ئابدۇكېرەم ئابلىز رول ئالغان مىكرو كىنو – تيەنئەنمېن
بىر ئۇيغۇر بوۋاي ۋە ئوغلى مەككىدىن ھەج قىلىپ قايتىپ بېيجىڭغا چۈشىدۇ ھەمدە ئايروپىلان ئالمىشىپ ئۈرۈمچىگە قايتماقچى بولىدۇ. بۇ چاغدا بوۋاينىڭ تۇيۇقسىز تيەنئەنمېننى كۆرگۈسى كېلىپ قالىدۇ، ئەمما ئوغلى ۋاقىتنىڭ قىسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، دەسلىۋىدە كارى بولماي جىم تۇرىۋالىدۇ، كېيىن بوۋاينىڭ چىرايى ئېچىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دادىسىنىڭ بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئۇنى تيەنئەنمېنغا ئاپىرىشنى قارار قىلىدۇ…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئۇيغۇر، فىلىم، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,315 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 09-كۈنى
- يازما مەنزىلى: mikro-kino-tiananmen.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بىر تال سەرەڭگە چوغىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن قانچىلىك كۈچ كېرەك؟ ئەمما مۇنداق بەز ئۆچمەيدىغان سەرەڭگىنى كۆرمەپتىكەنمەن
- كېيىنكى يازما > ئېلان كۆرۈشمۇ بىر ھوزۇر دىسەم ئىشىنەمسىز؟ كۆرۈپ كۆرۈپ قانمىغۇدەك تايلاند تىلىۋىزىيە ئېلانلىرى
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
دىۋان دىۋان دەيسىلەر مەن بىر دىۋانغا چىقىپ باقاي ،دىۋاننىڭ ھوزۇرى ئۆيۈمنىڭ كىرىسلوسىغا يىتەمدىكىن .
مەنمۇ بىرىنچى ئىنكاسنى يېزىپ دىۋانغا ئېرىشىپ باقىدىكەنمەن توۋا
ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ بېيجىڭدىكى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ،مۇشۇ يەردە بولسىمۇ بىر كىنو ئىشلىۋېتىپ كېتەي دەپتۇدە؟!
بىر خىل ئادەمنى ئويغا سالىدۇ ….؟
ئېكراننىڭ سۈپەت، كۆرۈنۈش جەھەتتە ئىلگىرىلەش زور. مەزمۇنىمۇ ياخشىكەن.
كىنودا زادى نىمە دىمەكچى؟
چوڭ شەھەردە قىزىقىپ بىلمەي بىر يەگە باردىغان يە ئەمەس جۇمۇ ئىشقىلىپ
خىلى ياخشى كىنوكەن ئىلگىرلەش زور زور
مۇرەككەپ كىملىك، قوش تاۋابگاھ…
بۇنىڭدىكى مەزمۇن ھەقىقەتەن چۇڭقۇر ئىكەن ،بۇنىڭدا بىر تەقۋا مۇسۇلماننىڭ ئىمانى بىلەن ئۆز ۋەتىننى سۈيىشى ھەرگىزمۇ بىر بىرگە زىت كەلمەيدىغانلىقى ،ئىمانىلىق ۋەتەنپەرۋەر مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى سۇسلاشتۇرۋاتقىنى ئۇلارنىڭ مىللەت ئايرىمىسى ۋە ئىمانى بولماستىن بەلكى ئىمان-ئىنساپسز بەزى يولداشلار ئىكەنلىكى، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭمۇ ۋەتەننى سۈيدىغانلىقى……….ئىشقىلىپ مەنا بەك چۇڭقۇر ئىكەن، ئابدۇكېرەمكامغا قول قويدۇم ، ئابدۇكېرەمكان ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلاردىن چىققان تالانت ئىگىسى بىز ئابدۇقېرەمكامدىن ئۈگنىشىمىز ۋە ئۇنى قوللاپ قۇۋەتلىشىمىز كېرەك ، ياشاڭ ئابدۇكېرەم ئابلىز
شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭمۇ ۋەتەننى سۆيىدىغانلىقى دەڭ.ئەسلى مەقسەت مۇشۇكەندە،مەن ھېچنىمىنى چۈشەنمەي يۈرۈپتىمەن.
بالللا بۇ مىكرو كىنوۋ نىڭ سىنارىستى،رېژىىسورى ئا ئوغلىنىڭ رولىنى ئالغان يىگىتكەن،ئاخىرىدىكى پىتتەك خەتلەرنىڭ ئارىسىغا ئوبدان قاراڭلار.
ماڭىمۇ بەك ياقتى… ھەرقانداق مەسىلىنى قايسى خىل ئۇسۇلدا تەھلىل قىلسا ئوخشىمىغان يەكۈن چىقىدۇ. شۇڭا …
مىكروبلوگدا بىرەيلەن بۇ فىلىم توغرىلىق مۇنداق دەپتۇ:
بۇ مىكرو فىلىم بىر قانچە مۇھىم سىگنالنى بىزگە يەتكۈزمەكچىدەك قىلىدۇ.
1. ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت بېجىرىشى ئاسانلىشىپتۇ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ.
2. ئۇيغۇرلار ساقال قويسا بولىدىغان بوپتۇ.
3. ئاممىۋى سورۇندا ناماز ئوقۇساق بولىدىغان بوپتۇ.
4. ھەجگە بارساق بولىدىغان بوپتۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆيدىكى پۈتۈن پۇلنى خەجلىۋەتسەكمۇ ھۆكۈمەت توسمايدىكەن.
5. تەن-سالامەتلىك سۇغۇرتىمىزنى خاتىرجەم ئاللاغا تاپشۇرساق بولىدىكەن، پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرى ياخشىلىنىۋېتىپتۇ.
ما باھالارنى … كارامەت قانلاشقان باھا بوپتۇ ماۋۇ …
بەزى تەپسىلاتلارغا دىققەت قىلىنمىغاندەك قىلىدۇ، ئېسىمدە قېلىشىچە بېيجىڭدا يەر ئاستى پويىزغا ئولتۇرغاندا، بېكەتكە كىرىشتىن بۇرۇن بېلەتنى ئاپتوماتىك ئىشىككە يىگۈزىۋەتمەيتۇق، چىققاندا ئاندىن يىگۈزەتتۇق…
شۇ تاپسىدا، ئۆزەمنىڭ خەنچىنى تولىمۇ چىرايلىق سۆزلەيدىغانلىقىمدىن پەخىرلىنىۋاتىمەن،چۈنكى مەن ئەينى ۋاقىتتا ئۆزەمچە ئۆلچەملىك سۆزلىدىم دېسەم، باشقىلار چۈشەنمەي(ئۆلچەملىك تەلەپپۇزدا سۆزلىمىسە چۈشەنمەيدىكەن)،ئامالسىز ئىنگىلىزچە سۆزلىگەن ئىدىم…
بۈگۈن شىركەتكە كەلگەن بىرەيلەن« سىلەرنىڭ تىلىڭلار بارمۇ،يېزىقىڭلار بارمۇ ؟»دەيدۇ…مەنچە مۇشۇنداق كىچىك فىلىملەر كۆپرەك ئىشلەنگەن بولسا بىزنىڭمۇ بىر چوڭ،بىر كىچىك تىلىمىزنىڭ بارلىقىنى باشقىلار ھېس قىلىۋالالايتى…
ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم تورداشلار !
ئۈشبۇ فىلىمنى مەن بايام تېخى كۆرگەن ئىدىم . بۇمۇ خوددى ‹ ئىمتاھان قەغىزى› فىلىمىگە ئوخشاش مەلۇم بىر چۇڭقۇر ئىدىۋى ھېسىيات سىڭدۈرۈلگەن نادىر مىكرو فىلىم ئىكەن .دەسلەپ مەنمۇ مەزمۇنىنى تازا بەك چۈشىنىپ كەتمەپتىمەن .بىز ئۇيغۇرلاردا تېخىمۇكۆپ نادىر مىكرو فىلىملەرنىڭ روياپقا چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
.. تورخۇمارنىڭ چۈشەندۇرىشىنى نىمە دەي (5-چىسىنى دەيمەن) …ھەق گەپنى قىپسىز ،بىراق.
نامازنى ئايىغىنى سالماي ئوقۇۋاتامدا ؟؟؟؟
مەنىسى چوڭقۇر مىكرو فىلىم ئىكەن
ناھايتتى ياخشى ئىشلىنىپتۇ،بىزمۇ مۇشۇنداق سورۇنلاردا بىر ۋەتەنپەر مىللەت سۈپىتىدە ئېتراپ قىلنىشىمىز كېرەك، غەيرەت قىلايلى!!!