ئاللا ما ئىشنى كۆرۈڭ! قانداق ئادەم تىرىك پېتى بۇ نەرسىلەرنى يېزىپ چىققاندۇ؟! خىمىيەچىلەرنى بوش چاغلىماڭ!!!
ئىلگىرى بىر چەتئەللىكنىڭ تەجرىبىخانىدا تەجرىبە قىلىش جەريانىدا ئازوت سۇيۇقلىقىنى ئىچىۋېلىپ ئۆلمىگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپلا ئارقامغا ئۇچۇپ كەتكىلى تاس قالغان ئىدىم. بۈگۈنكى بۇ ماقالىنى كۆرۈپ بۇ نەرسىلەرنى يېزىپ چىققان ئادەمنىڭ ھازىرغىچە ھايات تۇرغانلىقىغا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم…
HCl (تۇز كىسلاتاسى)
سۇيۇق ھالىتى: بىر ئاز چۈچۈمەل، ئېغىزنى سەل قورۇيدىكەن، ئاندىن كۆڭلى ئېلىشىش ئالامەتلىرى بار، ئازراق ئاچچىق.
قويۇق ھالىتى: ئاجايىپ قىرتاق، تۈكۈرىۋەتكەندىن ئېغىزدا ئاچچىق تەم قالىدىكەن، ئاندىن پۈتۈن ئېغىز مۇزلاپ 10 مىنۇتلاردىن كېيىن ئوڭشىلىشقا باشلايدىكەن.
H2SO4 (سۇلفات كىسلاتا)
سۇيۇق ھالىتى: سۇسراق چۈچۈمەل تەملىك، ئىچىپ بولغاندىن كېيىنكى تەمى مايلىق، ئازراق ئىلمان، تاتلىق، ھېچقانداق بىئاراملىق ئالامەتلىرى يوق.
ئازراق قويۇق(%40 ئەتراپىدا) ھالىتى: دەھشەت قىززىق، قايناتقان شوۋىگۈرۈچ ئىچكەندەكلا، ئاندىن ئازراق تاتلىق تەم ۋە بىئارامسىزلىق ئالامەتلىرى تەڭلا پەيدا بولىدىكەن، توپتوغرا ئىككى كۈندىن كېيىن ئاندىن ئوڭشالدىم(%98 لىك ساپ قويۇق سۇلفات كىسلاتاسىنى ئىچىشكە پېتىنالمىدىم).
HNO3 (نىترات كىسلاتا)
سۇيۇق ھالىتى: ئاۋال سەل قىرتاق، ئاندىن تىللىرىم ئۇيۇشۇپ قالدى، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئاغرىپ يۈزلىرىم ئاقىرىپ ئاغرىق قويۇپ بەرمەي 3~4 كۈندە ئاران ئوڭشالدىم، ئېغىزىم خۇددى بىر ماشىنا كېرەكسىز گازنى سۈمۈرىۋالغاندەكلا.
قويۇق ھالىتى: ئىچىشقا پېتىنالمىدىم.
NaOH (ناترىي ھىدروكسىد)
سۇيۇق ھالىتى: ئاساسى جەھەتتىن Na2CO3(قويۇق ناترىي كاربونات، مەن تېتىپ باققان، سەل تۇزلۇق) بىلەن ئوخشاش، ئاچچىق تەمى سەل كۆپرەك(ئاقسىل چىرىتىشچانلىقى كۈچلۈك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئاچچىق تەم بولىدۇ).
قويۇق ھالىتى: ئېغىزغا كىرگەندىن ئاجايىپ ئاچچىق(ئاللىقاچان ئەكس تەسىرى قوزغالغان بولۇشى مۇمكىن)، ئاندىن تىلىم كۆيۈشۈپ ساغىرىپ گۆشلىرى چىرىپ كەتتى، بىر ئايغىچە گەپ قىلالمىدىم، ئېغىزىمنىڭ ئىچى قۇرۇپ تىللىرىم ئۇيۇشۇپ قالدى، بەدىنىم زەھەرلىنىپ يېرىم يىلدىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقتىم، گەپلىرىممۇ قولاشمىدى، تەم سەزگۈم ئاساسەن جەھەتتىن يوقالغاندەك، ئاغزىمدا تاتۇق قېپ قالدى(بۇ نەرسىنىڭ ئاقسىلغا بولغان ئەكس تەسىرىگە ئويناشماڭ…).
CuSO4 (مىس سۇلفات)
دەسلىۋىدە تەمسىز بىلىندى، تۈكۈرىۋەتكەندىن كېيىن ئازراق قىرتاق تەمنى ھېس قىلدىم(بۇنى ھەقىقەتەن تېتىپ باقتىم).
BaCl2 (بارىي خلورىد)
دەھشەت ئاچچىق ۋە قىرتاق، بەئەينى ماگنىي خلورىد MgCl2 نىڭ كۈچەيتىلگەن نۇسخىسىكەن.
CCl4 (كاربون تېترا خلورىد)
بۇ ئەڭ قورقۇنۇچلۇق، پۈتكۈل ئېغىزنىڭ ئىچى كۆيۈشۈپ كۆيدۈرگەن سۇلياۋنىڭ تەمىدەكلا، ھىدى ئاجايىپ قويۇق، تۈكۈرىۋەتكەندىن كېيىن تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز غەلىتە بىر خىل تاتلىق تەمنى ھېس قىلدىم، پۈتۈن بەدىنىم بوشىشىپ كېتىۋاتقاندەكلا(ھەقىقەتەن، پۇرىغاندا تېخى يامان ئەمەس، تېتىپ باققاندىن كېيىنلا ئىچىم سىقىلىپ قالدى).
Na2O2 (ناترىي پېروكسىد)
نورمال تۇزلۇق تەمدە(ناترىي تۇزىنىڭ تەمى ھەممىسى مۇشۇنداق بولىدۇ).
سۇسىز ئىسپىرت
ئېغىزغا كىرگەن شۇ دەقىقىدە، كىشىگە بەرگەن تۇنجى تۇيغۇسى قىززىق، خۇددى يۇقىرى گرادۇسلۇق ئاق ھاراق ئىچكەنگە ئوخشاش، تەمى ئازراق ئاچچىق، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ يەنە كۆيۈشۈپ قىززىش تۇيغۇسى بار. گالغا ئۆتكەندىن كېيىن تېخىمۇ غەلىتە، قورساققا كىرگەندىن كېيىنكى تۇيغۇ يۇقىرى گرادۇسلۇق ئاق ھاراقنى ئىچكەن بىلەن جىق پەرقلىنىپ كەتمەيدىكەن، دەھشەت قىززىق. بىراق سۇسىز ئېتانولنىڭ قىزىلئۆڭگەچكە بولغان غىدىقلاش تەسىرى تۈپەيلى، كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرۇش ئالامەتلىرى ئىنتايىن روشەن، ئاغزىم بىر سائەتكىچە ئىزچىل ئۇيۇشۇپ قالغان ھالەتتە، گالنىڭ ئىچى بولسا ئولتۇرۇشۇپ چۈشكىچە ئاغرىدى، بىر خىل ئىنتايىن قوپال تۇيغۇدا بولدۇم. كۆڭلى ئېلىشىش ئالامەتلىرى چۈشتىن بۇرۇن ئۈچىنچىن سائەتلىك دەرستىن چۈشكىچە داۋاملاشتى(تەخمىنەن سائەت 10 لار ئەتراپىغىچە).
FeCl3 (تۆمۈر خلورىد)
سوغۇق، ئاندىن چۈچۈمەل، تەڭگە پۇلنى ئېغىزغا سالغاندىكى تۇيغۇغا ئوخشاپ كېتىدىكەن(تۆمۈر تۇزلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ خىل تەمدە).
AgNO3 (كۈمۈش نىترات)
ھېچقانداق تەمى يوق…
سۇيۇق Br2(بروم) سۇلۇق ئېرىتمىسى
ئاجايىپ قېنىق تەمدە، خۇددى ماشىنىدىن چىققان كېرەكسىز گاز بىلەن سكىپىدار(تېر پېنتېن مېيى)نى ئارىلاشتۇرغاندەكلا(پەقەت مۇشۇنچىلىكلا تەسۋىرلىيەلىدىم).
Hg(NO3)2 (سىماب نىترات)
تەمى ئىنتايىن سۇس، تېتىتقۇ بىلەن ئاچچىقسۇنى ئارلاشتۇرغاندەك بىر خىل تەمدە.
H2O2 (ھىدروگېن پېروكسىد ئېرىتمىسى)
دەھشەت ئاچچىق، شۇ ھامان تۈكۈرىۋەتتىم، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىدى.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئۆگىنىش، تەجرىبە، تېخنىكا، سىرلىق، قالتىس
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,877 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: chemical-taste-test.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > قىزىقارلىق – ئاجايىپ شاد-خۇرام مۇئەللىملەر، سىزمۇ مۇشۇنداق مۇئەللىملەرنىڭ دەرسىنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟
- كېيىنكى يازما > كۆپ ھاللاردا ئۆزىمىزدىن سەۋەپ ئىزدىشىمىز كېرەك، بولمىسا خۇددى ئاشۇ دۆت ئېشەككە ئوخشاپ قالىمىز!
- تالانتلىقلار ئەل ئارىسىدا | بىر بۆلەك «خاسىيەتلىك» كىشىلەر
- تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئەر پېرىخون Zach King نىڭ كارامەتلىرى
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- دۇنيادىكى ئەڭ تېز كىشىلەر! تېزلىكىدىن ئادەمگىمۇ ئوخشىمىغايدىغان ئادەملەر….
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- 3D لىك پرويېكسىيە تېخنىكىسىنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟ سۇ ئىشلىتىدىكەن سۇ!!!!!
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- كەلگۈسىدىكى ئويۇن دۇنياسى – دەۋر ھالقىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئويۇنچۇق Virtuix Omni
ماۋۇ قىززىقكەن
مەن ئىلگىرى پۇتۇمنى كەكە كېسىۋېتىپ ئۆيدىكى سولفات كىسلاتانى دېزىنفىكسىيە سۇيۇقلۇقىمىكىن دەپ پىنسىتقا پاختا يۆگەپ جاراھەتكە باسسام ،ئاللاھ كۆزلىرىمدىن چىققان ياشلارنى توختىتالماي قالغانتىم.كېيىن قارىسام ھېلىقى داتلاشماس پولات پېنسىتمۇ قارىداپ قاپتىكەن.ئەمما جاراھەت ھەپتىگە قالماي ئوڭشىلىپ كەتكەن ئىدى . شۇ ئىش زادى ئېسىمدىن چىقمايدۇ
جاندىن تويغانلارمۇ نېمە بۇ ؟
1000 خىل ئۆلۈش ھالىتى دېگەن ھۆججەتلىك فىلىمدە بىرسىنىڭ كىسلاتا ئىچىۋىلىپ ئۆلگىنىنى كۆرگەن ئېدىم
يامانكە!
مۇمكىن ئەمەس،بۇلارنىڭ كۆپ سانلىقىنى(ھەممىسىنى دەپ كېسىپ ئېيتالمايمەن) مۇشۇ سۇيۇقلۇقلارنىڭ خېمىيىلىك ۋە فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن تەخمىنەن يېزىپ چىقىپتۇ.نېترات كىسلاتانى« ئىچىپ» ئېرىشكەن ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلىرىدىنلا ساختىلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
بۇيەدە سۆزلەۋاتقان كىمۇ ؟
يۇقارقى مىس مىس (مىس قىزچاق دېمەكچى ھە) نىڭ دېگەنلىرىگەقوشۇلىمەن، شىياۋسۇەن ئىچسە ئاشقازىنى كۆيۈپ كەتمەپتۇ. ئۇشبۇ كىشى خىمىك ئەمەس بەلكى ئەدىپ ئوخشايدۇ. قالغىنىنى مۇتەخەسىسلەر بىر-بىردىن سىناپ باھالاپ تەكشۈرۈش دوكلاتى قالدۇرغايسىلەر.
بۇرۇن نەشىر قىلىنغان خېمىيە سانائەت لۇغىتى دەيدىغان ناھايىتى ياخشى بىر لۇغەت بار،شۇنىڭدا ھەممىسى ناھايىتى تەپسىلىي يېزىلغان .بۇ لوغەتنى كۆرسىڭىز كەسپىي خىمىك بولۇپ كېتىسىز.
ئاۋۇ كاربۇن تۆت ئوكسىد ئەمەس ،ئاقساقاللىق قىلغىنىمنى كەچۈرۈڭلار
ساختىكەن ھە
مانداق يېزىپ قويسا سىناپ باقىدىغانلار چىقمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ جۇمۇ. ماۋۇ نېمىلەر زادى ئوينىشىدىغان سويۇقلۇق ئەمەس. ئۆلمىسىمۇ مېيىپ بولۇپ قالىدۇ
يووو ما خەققە جاننىڭ كىرىكى يوقمۇ نىمە … شۇ نەسىنى ئىچىپ ئۆلەپ قاسا نىمىمۇ بولاپ كىتە…
پېچەتكەن
مۇشۇ خەققە ھەيران قالىمەن ، يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۇن جېنىدىن چوڭ نەرسە بوسىمۇ ئايىمايدۇ ، تەخمىنەن يېزىپ چىققان تەغدىردىمۇ بۇنچىلىك تەسەۋۋۇر بىزنىڭ ئۇخلاپ چۈشىمىز گىمۇ كىرمەيدۇ …
يەنە قىلمىغان نىمە ئىش قالغاندۇ بۇلار؟
ئادەتتە بىز تىلىمىز بىلەنلا تەم تېتالايمىز،ئىچىشنىڭ ئورنى يوق.
شۇ ئەمەسمۇ؟
ئىچكەندىكى ۋە ئىچكەندىن كىيىنكى ھالىتىنى سىنغا ئېلىپ قويغان بولسا ھاياتنى قەدىرلەش توغرىسىدىكى ئوبدان ماتېرىيال بۇلاتتىكەن