ئادەم چىرايىدىكى بىز كۆرەلمەيدىغان قورقۇنۇچلۇق سىر | ئەمدى كۆرەلەيسىز
تۆۋەندىكسى بىر ئالاھېدە سىن . ئالاھېدىلىكىنى بايقاش ئۈچۈن ئىككى قېتىم كۆرۈشكە توغىرا كېلىدۇ . بىرىنچى قېتىم كۆرگەندە بىرمۇنچە كىشىلەرنىڭ چىراي ئوبرازىنىڭ توختىماي ئالمىشىۋاتقىنىنى بايقايسىز ، ئەلۋەتتە بۇ ئېنتايىن نورمال . لېكىن ئىككىنچى قېتىم كۆرۈش ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك . ئېكراندا چىقىۋاتقان رەسىملەر بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، پۈتۈن زېھنىڭىزنى ئوتتۇردىكى «+» بەلگىسىگە قارىتىڭ. شۇندىلا ياندىكى بۇ مۇلايىم كىشى ئوبرازلىرىنىڭ بىز كىنولاردا كۆرىدىغان غەلىتە مەخلۇقلارغا ئۆزگىرىۋاتقىنىنى بايقايسىز.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: سىرلىق,غەلىتە,قورقۇنچلۇق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 07-ئاينىڭ 28-كۈنى
- يازما مەنزىلى: flashed-face-distortion-effect.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك جايلار، ئۈرۈمچىگە كەلگىنىڭىزدە چوقۇم ئەسقاتىدۇ
- كېيىنكى يازما > تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كۈلكىلىك ئىختىيارى توپ، بىزنىڭ كۈلكىمىز – دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەڭ زور بەختى!!!
ھەيران قالدىم
ئىنىقكى ماتىما ۋىروس بلوگىدىكىدىن بەكىرەك قىزىيدۇ.
ئادەم جېق يەردە ھەممە نىمىنىڭ بازىرى ئۇبدان بۇلىدىكەن.
ۋىروسجون،،،،،،،،،،،
بۇ بىر ئىچىنىشلىق ھەقىقەت ! ئامال يوق
توغرا دەيسىز. لىكىن مەنبەسى ئەسكەرتىلمىدىمۇ ياكى teddy كام ۋىروس بلوگىدا بارلىقىنى بىلمەي قالدىمۇ، ياكى ۋىروس بلوگىدىن كۆچۈرمىدىمۇ؟
ماڭا ئەسكەرتكەن ! بۇ ئوغۇرلۇققا كىرمەيدۇ . مەنمۇ شۇ ئېنتىرنېتتىن ئوغۇرلاپ كەلگەن ئەمەسمۇ .
ئەلشات بۇنى ئوغرىنىڭ يامىنى دەپ سانايدۇ، مەن بىلىمەن
بۇ بولىدىغان ئىشكەن
ئىككىنچى قىتىم + غا قارىدىم ، لىكىن تولۇق قاراپ تۇرالمىدىم …
راس ،ئۇچ ئۆلچىملىك رەسىمدەك چىقىدىكەن . كۆزەم ھەجەپ تالدىغۇ
مەن بىرىنچى قېتىمدىلا + قا قارىۋالدىم.
كۆزلىرىمنى ئالا-چەكمەن قېلۋەتتىغۇ بۇ سىن
بەلكىم بۇلار بالدۇر قىرىشنى خالىسا كىرەك…
بۇ يەردە نىمىنى يازسا شۇ ھەممىدىن قىززىق تىمىغا ئايلىنىدۇ . ئىشىنەمسىز؟ ئىشەنمىسىڭىز سىزمۇ بىرەر بەرسە يىزىپ بىقىڭ.
تورخۇمارنىڭمۇ دۇكان ئايرىيدىغان ۋاقتى كەپ قالدى، قاچانغىچە خەقنىڭ نەرسىسىنى كۆچۈرۈپ تەرجىمە قىلىپ يۈرۈيدۇ دەيمەن، ئەمدى ئىشنى نۆلدىن باشلىسا دېگەن ئۈمىدتىمەن، بىزگە ئەخلەتنىڭ لازىمى يوق…..
قارىسام ئۇلارنىڭ كۆزىنىڭ ئورنى ئۆزگەرمەيدىكەن.شۇڭا ھەربىر ئادەمنىڭ يۈزىدىكى ئەزالارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشىدا (يەنى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ئارلىقىدا) پەرق بولغانلىقتىن، تېز-تېز سلىشتۇرما قىلىنىپ يۆتكەلسە ئادەمگە بۇ چىرايلار سەل مۇبالىغا بولۇپ تۇيۇلىدىكەن. ئادەمنىڭ كۆرۈش مەركىزى نۇقتىسىدىن باشقا جايلار ئازراق تەسەۋۇغا تايانسا كېرەك.
تور خۇمار مىنىڭ ئىنكاسلىرىمنى ئۆچۈرۋىتىۋاتامدۇ نىمە؟ «« بۇ ئايلىق چولپان زىيارەتچىلەر»» بۇ يەرگە ئاخشام قارىسام 24 قىتىم پەتىگە كەلدى دەۋاتقان بايا بىر ئىنكاس يىزىۋىتىپ بولۇپ قارىسام 28 بولماي 25 قىتىم دەيدىيا، نىمە ئىش بۇ، ئاۋۇ نەرسە چاتاقمۇ يا، تورخۇمارنىڭ ساندانى توشۇپ كەتكەن بولسا ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۈپ ساندان تازلاۋاتامدۇ
تورخۇماردا قالايمىقان ئىنكاس ئۆچۈرىدىغان ئىش يوق. بۇ جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇڭ. چولپان زىيارەتچىلەر بار ئورۇن 30 كۈننى بىر بىرلىك قىلىپ سانايدىغان بولغاچقا شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن.
ئۇنداق يىرى بولسا ياخشى ، ھى ھى ھى! ئەمدى چۈشەندىم
نىمە ئۈچۈن شۇنداق بۇلىدىغاندۇ ؟
ئۆزگىرۋاتقان چىرايدىكى بىر نۇقتىغا قاراپ تۇرسا ئادەمنى سۈر بېسىپ كىتىدىكەن
خامىلىئونغا كۆرسىتىپ باقسا قانداق بولا