ئىككى دانە iPad سەپلەنگەن، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ھەشىمەتلىك SUV ئاپتوموبېلىنى كۆرۈپ باقايلى

كۆپچىلىك بۇ ھەشەمەتلىك ماشىنىنى كۆرۈپ باققان بولۇشى مۇمكىن، بۇ Landrover ماركىلىق ماشىنا بولۇپ، بۇ ماشىنىنىڭ تولۇق نامى Autobiography Ultimate دىن ئىبارەت. بۇ ماشىنىنى تېخى يېقىندا جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ماشىنا كۆرگەزمىسىگە قويۇلغان.بۇ  ماشىنىنىڭ سانى چەكلىك بولۇپ، بۇ يىل 4-ئايلاردا شاڭخەيدە سېتىلىشقا باشلايدىكەن.

ئۇنداقتا بىز بۇ ماشىنىنى نېمىشقا ھەشەمەتلىك دەيمىز؟ ئۇ ئالدى بىلەن Landrover دە! ئۇنىڭدىن قالسا، ئۇنىڭغا ئىككى دانە iPad سەپلەنگەن. ماشىنا ئاستى قىسمىغا تېكتون ياغىچىدىن ياسالغان پول ياتقۇزۇلغان ھەمدە مەخسۇس قولدا تەييارلانغان تىرە بۇيۇملىرى بىلەن زىننەتلەنگەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئارقىدىكى ئىككى ئورۇندۇقى ناھايىتى ئازادە لايىھىلەنگەن بولۇپ، ئىلگىرىكى ئۈچ كىشىلىك ئورۇندىن ھازىرقى ئىككى كىشىلىك ئۇرۇنغان ئۆزگەرتىلگەن. ئۇنىڭغا يەنە ئۇزارتىلغان مەشغۇلات سۇپىسى سەپلەنگەن بولۇپ، خاتىرە كومپيۇتېر قاتارلىق ئىشخانا ئەسلىھەلىرىنى قويغىلى بولىدىكەن.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. رادىئو ھەۋەسكارى 2011.03.01 , 16:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ بىرەر قىتىم دىۋاندا ئولتۇرۇپ باقاي جۇما :razz:

    • مۇھەممەدئەمىن 2011.03.03 , 14:35

      ھەي رادىيو، تۈگىسۇنچۇ مۇشۇ دىۋان دېگەن گەپ، خەنلەرنىڭ تور بەتلىرىدىن مۇشۇ گەپلەرنى كۆرۈپ تازا زېرىككەندە مۇشۇ يەرگىمۇ سۆرەپ كېلىپ.
      تورخۇماردىكى تېمىلارغا يېزىلغان تۇنجى ئىنكاسلار ئەخلەتلىشىپ كېتىپتۇ.
      «قىزىم ساڭا ئېيتاي، كېلىنىم سەن ئاڭلا» دەپ دېدىم.

  2. ۋەيرانى 2011.03.01 , 20:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قالتىسقۇ….باھاسىنى بىر مەلۇم قىلايلى.

  3. GoodLuck 2011.03.01 , 20:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كەينىدە ئاران ئىككى ئورۇن باكەن، تاكسى قىلسا ئاران ئۈچ ئادەم چىقالايدىكەن، بولمايدىكەن:mrgreen:

  4. قازانچى 2011.03.02 , 00:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنداق ماشىنىلارنى بەك يوللاپ كەتمەڭلارچۇ، ئىچىم پىجۇ بولۇپ كەتتى، خەپ بانكا بۇلىغان كۈنىنىڭ ئەتىسىلا ئالىمىسام بىرنى….:evil::evil::evil:

  5. مۇھەممەدئەمىن 2011.03.03 , 14:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يەتتە مىڭ سومغا ئىككى تال iPad ئېلىپ ئورۇندۇقنىڭ كەينىگە ئورنىۋالسىمۇ بولىۋېرىدىغۇ.
    iPad نى ئوينىماي تۇرۇپلا زېرىكتىم، Xoom ئوينايمىز دەيمەن،

  6. دىلخۇش 2011.12.08 , 16:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ ماشىنا ھەم كۆرۈمسىز ، ھەم قوپال كۆرۈنىدۇ ، نىمىسىگە شۇنچە قىممەتتۇ ؟

  7. مەن 2013.03.31 , 20:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۈچ مىڭ سوملۇق شالىيغا يەتتە مىڭ سوملۇق ipad ئورناتسا قايسى ماشىنا نوچى؟:lol:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量