رىۋايەتلەردىكى كوكا-كولانىڭ مەخپىي رېتسىپى ئاشكارىلىنىپتۇ…
يېقىندا This American Life رىۋايەتلەردىكى ئاجايىپ مەخپىي ساقلىنىدىغان كوكا-كولانىڭ رېتسىپىنى ئېلان قىلدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، 1979-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى نەشىردىن چىققان «ئاتلانتا ئاساسى قانۇنى گېزىتى»دە بىر پارچە رەسىم ئاشكارىلانغان بولۇپ، رەسىمدىكى كىشى قولىدا ئېچىقلىق بىر كىتابنى تۇتۇپ تۇرغان، كىتابتا كۆرسىتىلگەن مەزمۇن بولسا، دەل كوكا-كولا ئاتىسى John Pemberton نىڭ مەخپىي رېتسىپى ئىكەن…
بۇ رەسىم ئەينى چاغدا تازا دىققەتنى تارتالمىغان. American Life ئاشكارىلىغان رېتسىپ تۆۋەندىكىدەك ئىكەن:
3 ئۇنسىيە لىمون كىسلاتاسى، بىر ئۇنسىيە كوففېئىن، 30 (بىرلىكى ئېنىق ئەمەس، بەلكىم گرام بولىشى مومكىن) قەنت، 2.5 گاللون سۈيى، 2 پىنت ياكى بىر پىنت چۈچۈك ئاپلېسىن شەربىتى، بىر ئۇنسىيە ۋانىللا، 1.5 ئۇنسىيەدىن كۆپرەك كارامېل (Caramel) (رەڭ ئۆزگەرتىشكە ئىشلىتىلىدۇ). مۇتلەق مەخپىي تەركىپ 7X flavor بولسا: 8 ئۇنسىيە ئىسپىرت، 20 تامچە ئاپلېسىن جەۋھىرى، 30 تامچە لىمون جەۋھىرى، 10 تامچە مىرىستىكا جەۋھىرى، 5 تامچە ۋانىللا جەۋھىرى، 10 تامچە ئاپېلسىن گۈلى جەۋھىرى بىلەن 10 تامچە دارچىن جەۋھىرى قوشۇلىدۇ.
American Life يەنە مەخسۇس مۇتەخخەسس ۋە بىر قىسىم ئادەتتىكى كىشىلەرنى، بۇ رېتسىپ ئاساسىدا تەييارلانغان ئىچىملىكنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلغان، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تەم كوكا-كولا تەمىگە ئىنتايىن يېقىنلىشىدىكەن، ھەتتا بەزىلەر قەتئىيلا پەرق قىلالمىغان.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئىچىملىك، مەخپىيەتلىك
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 14,039 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 02-ئاينىڭ 19-كۈنى
- يازما مەنزىلى: coca-colas-secret-formula-discovered.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئۆزىنى يوشۇرالايدىغان ئادەمنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ تۇنجى كۆرۈنمەس ئادەم جۇڭگودىن چىقتى…
- كېيىنكى يازما > خاككېرلىق بىلەن 4 مىليون پۇلنى ئالداپ كەتكەن دوكتور، توينىڭ ئالدىنقى كۈنى تۇتۇلۇپتۇ…
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- Evian نىڭ يېڭى ئېلانى – ئۆمۈچۈك بوۋاق پالۋان
- پىۋا قورساق پىۋىنى جىق ئىچكەنلىكتىن چىقامدۇ؟
- 13 يىلدىن بېرى، Apple تۇنجى قېتىم كوكا-كولادىن ئېشىپ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ماركىغا ئايلاندى
- ئەتراپىمىزدىكى گۈزەل دەقىقىلەرنى بەلكىم پەقەت ۋاقىت ئىزىدا توختىغان چاغدىلا ھېس قىلالىشىمىز مۇمكىن
- شادىمان بوۋاقلار ئېسىڭىزدىمۇ؟ فرانسىيە مېنىرال سۇ كارخانىسىنىڭ «ئۇسۇلچى بوۋاقلار» ئېلانى
- كولا ئىچمەي ئۆمرىڭىز ئۆتەمدۇ؟ | مەن ۋە سىز ئامراق ئەشۇ كاربونلۇق ئىچىملىكلەر ھەققىدە يېڭى گەپلەر
- ئەسلىدە بىز كونسېرۋا قۇتىلىق ئىچىملىكنى ئىچىش ئۇسۇلىدا ئىزچىل خاتالىشىپ كېلىۋېتىپتۇق، بولۇپمۇ قىزلار…
- بىر ئىستاكان كولا ئىچىشكىمۇ شۇنچە ھەشەمەت قىلغان بارمۇ ئەمدى؟ قۇرۇلۇش ئىنىستۇتىدىكى بىكارچى ستۇدېنتلارنىزە؟!
- 迅雷/快车/QQ旋风 لارنىڭ مەخسۇس چۈشۈرۈش ئادرېسىنى بىر كۇنۇپكا بىلەن يېشىش ۋە مەخپىيلەشتۈرۈش قورالى
مەن بازارغا ماڭدىم ، كەچتە ئۆزۇم تەييارلاپ ئىچەي
بۇ خەۋەر نى كىچىكىپ يوللاپسىز
قەتئى ئاڭلاپ باقمىغان نەرسىلەرمۇ خېلى بارئىكەن
ھە
كوكاكولانىڭ مەنىسىنى بىلىپ ئاندىن ئىچەي دەڭلا باللا!!!بىكار بىلمەي گۇناھكار بولماڭلا!!
كوكاكولانىڭ مەنىسى ئاللىقاچان يىشىلىپ بولدى، يەنىلا شۇ كونا پىتنە ئېغۋالارغا ئىشىنىپ يۈرمەڭ
بۇ گەپمۇ ئۇيغۇرلار كولا ئىچكەندىن كېيىن چىققان ئېغۋا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى
كوكاكولانىڭ رېستىپى ئاشكارلانسا بىزگە بەكمۇ چوڭ ئىش ئەمەس، يەنە شۇ كوكاكولا چىقىۋىرىدۇ، ئەمما بىزنىڭ بەزى «مىللىي كارخانىلىرىمىز» ئىشلەپچىقارغان «XXX كوكاكولا»لارنىڭ رېتسىپى ئېچىلىپ كەتكەن بولسا ئاندى ئۇنى ئىچمەيتىڭلار.
بەزى ئۇيغۇرلىرىمىز پۇل تېپىش ئۈچۈن خەنلەر ياسىغان يۇندىدەك ئىچىملىكلەرنىڭ بوتۇلكىسىغا ئۇيغۇرچە خەتنى يېزىپلا بىزگە ئىچىكۈزۋىتىپ بارىدۇ، بىزغۇ مەيلى ھەممىدىن سەبىئىي ئوماق باللىرىمىزنىڭ تېننى بۇلغىماقتا، يەنى پالانى AD كالتىسىيلىق ۋاخاخا دېگەندەك ئىشقىلىپ بەك كۆپ بۇنداق ئەخلەت يېمەكلىلكەر.
يېمەك – ئىچمەككە، بولۇپمۇ گۈدەكلەرنىڭ ئوزۇقىغا قارا قول سۇنۇلمىسا بولاتتى. ھەي ئىتىقاد – ئەقىدىسىزلىك !
ھېلىقى قۇرتنىڭ پارىڭى يوق ئىكەنغۇ؟
مۇشۇ كوكا- كولانىڭ تەمىدىن百事 نىڭ تەمى سەل ياخشى تېتىيدۇ ماڭا. ھازىر مۇشۇ ئىككىسىدىن قايسىسى بەكراق بازار تاپقاندۇ؟ ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا …
كوكاكولا بەك نامى بار،ماركىنىڭ ئوزىلا پالانى پۇل ئەمەسمۇ…..
مەكتەپلەردىغۇ كوكا- كولا ئېپ ماڭغان بالىلارنى يىلدا كۆرۈپ قالمىسام تازا كۆرۈپ كەتمەيمەن، ئاساسەن 百事 لا .
ئەمدى كۇلا ئىچملىك دىگەنگە ،،
كولا ئىچمەڭلار ، 80 خالتا كولا بۆرەككە زىيانلىق دىگەن .
بۇلىدىغان گەپ !
ۋا بۇ كولا توغرسدا نۇرغۇن سۆزلەر مۇ با غۇ….
بۇ دۇنياۋى مەخپىيەتلىك ئاشكارلىنىپتۇدە. ھەممە ئىش ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئاشكارلىنىپ ماڭىدۇ.
ھەقىقى بىر مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن ، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئىمانىنى پاكلىشىمىز زۆرۈر دوسلار، كەلسە-كەلمەس نەرسىلەرنى ياخشى كۆرۈپ يەۋەرمەيلى.
خانقىز توغرا دەيدۇ…كەلسىمۇ كېلىدىغان نەرسىنى يىيىش كىرەك
ئىچمەسلىككە تىگىشلىك بولسا ئامال بار ئىچمەسلىكىمىز كىرەك ، ئىسپىرت تەركىبىمۇ باركەن تېخى ،
ئوي ..كولا ئۈستىدە بەك مۇنازىرە قىلىپ كەتتىڭلىغۇ ..! ئۇيغۇرلىرىمىز ئۈچۈنمۇ مۇنازىرە قىلىپ قوياڭلار قىرىنداشلىرىم ..!
تەركىبىدە ئىسپىرت باركەندە، ئەمىسە ئىچىشكە قەتئىي بولمىغۇدەك…..
مەنغۇ خېلى ۋاقىت بولدى بۇنىڭدىن قول ئۈزگىلى
شۇ كولادىكى خەتنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىلەر . ئاندىن 百事可乐 دىكى Pepsi دىگەن خەتنىڭ مەنىسىنىچۇ ؟
ئۇ ئېغۋالارغا ئىشەنمەڭ!
ســــزھەرگزئۇ ئېغۋالارغا ئىشەنمەڭ!