قىززىقارلىق جىنس رىكورتى – ھەممىدىن بەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىدىغان پۇتبول مەستانىلىرى | تۈركىيە
جىنس رېكورتى ھەققىدە ھەممىمىز تولۇقسىز مەلۇماتقا ئىگە. ئىشقىلىپ مەلۇم بىر ئىشنى خەقتىن ياخشى قىلسىڭىز، ياكى تېخىمۇ ئۇزۇن، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ يوغان قىلالىسىڭىزمۇ بىرگە ھېساب. ھەتتا تىلىڭىزنى بۇرنىڭىزغا ياكى جەينىكىڭىزگە تەككۈزەلىسىڭىزمۇ جىنس رېكورتى يارىتىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. مەنچە بۇ رېكورتىنىڭ پەقەتلا مەنىسى قالمىغىلى تۇردى.
شۇنىڭدەك ئالاھىدە ئەھمىيىتى بولمىغان جىنس رېكورتلىرى ئاز ئەمەس. مىسالەن: ھەممىدىن ۋاراڭ-چۇرۇڭ پۇتبول مەيدانى، يەنى ۋاراڭ- چۇرۇڭ دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى پۇتبول مەستانىلىرىمۇ جىنس رېكورتىغا كىرگۈزۈلگەن. گەرچە ھەرقانداق بىر پۇتبول مەيدانى ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان بولسىمۇ ئەمما بۇ تۈرنىڭ رېكورتىنى تۈركىيە، ئېنىقراق ئېيتقاندا ئىستانبول پۇتبول مەستانىلىرى ساقلاپ كەلمەكتە.
بىر قېتىملىق پۇتبول مۇسابىقىسىدە تۈركىيە Galatasaray كوماندىسىنىڭ ئەللىك مىڭچە مەستانىسى بىرلىكتە بۇ تارىخنى ياراتقان. شۇ ۋاقىتتىكى ئۇلارنىڭ پەيدا قىلغان شاۋقۇن دەرىجىسى 131.76 دېتسىبېلغا يەتكەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن بولسا، بۇ رېكورتنى ئەنگىلىيىلىكلەر ساقلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 1976- يىلى ياراتقان. دەرىجىسى 126 دېتسىبېل بولۇپ بۇ دەل ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈش ئالدىدىكى ئايروپىلان كەينىدە تۇرغان ھالەت بىلەن تەڭ.
تۈركىيە پۇتبولچىلىقى ياۋروپادا تۆۋەن سەۋىيەلىك بىرلەشمە ھېسابلانسىمۇ ئەمما دۆلىتىمىز پۇتبولچىلىقىدىن خېلىلا يۇقىرى تۇرىدۇ. 2002- يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا 3- لىك شەرىپى بىلەن ھەر بىرىمىزنى قاتتىق ھاياجانغا سالغان. شۇ چاغلاردا تۈركىيە ئۈچۈن ھۇررا توۋلىغانلىرىمىز ھازىرمۇ ئېسىمىزدە. تۈركىيە توپ مەستانىلىرىنىڭ خەلقئارادا خېلى نامى بار، قىزغىنلىق دەرىجىسى ياۋروپادىن قېلىشمايدۇ. لېكىن بۇنداق يۇقىرى شاۋقۇن شۇ مۇھىتتىكى كىشىلەرنىڭ ئاڭلاش سېزىمىگە بىۋاسىتە تەسىر قىلىدىغان بولۇپ، مەنچە بۇ Galatasaray كوماندا ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى يېرىم پاڭ بوپ بولدىمىكىن …
Galatasaray مەستانىلىرى ئىجىراسىدا Ultraslan 3D كۆرۈش سۇپىسى
قورقۇنچلۇق تۈركىيە توپ مەستانىلىرى
تۈركىيە مەستانىلىرى ۋە مەمە ئوبىرازى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: پۇتبول، تۈركىيە، رېكورد، مۇسابىقە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,790 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 02-ئاينىڭ 21-كۈنى
- يازما مەنزىلى: roar-loudly.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» گە مۇبارەك بولسۇن!
- كېيىنكى يازما > كۇنۇپكا تاختىڭىز زادى قانچىلىك مەينەت ؟ ئەلۋەتتە سىز تەسسەۋۇر قىلغاندىنمۇ بەكىرەك مەينەت
- 2015-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- مېسسى يېڭى يىلدا ياپونغا بېرىپ بىر تۈرلۈك رېكورد تاماملىۋېتىپ كەپتۇمىش
- Nike ئەڭ يېڭى پۇتبول كارتون ئېلانى! فەچەتلىكتە دوستسىز قالغان ئېلان بوپتۇ بۇ!
- دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مەزگىلىدىكى قىز-ئوغۇللار پائالىيەت قوللانمىسى
- 2014 Nike دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئاۋات ئېلانلىرىنىڭ بىرى – تەۋەككۈل قىلىش
- قىزىقارلىق دۇنيا جېنىس رېكورتلىرى
- خەلقئارا شاھمات شاھى بىلگەيتېسنى شاھماتتا 79 سكونتتا ياساپ قويۇپتۇ
- ۋەھشەت ئويناپ قويغان كوچا پۇتبولى! توپ دېگەن پۇتقا چاپلىشىپلا تۇرىدىكەنغۇ بۇلارنىڭ؟!
- مۇسابىقە مەيدانىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاشۇ كىشىلەر، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان مىنۇتلار
- ھەقىقىي پۇتبول 2014
دىۋاندا ئولتۇرسا قانداق ھېسىياتتا بۇلدىغاندۇ؟
دىۋاندا ئولتۇرسا مۇشۇنداق پەگانىمۇ بوش قويغىسى كەلمەيدۇ
بۇ ئىنكاس ھەجەپ چىقمايدا ، مەنمۇ دىۋاندا ئولتۇرۇپ باقاي دىسەم
ئەنەشۇنداق بېسىمدىمۇ توپ تىپەلەيدىكەن ھېلىمۇ ؟
2002 – يىلدىكى تۈركىيە ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا. توپ دىگەننى ئاشۇنداق ئوينىسا!
ئۇ چاغدىكى ھېسىياتىمنى ھازىرمۇ تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن ، لېكىن ئاخىردا بەك ئۈمۈتسىزلەنگەن ئىدىم ،.
بۇ رىكورتنىڭ مەدەنىيلىك بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ!
بىزمۇ تاشئالمىغا ھۇررا توۋلىغان چاغدا شۇ ئەتىراپتىكى بىر كىلومىتىر دائىرىگە كۈچلۈك ئاڭلىنىپتىكە .،.بۇ سىنغا قاراپ بىز چەتئەللىكلەردىن بۇ جەھەتتە خېلىلا مەدەنيەتلىك مەستانىلەركەنمىز دەپ ئويلاپ قالدىم .، مىھمان كوماندىلارنى يا بىر كالتەك توقماقتا ئۇرۇپ باقماپتىمىز ياكى ياۋايىلارچە باشلىرغا قۇلىمىزغا نىمە چىقسا شۇنى ئېتىپ باقماپتىمىز .،ئىشقىلىپ خېلە مەدىنيەتلىككەنمىز .،..،
راست دەيسىز، مەنمۇ شۇ ۋاقىتتا تاشئالما كوماندىسىنىڭ 50،000 كىشىلىك مەستانىسىنىڭ قاتارىدا مەيداندا بار ئىدىم.دېمىسىمۇ شۇ ۋاقىتتا بىز قارشى تەرەپ كوماندا ئەزالىرىنى ياكى مەستانىلىرىنى بىرەر كالتەك–توقماق، مۇش–پەشۋا بىلەن ئۇرپ باققان ئەمەس، ياكى قولىمىزغا چىققان نەرسىلەرنى ئېتىپ، ئەكىلە توپىڭدىن ئىككى تال…ئەكىلە ئايىغىڭنى، يېرىم سائەت كىيىپ باقاي دەپ باققان ئەمەس بىز.
پۇتبول مەيدانىدىكى ھاياجانلىق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرسەم ، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىمدا ، گەرچە قىز بالا بولساممۇ مەكتەپ فورمامنى تاياققا چىگىپ بايراققا ئوخشاش لەپىلدىتىپ ، مەكتىپىم ئۈچۈن ھۇررا!!! دەپ ئاۋازىم پۈتۈپ كەتكۈچە توۋلىغانلىرىم ئېسىمگە كېلىدۇ… (ئەلۋەتتە خەلقئارا لىق مۇسابىقىلەرگە سېلىشتۇرغىلى بولمىسىمۇ ):mrgreen:
مانا بۇ پۇتبولنىڭ سېھرى كۈچىدە!
ئەنە ئاشۇلار ھەقىقىي توپ مەستانىلىرى . توپ تەپكەن كىشى ئۆزىنى %50 چۈشەنسە مەستانىلىرى %60 چۈشىنىدۇ .
ئالامەت مەستانىلەركەنغۇ بۇ
ماڭا جىنىس رىكورتىنىڭ پەقەت مەنىسى قالمىغاندەك ….
ئۆتكەندە بىر تېما يوللانغان، بىرسى مانچە سىكۇنىتتا مانچە تال ئالما يەپ جىنىس رىكورتى ياراتقىنى ….
ئەتە ئۆگۈن بىرسى 5 مېتىر يەرگە تۈكۈرەلىسىمۇ شۇمۇ جىنىس رىكورتىغا كىرىدىغان ئوخشايدۇ
سىيەلىسە دەڭە مۇنداق….
ۋاراڭ چۇرۇڭ دىگەننىزە بەزىدە بولىدۇ ، بەزىدە پەقەتلا خوش ياقمايدۇ ؟
كىچىك ۋاقىتلاردا ئوينايتتىم پۇتبول دىگەننى ھېرىپ ئۆلگىچە ،كىيىن ئازراق چوڭ بوپ قىزلار كۆزگە ئۇز كۆرنىدىغان بولغان دا ئوينىماسلا بولدۇم (چۈنكى ئۇنداق يىشىل پۇتبول مەيدانى يوق بىزنىڭ يېزىدا كوچىدا ئوينادىغان گەپ ،پۇت بول ئويناپ كەلسە ئادەم تەكلىماكاندىكى كىروران يىگىتىگە ئوخشاپ قالغان شۇڭا سۇپەتنى بۇزمايلى دەپ ئوينىماسلا بولغان ) خېلى بۇرۇن كومپىيوتىردا ئويناپ 1 سائەتتە بىر توپ كىرگۈزۈپتىكەن مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ توۋلاپ كىتىپتىمەن ،شۇندا قارىسام دۇكان قوشنىلىرىم ھەممىسى ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ .بەك خىجىل بولدۇم
فەنەرباخچەنىڭ مەستانىلىرى ئاجايىپ چىدىماس ۋە بەكلا ساپاسىز . ئۆيۈمنىڭ يېنىدا تۈرك تېلىكوم دەپ بىر يەر بار ، نەكى دېمەڭلار تېلىكوم ئىدارىسى ئەمەس بەلكى ئەڭ چوڭ پۇتبۇل مەيدانىنىڭ ئىسمى ئۇ . دەل ئاشۇ يەردە ھەپتە ئاخىرلىرى مۇسابىقە قىزىپ كېتىدۇ ۋە پۈتكۈل ئىستانبۇل قومۇرۇلۇپ كەتكەندەك بېرىشىپ مۇسابىقە كۆرۈشىدۇ . مۇسابىقە تۈگىگەنلا ھامان چىدىماسلىق قىلىپ ئوت قويۇۋېتىشىۋاتقان …
دەل ئاشۇ چاغدا كوچىغا چىقىپ قالسىڭىز كىنو ئىشلەۋاتقان ئوخشايدۇ ياكى پارتىزانلار ھۇجۇم قىلغان ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ ، ئىككى تەرەپ مەستابىلىرى چىدىماسلىق قىلىپ كوچا ئۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولىدۇ .
ئىشقىلىپ بۇ يەردە چوقۇم ھەممەيلەننىڭ ياخشى كۆرگەن كوماندىسى بولىدۇ . ئەلۋەتتە پېقىرمۇ ئۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەستە . مەنمۇ بەشىكتاش(بۆشۈكتاش ) كوماندىسىنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى . بىر يەرلەردە كۆرۈپ قالساڭلار دىققەت قىپ قويارسىلەر ھە …
غەلىتەساراي كوماندىسىغا سەل ئۇۋال بوپ قاپتۇ قارىسام . ئەڭ ئەسەبىي مەستانىلەر غەلىتە ساراينىڭ ئەمەس فەنەرباغچىنىڭ ئىدى ئەسلى .
پېقىرنىڭ ئىنكاسىنى قايسىڭلار يەۋەتكەن بولساڭلار، ئۆز پېتى قۇسۇپ چىقارغايسىلەر!
ئاشۇ ۋاراڭ – چۇرۇڭدا پۇتبۇلچىلار گاس بولۇپ قالسا كىم ئىگە بولىدۇ بۇنىڭغا ؟
توۋا توۋا ….ئەجەپ غەلىتىكىنا