نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

[سادىغان كىتەي] باۋگۇڭدىن دېلو چىقماس، يوۋكۇدىن كىنو – مەن كىنونى مۇنداق كۆرىمەن!

كىنو-فىلىم كۆرۈش بارا-بارا كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىدىغان ئاساسلىق پائالىيەتكە ئايلىنىپ قالدى. مۇھەببەت فىلىمى كىشىلەرگە چەكسىز بەختلىك ۋە ياكى خىياللارنى ئېلىپ كەلسە، كومېدىيىلىك فىلىم ئادەمگە تۈگىمەس كۈلكە ئېلىپ كېلىدۇ. ھەتتاكى پات ئارىدا چىقىدىغان قىسىملىق كىنولارمۇ زېرىكىشلىك تۇرمىشىڭىزغا كۈتۈش ۋە نىشان ئېلىپ كېلىدۇ! ھا ھا …

kino

قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ياخشى بىر كىنو سىزنىڭ تۇرمىشىڭىزغا ۋە ئادىمىيلىكىڭىزگە تۇيدۇرماي تەسىر قىلالايدۇ.
مانا مۇشۇنداق بىر خاسىيەتلىك پائالىيەتنى سىز قانداقمۇ چاپاق ھەم ئاستا ھالەتتە ئېلىپ بېرىشقا قولىڭىز بارىدۇ؟! تۆۋەندە مەن سۈزۈك ھەم ياخشى بولغان كىنودىن قانداق ھۇزۇر ئالىدىغىنىمنى سۆزلەپ ئۆتەي، ئەلۋەتتە كىنونىڭ ھۇزۇرىنى كىنوخانىدا سۈرگۈلۈك، بىراق بۇ شارائىتلار يوق بولۇپ، توردىكى نەشرىنىڭ چىقىشىنى كۈتۈشنى خالىسىڭىز ماڭا ئەگىشىڭ!

1. Youku غا كىرىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ!

خاندانلىقنىڭ فىلىم توربېكەتلىرى ھەرگىزمۇ كېنو كۆرىدىغان سورۇن ئەمەس، چاپاقلىقى ۋە ناچارلىقىنى دېمەيلا قوياي، Youtube قا سېلىشتۇرىدىغان ئىش بولسا ئۇلارنى ئادەتتىكى سىن كۆرىدىغان جايمۇ ئەمەس دېيەلەيمەن!

2. Baidu دىن كىنو ئىزدەش خۇددى چاتقاللىققا كىرگەندەك ئىش

بەزى كىشىلەر كىنو كۆرمەكچى بولسا ئاچا ئاچمايلا بەيدۇلايدۇ، تېخى ئېرىنمەستىن 视频 دېگەننى بېسىپ باقىدىغان دوسلرىمىزمۇ بار، شۇنى ئەسكەرتەيكى بۇنداق ئىزدىگىنىڭىز خۇددى چاتقاللىققا كىرگەندەكلا ئىش، ئىزدەش نەتىجىلىرى قىپقىزىل، خۇددى تاسسىدە باسسىڭىزلا كىنو كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدىغاندەك قىپ تۇرىدۇ، بىراق ئىشلا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئېزىپ تېزىپ شۇنداقلا بېسىپ سالىسىز، نېمىلەرنى چۈشۈرۈپ ئاندىن كۆر دەيدۇ، نېمىلەرنى بېسىپ ئاندىن قوي دەيدۇ، بۇنى شۇ چاغدا كۆرىسىز ….

3. نادانلىق قىلماڭ، يېڭى قويۇلغان كىنو توردا بولمايدۇ

كىملەردۇر بىرەرسىنىڭ بۈگۈن كىنوخانىدا پالانى يېڭى كىنونى كۆردۈم دېگىنىنى ئاڭلاپ شاپاشلاپ ئىزدىگىلى تۇرماڭ، يېڭى چىققان كىنو ئاز دېگەندە 3 ئايدىن كېيىن ئاندىن تورغا سۈزۈك نۇسخىسى ئېلان قىلىنىدۇ، ئەلۋەتتە بېلەت كىرىمى ياخشى بولغان كىنولارنىڭ ۋاقتى بۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق! شۇڭا ياكى بۇلغا چىداپ كىنوخانىدا كۆرۈپ ۋەياكى سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاپ.

5.ھاياتىڭىزنى قەدىرلەپ 枪版 دىن يىراق تۇرۇڭ!

بايا دېيىلگەندەك يېڭى قويۇلغان كىنو توردا بولمايدۇ، بىراق 枪版 يەنى كىنوخانىغا كامېرادىن بىرنى تىكلەپ قويۇپلا شۇنى پىششىقلاپ ئىشلەپ ئېلان قىلىدىغان كىنولار ئەگىشىپلا ئېلان قىلىنىدۇ. بۇنداق كىنونى كۆرۈش خۇددى خەق چايناپ بەرگەن ناننى يېگەندەكلا ئىش، ئاز تولا نان تەمى بولسىمۇ بىراق كۆپىنچىسى تۈكۈرۈك.

6.باھاغا ئىشەنمە، باھاسىز يۈرمە!

باھا كۆرسەتكۈچى تۆۋەن بولغان كىنولار ناچار كىنو بولىشى ناتايىن دېگەنگە مەن تازا ئىشىنىپ كەتمەيمەن، ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئېيتىلغان باھا كۆرسەتكۈچى بولسا IMDb، 豆瓣 دېگەندەك نوپۇزلۇق كۆرسەتكۈچلەر، لېكىن مەن يۇقىرى باھالىقكەن دەپ كۆرگەن كىنولىرىم ھەممىسى مېنىڭ نەزىرىمدىكى ياخشى كىنو بوپ كەتكىنى يوق، شۇڭا باھاغا ئىشەنمە، باھاسىز يۈرمە دېيىشىم، كىنونىڭ ياخشى ياكى ئەمەسلىكىنى پەرق ئېتەلمىگەن چېغىڭىزدا باھا كۆرسەتكۈچى سىزگە ئاز تولا يول كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ! لېكىن مۇتلەق ئەمەس …

7. جۈرئەتلىك بولۇپ، كونا كلاسسىك كىنولاردىن قۇرۇق قالماڭ!

مەنمۇ ئىلگىرى كىنو كۆرگەندە ئىشلەنگەن ۋاقىتنى بەك زىۋەيلەيتىم، 60، 70، 80، 90 نىڭ كىنولىرنى بىردەك كۆزۈمدىن ساقىت قىلاتتىم، بىراق 1994-يىللاردىكى كىنولار مېنىڭ بۇ قارىشىمنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى، بەلكىم ھەممىڭلار ھېس قىلغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن 1994-يىلى چىققان كلاسسىك كىنولار بەكلا كۆپ، ئەگەر شۇ يىلىدىكى كىنولار ھەممىسى بىر يىلدىن ئاتلىتىپ ئېلان قىلىنغان بولسا ئىشىنىمەنكى ھەممىسى شۇ يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولاتتى، كلاسسىك ئۇ مەڭگۈ يوقالمايدۇ، شۇڭا جۈرئەتلىك بولۇپ كونا كلاسسىك كىنولاردىن قۇرۇق قالماڭ.

8. قۇلىقىڭىزغا ۋاي! خەنچە ئاۋاز بېرىلگەن كىنودىن يىراق تۇرۇڭ!

ئاۋاز بېرىلگەن كىنولاردا چىنلىق يوق، رېژىسسور نەچچە يىل قان تەرىنى سەرپ قىلىپ شەخس ۋە بېرىلىدىغان ئاۋازلار ئۈستىدە ئويلىنىدۇ، ئاندىن سىز قوپۇپ خەنچە ئاۋاز بېرىلگەن كىنونى كۆرىسىز دەڭ … ئاۋاز بېرىلگەن كىنولار بارا-بارا ئېقىمدىن يوقىماقتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەسسىگىنى بولسا خەتلىك فىلىم، ئىشىنىمەنكى خەتلىك فىلىم بۇندىن كىيىنكى فىلىمنىڭ ئېقىمى بولۇپ قالىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ئامال بار ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەگەر يوق بولسا ھىچ بولمىغاندا خەنچە ۋە ئىنگىلىزچە قوش خەتلىك فىلىمنى كۆرۈڭ!

خوش… دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىمۇ سۆزلەپ ئۆتتۈم، ئەمىسە رەسمىي قەدەم باسقۇچقا ئۆتەيلى!
ئەگەر قايسى كىنونى كۆرۈشنى بىلمەي تۇرۇپ كىنو كۆرمەكچى بولسىڭىز سىزگە 电影FM ۋە 今晚看啥 ناملىق بۇ ئىككى بېكەتنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇ ئىككى بېكەت سىزگە ياخشى كىنولارنى تەۋسىيە قىلىشقا يېتىپ ئاشىدۇ. IMDb، 豆瓣كۆرسەتكۈچىگە شۇنداقلا بىر قارايسىز، قىسقىچە تونۇشتۇرۇشنى شۇنداقلا ئوقۇيسىز، ئاندىن ئىسمىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇۋېلىپ人人影视 غا كىرىسىز، ئاندىن ئېسىڭىزدە تۇتىۋالغان كىنو نامىنى ئىزدەش رامكىسىغا كىرگۈزۈپلا ئىزدىسىڭىز كىنورىڭىز نامايان بولىدۇ، ئەگەر ۋاقتىڭىز ئېشىپ تېشىپ تۇرغان بولسا چۈشۈرۈپ بولۇپ ئاندىن كۆرسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر بىر تەرەپتىن چۈشۈرگەچ بىر تەرەپتىن كۆرەتتىم دېسىڭىز سىز ئۈچۈن 百度影音 نى تەۋسىيە قىلىمەن. تەپسىلىي مەشغۇلات تۆۋەندىكىچە :

 

1

2

3

4

5

6

7

8

1-2 مىنوت ساقلاپ تۇرسىڭىزلا، سۈپسۈزۈك كىنو ئېكرانىڭىزدا نامايەن بولىدۇ!
ئەگەر كىنونىڭ خېتى يوق بولسا سىزگە يەنىلا 人人影视 نىڭ تەرجىمە خېتىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى 人人影视نىڭ تەرجىمىللىرى سۈپەتلىك ھەم تەجرىبىسى مول. يەنە كىچىككىنە ئەسكەرتىش، ئەگەر كۆرمەكچى بولغان كىنو 人人影视دىن تېپىلمىسا 电影FM نىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن چۈشۈرۈش ئۇلانمىلىرىنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىراق 95% كىنونىڭ ھەممىنى تاپالايسىز! كۆپ ئەندىشە قىلماڭ!
قېنى ئەمىسە، كىنورىڭزىدىن قانغۇچە ھۇزۇر ئېلىڭ!



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. موللاخۇن 2013.01.27 , 19:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان دىۋان دىۋان بولمىغىلى ئۇزۇن بوپتكە

  2. موللاخۇن 2013.01.27 , 19:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇ…..ف ئەمدى خاتىجەم تىما كۈرەي ھە! قالغانلار ئۇدۇللۇق پەگاغا مەرھەممەت:grin::grin::grin:

  3. سالىھ بىگ 2013.01.27 , 20:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بەيدۇنىڭ فىلىم كۆرىدىغان تور كۆرگۈسىدە چىقىدىغان كىنولارنى تەۋسىيە قىلىمەن . ھەقىقەتەن سۇزۇكلۇك دەرىجىسى يۇقىرى ھەم ئۆز تىلى ، مەنمۇ ئۆز تىلىدىى كىنوغا ئامراق . نەچچە يىل ئاۋاز بىرىپ ئاران چىققاندا مۇشۇ يەر ئاستى تەرجىمە ئۆيىدە 2 ئادەم 4 كىشىگە ئاۋاز بىرىپ تەرجىمە قىلغان كىنو بىلەن پەقەت خوشۇم يوق مىنىڭ . قوللايمەن تورخۇمارىمنى :mrgreen:

  4. قارا ھەرە 2013.01.27 , 21:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دەششەت تېما بوپتۇ ماۋۇ، مەنمۇ شىنجاڭدا مودا بولىۋاتقان بىر تال پىلاستىكىنى كۆتۈرۋېلىپ 20 كىنو بار، 30 كىنو بار، سۈزۈكلىكى ئالاھىدە يۇقىرى…. دىگەندەك لاۋزا گەپلەردىن، چاپاق كىنولارغا تويۇپ، ئۇيغۇر باللا تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگەن سۈزۈك كىنولارنى ۋە ئۆز تىلدىكى ئېنىقلىقى 1080p , 720p ئېنىقلىقتىكى فىلىملەرنى چۈشۈرۈپ كۆرىۋاتىمەن.

  5. سەھرايىم 2013.01.27 , 21:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كىنو بۇلا مۇشتاق بۇلار ، كىنو دىگەننى ماۋۇ يەردىن كۆرسىمۇ بۇلىدىكەن دە . رەھمەت ھەزرىتىم .

  6. موللاقچى 2013.01.27 , 22:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مېنىڭ تەۋىسسىيە قىلىدىغىنىم http://1080.kankan.com/list/movie/hot/1.shtml
    بىر ئېچىپ بېقىڭلا ، ھەممىسى HD 1080P لىق كىنولار .

  7. كۆنچى 2013.01.27 , 23:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسلىدە 人人影视 نىڭ كىنولىرىنى 百度影音 دە كۆرگىنى بولىدىكەندە. ھەزرەتنىڭ باشقا تېخنىكىلىق يازمىلىرىنى كۈتۈمىز…

  8. سادا425 2013.01.27 , 23:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن سۈزۈكىنى تاللاپ كۆردىغان ئوخشايمەن.

  9. شىنجاڭ دىتاللار بىلوگى 2013.01.28 , 01:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كىنو دىگەننى كۆرە مانا! ئالامەت سۈزۈككەن:mrgreen:

  10. يالپۇز 2013.01.28 , 02:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كىنونونىڭ سۈزۈكى بۇيەردىكەندە ئەسلى:!:

  11. ئالىمقان 2013.01.28 , 02:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئىشلىگەن كىنو لارنىڭ ھەممىسى سۈزۈك:mrgreen:

  12. ئېلىجان 2013.01.28 , 03:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋاز بېرىلگەن كىنو بىلەن ئەسلى ئاۋازلىق كىنونىڭ پەرقىنى رانگو ناملىق كارتون فىلىمدىن بىلدىم. :mrgreen: ناۋادا رانگونى دەسلەپتە ئۇيغۇرچە ئاۋازى بىلەن كۆرگەن بولسام مېنىڭ نەزىرىمدە ‹‹تەمى يوق›› بولۇپ قالاتتىكەن…

  13. ئۇيغۇرمەن 2013.01.28 , 15:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇپ قالدىكەن جۇمۇ. مەن تولاراق www.2tu.ccدىن كورىدىغان كىنونى . 百度影音 دا كۆرەمسىز ، 迅雷看看دە كۆرەمسىز ، ياكى چۈشىرىۋېلىپ ئاندىن كۆرەمسىز بەك قولايلىق ئىدى……. رەھمەت سىز گە ……….

  14. ئەركە 2013.01.28 , 18:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كىنوخۇمار مەن ئۈچۈن ئىسىل يازما بوپتۇ ماۋۇ … رەھمەت جۇما …

  15. بانكىر 2013.01.28 , 21:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارنىڭ مۇشۇنداق يەرلىرىنى دەيمەندە، زىرىكتۈرمەيدۇ، ئادەمنى، مەن تورغا چىقساملا ئالىم ئەھەت بىلوگى، بىلەن تورخۇمار كۇلۇبىنى كۆرمەي قالمايمەن، ھەر ئىككىسىدە ئوخشاشلىق بار، ئۇ بولسىمۇ يۇمۇرىستىك تۇيغۇ،
    تورخۇمار ماقال تەمسىللىرىدىن:باۋگۇڭدىن دېلو چىقماس، يوۋكۇدىن كىنو

  16. خام قەغەز 2013.01.28 , 23:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى ياخشى! ناھايىتى ياخشى ،يۇقىرى سەۋىيىلىك پىكىر بوپتۇ.بولۇپمۇ 1-،7-،8-تەۋسىيە ناھايىتى جايىدا بوپتۇ. بەك ئىچىم پۇشىدىغان بەزى دوستلۇرۇمغا كۆرمەڭ دەپ ئۇنىتالماي،كۆرۈڭ دەپ كۆندۈرەلمەي.مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك گەپ بوپتۇ.ياخشى!

  17. ئىرادە 2013.01.29 , 23:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇنداق مۇئىش با دەپ قويۇڭلا خالايىق:razz:

  18. yaxa10 2013.01.30 , 02:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    暴风影音مۇ بولۇپ قويىدۇ،يېڭى كىنولارنىڭ 720Pۋە 1080Pسۈزۈكلىكىدە كۆرەلەيسىز،بۇنىڭغا يەنە 左眼技术نى قوشۇپ كۆرسىڭىز ۋاي ئالامەت كىنو بولا مۇشتا سۈزۈك بولا دېمەي قويمايسىز

  19. ئايشەم تورى 2013.01.30 , 18:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنغۇ 1080 پ دىن باشقا كىنولارنى كۆرمەيدىغانلا بولىۋالدىم !

  20. ئەززام 2013.02.01 , 15:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى بىلىمكەن، ئادەتتە چۈشۈرۈپ بۇلۇپ ئاندىن كۆرەتتىم. ماۋۇ ھۈنەرنىمۇ بىلىۋالدۇق.

  21. پاسىبان 2013.02.04 , 23:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ساقلىغۇدەك يازما بوپتۇ. ئېسىل!

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量