ئۆزگىچە تەجرىبە: قوشۇقنى سكونت ئىچىدە ئېرىتىۋېتىدىغان ئەمما ئادەمنى يارىلاندۇرمايدىغان بۇ سىرلىق سۇيۇقلۇق زادى نېمىدۇ؟!
ئاجايىپ سىرلىق تەجرىبە. ئەسلى پرىنسىپى زادى قانداقتۇ؟ ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، سۇ ئادەتتىكى سۇمىش، قوشۇق بولسا ئېرىش نۇقتىسى تۆۋەن مېتالدىن ياسالغانمىش. ھالبۇكى، بۇ خىل ئېرىش نۇقتىسى تۆۋەن مېتالنى گاللىي دەپ ئاتايدىكەنمىز، كۈمۈش رەڭدە، زىچلىقى 5.904گرام/3 سانتىمېتىر، ئېرىش نۇقتىسى 29.78 سېلسىيە گرادۇسكەن. خىمىيەچى باللا پرىنسىپىنى چۈشەندۈرۈپ باقمامسىلەر؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تەجرىبە، تۇرمۇش، سىرلىق، غەلىتە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,175 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 06-ئاينىڭ 13-كۈنى
- يازما مەنزىلى: magic-liquid.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھېلىقى جاھىل بودەك خان تېخى ئېسىڭىزدە بارمۇ؟ «بودەك خان3» كەلدى!
- كېيىنكى يازما > قىلىۋاتقان خىزمىتىڭىزنى ياقتۇرمىسىڭىز كېرەك يوق، لېكىن بۇ موماينىڭ جېنى ھەقىقەتەن چىڭكەن!
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- بالدۇر بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان 10 ھېكمەت
- رېئاللىق ھەمىشە رەھىمسىز كېلىدۇ | كىنو ۋە رېئال تۇرمۇشتىكى پەرق(2)
توۋا ،راس ئاجايىپ ئىشكەن ھە ، مىنىڭچە ئاۋۇ قوشۇق سۇيۇقلىنىش نۇقتىسى تۆۋەن سۇدا ئاسان ئىرىيدىغان مىتالدىن ياسالغان بولىشى مۇمكىن ،
راسلا ئاجايىپ ئىكەنغۇ؟ بۇ راسمۇ يە؟ ھەي…خىمىيەنى ياخشى ئۈگەنگەن بولسام بۇنداق ئاغزىمنى ئىچىپ قاراپ قالماي، سىلەرگە چۈشەندۈرۈپ كىتەتتىم-دە؟ بۈگۈن دىۋانچىلار يوققۇ؟
ھى ھى مەنمۇ قىلىپ باققاندەك قىلىمەن بىر چاغدا بۇ تەرجىرىبىنى!
نىمانداق سىمابقىلا ئوخشايدۇ ئۇ نەرسە .
راسلا سىمابقا بەك ئوخشايدىكەن
http://en.wikipedia.org/wiki/Gallium
گاللىي مېتالىدىن ياسالغان، 30 سىلسىيە گىرادۇستا ئېرىپ سۇيۇق ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ. 30 سىلسىيە گىرادۇستىكى سۇ يىلمان بولىدۇ. 40-50 سىلسىيەدىكىسى ئىللىق ھېس قىلدۇرىدۇ، 60 سىلسىيەدىكىسى بىئارام قىلىدۇ، 70 تىن يۇقىرىسى كۆيدۈرىدۇ. ئىستاكاندىكى سۇنىڭ تېمپىراتۇرىسى بەلكىم 40 سىلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىشى مۇمكىن. بۇ ھادىسە مەزكور مېتالنىڭ سۇدا ئېرىيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. بەلكى، ئىسسىقتا يۇمشاپ، سۇيۇقلۇققا ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ قوشۇقنى سىز قولىڭىزدا چىڭ سىقىمدىۋالسىڭىزمۇ بىردەمدە ئېقىپ كىتىدۇ.
قوشۇقنىڭ ئەسلىدە قاتتىق تۇرغىنىدىن سىرتقى مۇھىت تېمپىراتۇرىسىنىڭ خېلىلا تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئىستاكاننىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ھوردىشىپ تۇرغانلىقىمۇ بۇ يەكۈننى ئىسپاتلايدۇ.
ھۇر چىققاندەك قىلمىدىغۇ ………يەنە كىلىپ ئۇئادەم قۇلىنى تىقىپ باقتى شۇنداق بولسىمۇ ئۇنچىلىك ئىسسىقتا ئىرىپ كەتمەس
بۇرادەر، قوشۇقنى سالغاندا ھور چىقتى دېمىدىم، ئىستاكان ئەسلىدىلا ھوردىشىپ تۇرۇپتىكەن. سىرتنىڭ تېمپىراتۇرىسى تۆۋەن بولسا 40-50 سېلسىيە گىرادۇسلۇق ئىسسىقلىقتىكى سۇمۇ ئاشۇنداق ھوردىشىدۇ. ئۇ مېتال 30 سىلسىيە گىرادۇستىلا ئېرىيدىغان تۇرسا.
ئامرىكلىق سىھىرگەر مۇشۇ پىرنسىپتىن پايدىلانغان ئوخشىمامدۇ ئۇ مۇ قوشۇقنى مۇشۇنداق ئىرتىتىت مەن تىخى ھەيران قاپتىمەن . خىميە يامان نىمىكەن ھە
ئالتۇننى سۇيۇقلاندۇرۇپ شىشىگە سولىغىلى بولغان يەردە ،بۇ ئاددى ئىشتەك قىلىدۇ جۇما.
گالى مىتالىنىڭ يەنە قانداق رولى بار
ۋاي بۇ قوشۇقنىڭ ئىرىپ بولغاندىن كىيىنكى سۇيۇقلۇقىغا قاراپ قوشۇقنىڭ باشقا ماددىدىن ياسالغىنىنى بىلىۋالغىلى بولدۇ…
ئېرىش نۇقتىسى 29.78 سېلسىيە گرادۇس بولغاندىكىن ، سۇنىڭ تىمپىراتۇرىسى 29.78 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولسىلا مىتال ئىرىمامدۇ
بۇ قوشۇقنى سىز قولىڭىزدا چىڭ سىقىمدىۋالسىڭىزمۇ بىردەمدە ئېقىپ كىتىدۇ