەنە شۇ…ماۋۇ ئىنكاس يازغانلارنىڭ تور بېتىدىكى يېڭىلانمىلارنى بىر كۆرۈپ ئاندىن ئېتىۋېتەي جۇمۇ كومپيۇتېرنى….:neutral:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量