ئۇيغۇرچە ئەڭ چوڭ خەۋەر بېكىتى نۇر تورىنىڭ iPhone/Android نەشىرى – Nur(نۇر تورى) ناملىق ئەپ ئېلان قىلىندى!
نۇر تورى ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەر ئىچىدە يېڭىلىنىشى ئەڭ تېز ۋە زىيارەت مىقدارى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن، كەڭ تورداشلارنىڭ كۈندىلىك يېڭى خەۋەرلەرنى كۆرۈشتىكى ئېھتىياجىنى قامداپ كېلىۋاتقان تورلارنىڭ بىرسى. ھازىر مانا نۇر تورىنىڭمۇ iPhone ۋە Android نەشىرى – Nur(نۇر تورى) ناملىق ئەپ ئېلان قىلىنىپتۇ. يانفوندا ئۇيغۇرچە خەۋەر كۆرۈشتىكى يەنە بىر ياخشى تاللاش كۆپىيىپتۇ!
ئەپنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرىلىشى:
نۇر تورى ئۇلىنىش شىركىتى بايرىقى ئاستىدىكى تور بىكەت بولۇپ، كۈندىلىك زىيارەت ۋە مەزمۇنلارنىڭ يېڭىلىنىش سانى جەھەتتە ئۇيغۇر تور بىكەتلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. نۇر تورى ئەپ دېتالى ئالما مەھسۇلاتلىرىدا ئۇيغۇرچە خەۋەر كۆرۈش، ھېكايە، يۇمۇر، ئۇچۇرلارنى كۆرۈش دېتالى بولۇپ، كۈنلۈك مەزمۇنلارنىڭ يېڭىلىنىشى 300 پارچىدىن، ئىنكاسلارنىڭ يېڭىلىنىشى نەچچە مىڭ پارچىدىن ئاشىدۇ.
مەيلى نەدىلا بولۇڭ، بۇ ئەپ ئارقىلىق ئالما شىركىتىنىڭ زامانىۋى كۆچمە ئۈسكۈنىلىرىدە، ئۇيغۇر ئانا تىلىدا دۇنيا يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ، نەزەر دائىرىڭىزنى ھەر ۋاقىت زورايتىپ تۇرالايسىز.
قىسقىچە تەسىرات:
«نۇر تورى» ناملىق بۇ ئەپ نۆۋەتتە ئاساسلىق iPhone دا ئۇيغۇرچە خەۋەر كۆرۈش ئۈچۈن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئەپنىڭ ماڭا بەرگەن ئەڭ چوڭ تەسىرى – تېز! قوزغىلىشتىن تارتىپ خەۋەرلەر ئېچىلىپ بولغۇچە شۇنداق راۋان ۋە تېز ئېچىدىكەن، ناۋادا سىمسىز WiFi تور شارائىتىدا سىنىسام بۇ سۈرئەت تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولغۇدەك دەپ قارىدىم. ئاندىن بىر قىسىم ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئادىتىگە يېقىنلاشتۇرۇلغان ئىقتىدارلار، مەسىلەن ئۈستىدىن ئاستىغا سىيرىپ يېڭى خەۋەرلەرنى يېڭىلاش، ئوڭ سولغا سىيرىپ ئالدىنقى ۋە كېيىنكى خەۋەرلەرگە ئۆتۈش دېگەندەك. ئۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر ئەپتىمۇ ھېچقانداق فونت قاچىلاش ھاجەتسىز بولۇپ، iOS 5.0 دىن يۇقىرى سىستېما قاچىلانغان iPhone/iPod لا بولسا ھەرقانداق جايدا نورمال ئۇيغۇرچە خەۋەر كۆرۈشكە تامامەن بولىدىكەن! نۆۋەتتە مەندە Android سىستېمىلىق يانفون بولمىغاچقا سىناشقا ئامالسىز قالدىم، تەپسىلىي سىناش نەتىجىسىنى تەمىنلەپ بېرەلەيدىغان تورداشلار بولسا قارشى ئالىمەن.
ئومۇمەن، «نۇر تورى» ناملىق بۇ ئەپمۇ ئىنتايىن مۇۋاپپىقىيەتلىك چىققان بىر ئەپ ھېسابلىنىدۇ. App Store دىكى چۈشەندۈرىلىشىدىكى «تۇنجى نەشىرىنىڭ ئالاھىدىكى» دەپ يېزىلغىنىغا قارىغاندا، بۇ ئەپ يەنە داۋاملىق يېڭىلىنىپ مۇكەممەللىشىپ مېڭىش ئۈچۈن قەدەمنى باشلىغانلىقىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس. ئۇيغۇرچە مۇشۇنداق نادىر ئەپلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشى ئۈچۈن، كۆپچىلىكنىڭ ئەپكە نىسبەتەن تەكلىپ-پىكىرلەر بولسا داۋاملىق بېرىشىنى، سەمىمىي تىلەك ۋە مەدەتلىرىنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: App، iPhone، ئەپ، ئۇيغۇرچە، خەۋەر
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 27,714 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 06-ئاينىڭ 09-كۈنى
- يازما مەنزىلى: nurcn-news-app.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > iOS 6 نىڭ تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلاندى: iTunes بىلەن App Store بىرلەشتۈرۈلۈپ iStore دەپ ئاتىلىدىكەن
- كېيىنكى يازما > يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone5 نىڭ ئۇقۇم لايىھەلىرى ئېلان قىلىندى! يان تېلېفونىڭىزنى يېڭىلاشقا تەييارلىقىڭىز بارمۇ؟
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- چاترىقىغا تېلىۋېزورنى قىستۇرۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ئايال
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
ئوكىيان بىلەن نۇرنى سېلىشتۇرۇپ ئادىل باھادىن بىرنى يېزىڭ ئەمدى …..
ياخشى بولۇپتۇ،ئەمدى باشقا تېلغۇنلاردىمۇ كۆرگىلى بولدىغان بولسا تېخمۇ ياخشى بولتى
ئاندرويىد ئۈچۈن «بىلكان خەۋەرلىرى» ناملىق ئەپنى قاچىلساڭلار ئوكيان خەۋەرلىرى، نۇر خەۋەرلىرى، جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى خەۋەرلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋەرلىرىىنى ئوقۇغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرچە تۇنۇيدىغان ۋە تونۇمايدىغان بارلىق ئاندرويىد ئۈسكۈنىلىرىگە ماس كېلىدىكەن.
ئادرېسى ماۋۇ:
https://play.google.com/store/apps/details?id=net.uyghurdev.app.bilkannews&feature=search_result#?t=W251bGwsMSwxLDEsIm5ldC51eWdodXJkZXYuYXBwLmJpbGthbm5ld3MiXQ..
دىۋان قىنى
بۇ يەردە ھىچكىم androidنىڭ گىپىنى چىقارمىدىغۇ ياكى androidنىڭ يوقمىدۇ دىمىدىغۇ؟ئاجايىم مىللەت ھە بىز مۇشۇ يانفۇندىمۇ ئەمدى ………توۋا…..
سۈكۈت…
يائاللا…مۇشۇ شۇنداق قىززىۋاتقات ۋاقىتتا دىۋاننىڭ گىپىنى چىقارماڭلار.،دىۋاننىىڭ گىپى چىىقسا قالغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ گپىى شۇنىڭڭغا كىتدىكەن.ئۆزەڭلارنىڭ پىكىرى كۆز قارشى بولسا شۇنىى يىزىڭلار… ئاتكاچىلىق قىلىپ قويغان بولسام كەچۈرۈڭلار.
دەل مەن ھازىر چۈشۈرىۋاتقان ئىدىم ، چۈشۈرۈپ بوپ تەسىراتىمنى يازىمەن !
بەك ياخشى چىققاندەك قىلىدۇ. موشۇ كۈنلەردە يىڭى يىڭى ئەپلەر ۋە ئەپ بازارلىرى بارلىققا كىلىۋاتىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئەمدى ئانا تېلىنى ئىشلەتمەسلىككە باھانىسى قالمىدى
ئوكيان ۋە نۇردىن چوقۇم بىرنى تاللىشىمىز كېرەك ، ئۇنداقتا بىز قايسىنى تاللايمىز ؟؟؟ بۇنىڭغا بىر نەرسە دىسەك بولاتتى قارىم !!!
چوقۇم بىرنى تاللاشىمىز كېرەك دېسەل بولماس . ھەر ئىككىلىسى ياخشى چىققان ئەپلەر ھېسابلىنىدۇ. مېنىڭچە ھەر ئىككىلىسىنى سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.
بىرنى تاللاش؟ ئەلۋەتتە تاللاش كۆپ… ئالما تاللامسىز ياكى ئەنجۈرنىمۇ بۇ پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزنىڭ ئىلكىدىكى ئىش! ئەگەر ئېقىم مەسىلىلىرىدىن خەۋەردار بولاي دېسىڭىز ئوكياننى قاچىلاڭ، ئەگەر ئېقىم مەسىلىلىرى بەك ئازكەن، يېڭىلىشى بەك ئاستىكەن، دەپ قارىسىڭىز نۇر تېزلىكىدە يېڭىلىنىدىغان نۇر تورىنىڭ iPhone Application بولمىش «Nur» نى تاللىسىڭىز ھاردۇقىڭىز چىقىشى مۇمكىن. قالدىسىغا ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى، iPhone نىڭىز بولسا ھەر ئىككىلىسىنى قاچىلاپ قويسىڭىز، بۇلار بىر-بىرىنى يەكلىمەيدۇ
ئۇنىڭ ئۈستىگە iPhone نىڭ سىغىمىمۇ ئۇنچىلىك كىچىك ئەمەس… ئەمدى ئانا تىلدىكى ئەپلەرنى ئىشلەتمەسلىككە باھانىمىز قالمىدى…
مۇشۇ نۇر تورىدىغۇ گەپ يوق ئەمما مۇشۇ پۇتبۇل خەۋەرلىرىدىزە خەنزۇچە بويىچىلا پۇتبۇلچىلارنىڭ ئىسمىنى خاتا دەپ قويىدۇ ياكى كۇلۇپلارنىڭ ئادەم خەۋەر كۆرسە پۇتبولچىلارنىڭ ئىسمىغا قاراپ كۆلگىسى كىلىپ كىتىدىكەن
‹‹كۈلگىسى ››تى
نۇرنى قانداقمۇ ئوكيانغا سىلىشتۇرغىلى بولسۇن؟ 5000 ئىنكاس؟ مەن ئىنكاس كۆرمىدىم
دەسلىۋىدى ئوكياننى قاچىلىغانتىم. خەۋەرىڭ تىمىسىنى باسقاندىن كىيىن 5 سىكونىت ئەتىراپىدا ئاندىن ئىنكاس بۇلۇپ مەزمۇن ئېچىلىدىكەن. ھەم خەۋەرنىڭ يىڭىلنىشى ئاستىراق ئىكەن. نۇرنىڭ قوزغىلىشىمۇ تىز، ئىنكاسىمۇ تىز ھەم خەۋەرنىڭ يىڭىلنىشىمۇ تىز لېكىن خەلقارا ئېقىم مەسىلىللىرى، ئوبزورلار ئوكياندىكىدەك مول ئەمەس. ئىشقىلىپ ئىككىلىسىنىڭ ئارۇتۇقچىلىقى بار. ئوكياننىڭ كىدىكى ئىنكاس ئاستا بۇلۇش مەسىلىسى ئوڭشالسا بۇلاتتى
Android نۇسخىسى قوشۇلدى.
小米2.3 يانفونىدا نورمالسىز.
قوزغۇلۇپ خەۋەرنى چۈشىرەلمەيلا ئۆچۈپ قالدى.
يۇقۇردىكى ئىنكاس ئۆچۈرۈلسە بولىدۇ، قايتا-قايتا سىناش ئارقىلىق مۇۋپىقىيەتلىك كۆرۈلدى.
ئاندىروئىد يانفونىدا خەتلەر بىنورمال، eotياسىۋەتسەك بولغۇدەك
wp7 نۇسقىسنىمۇ ياسىۋەتسە نىمە بولا دەيمە، توۋا ! مەن بىلەن قىرىشتىمۇ نىمە ؟
هه يران