بىر تال سەرەڭگە چوغىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن قانچىلىك كۈچ كېرەك؟ ئەمما مۇنداق بەز ئۆچمەيدىغان سەرەڭگىنى كۆرمەپتىكەنمەن
بىر تال سەرەڭگە تىلىنىڭ قانچىلىك قۇدىرىتى بار ؟ مەن بىلىدىغان ئەپسانە-چۆچەكلەرنىڭ ھەممىسىدە دىگۈدەك سەرەڭگە ئاجىزلىقنىڭ ئوبىراز ۋەكىلى بولۇپ كەلدى. ھەتتا ھازىرقى زامان مۇھەببەت قىسسىلىرىدىمۇ قارىشى تەرەپنىڭ مۇھەببىتىنى سەلبى ئىپادىلەشتە يەنىلا سەرەڭگە چوغىنىڭ بىر پۈۋلەشكە چىدىمايدىغان ئاجىزلىقى ئەڭ ياخشى ئوخشىتىش ئورنىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
ئۇنداقتا سەرەڭگە راسلا شۇنداق بەك ئەرزىمەس نەرسىمۇ ؟ يىقىندا ئۆزگە قىلىنغان بۇ ھاقارەتلەرگە چىدىمىغان سەرەڭگە جامەسى قاتتىق چىنىقىش ۋە تەرەققى قىلىش ئارقىلىق پۈۋلىسە، دەسسىسە ھەتتا كۆمۈۋەتسىمۇ جاھىللارچە ھاياتلىق چوغىنى ئۆچۈرمەيدىغان قابىلىيەتنى ئۆزىگە ھازىرلاپتۇمىش. ئەمما يامان يېرى بۇ سەرەڭگىنى باللىلار ئويناپ سېلىشتىن ئالاھىدە دىققەت قىلمىسا بولمىغۇدەك.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئاجايىپ، ئوت، تەجرىبە، تۇرمۇش، قىزىقارلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 7,149 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 06-كۈنى
- يازما مەنزىلى: magical-matches.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كىنو-فىلىملەردىكى تەسىرلىك ھەمدە كۆز يېشى قىلىدىغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ قانداق سۈرەتكە ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- كېيىنكى يازما > ئابدۇكېرەم ئابلىز رول ئالغان مىكرو كىنو – تيەنئەنمېن
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
مەن تۇنجى كىرىپ دىۋاندا…
مەن بۇرۇن بىر يەردە كۆرگەندەكلا ، ماۋۇ تېمىنى
فىلىمنى كۆرۈش ئېھتىماللىقىڭىز بەك يۇقىرى. ئەمما ھېلى تېخى ئۆزەمچە بىلجىرلاپ قويغان بىر نەچچە قۇر پاراڭنى ئىلگىرى كۆرگەنلىكىڭىز يالغان.
دەششەت قېلىن سەرەڭگىكەن جۇما ئاۋۇ،،،ئەمما سەرەڭگە سۈركەيدىغان يېرى سەل نېپىز چېغىۋا، سۇغا چىلىغاندىن كېيىن شۇ يەرنى ئالماشتۇرۋاتقاندەكلا بىر ئىش بوپ قالدىيا
دالا ساياھىتىگە چىققاندا، ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغاندا تازا ئەسقاتقۇدەك، لېكىن بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتقاندا بەك خەتەرلىككەن، كۆيۈپ تۈگىگىچە ھېچنىمىلا بولمايدىكەن ئەمەسمۇ.
ۋھي توۋا، مەندىنمۇ قىلىن سەرەڭگىكىن يا ماۋۇ، راسلا قول قويدۇم
ئاۋۇ ئاپلىسىن رەڭ قىسىمى ئاساسلىق ئوت يالقۇنى ساقلايدىغان قىسىم ئوخشىمامدۇ ؟
مىنىڭچىمۇ شۇنداقتەك قىلامدۇ نىمە ، بۇ سىندا دەل شۇ ئاپلىسىن رەڭگى بار يەرگە كەلگەندە سىن تۈگەيدىكەن ئەمەسمۇ ، مەسىلە دەل شۇنىڭدا مىنىڭچە ………
تەھلىل توغرا بولدى، مەنمۇ دادام چىڭاراق ۋاقاسا پەسيىپ قالمەن، شۇ سەرەڭگىمۇ شۇدە.،،،
شىۋىرغانلىق كۈنلەردە ئەسقاتقىدەك
ئىلان ئوخشىمامدۇ بۇ……
بالامغا بۇ سەرەڭگىىنى ئويناڭ دەپ بەرمىسەم بولغۇدەك جۇمۇ ……………