WordPress يازما يوللاش كۆزنىكىدىكى كۆرۈنۈشلۈك TinyMCE تەھرىرلىگۈچىگە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش
WordPress ئۇيغۇرچە نەشىرى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ئىزچىل ھەرقايسى بلوگگېرلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىپ كېلىشىگە سازاۋەر بولىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە سىلەر كۆرۈۋاتقان تەدبىركار ۋە تورخۇمار بلوگلىرىمۇ PHP+MySQL دە تۈزۈلگەن WordPress سېستىمىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان. تەدبىركار WordPress نىڭ يازما يېزىش رايونىدىكى كۆرۈنۈشلۈك تەھرىرلىگۈچنى ئىزچىل ياقتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بۇ تەھرىرلىگۈچكە تېخى نۆۋەتتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغان بولغاچ، بىر قىسىم قولايسىزلىقلار يەنىلا مەۋجۇد ئىدى. بۈگۈن ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ قويدۇم. لازىملىق تورداشلار يازما ئاستى قىسمىدىن چۈشىرىۋالساڭلار بولىدۇ.
WordPress يازما يوللاش قىسمىدىكى كۆرۈنۈشلۈك تەھرىرلىگۈچ ئوچۇق كودلۇق TinyMCE تەھرىرلىگۈچىنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە WordPress تا ئىشلىتىلگىنى، بۇ كىرگۈزگۈچنىڭ 3.2.7 نەشىرى ئىكەن(كۆرۈنۈشلۈك تەھرىرلىگۈچتىكى كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق تەپسىلاتىنى كۆرۈشكە بولىدۇ). تەھرىرلىگۈچتە ئاساسلىق ئىقتىدارلار تولۇق تەمىنلەنگەن بولۇپ، يازما يېزىشتىكى ئالدىنقى تاللاش بولالىشىدا گەپ يوق. WordPress نىڭ بۇداقى ئەڭ يېڭى 3.0.4 نەشىرىدە بۇ تەھرىرلىگۈچنىڭ خەت نۇسخىسى ئۇيغۇرچىغا تەڭشىلىپتۇ، بىراق كىرگۈزۈش قىسمى يەنىلا ئەمەلگە ئاشمىغاندەك تۇرىدۇ، شۇ ۋەجىدىن تۆۋەندىكى ھۆججەت تەمىنلەندى. moorshidi ئەپەندىم بىلەن ئالاقىلەشكىلى بولسا، كېلەركى نەشىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇرچە قوشۇلغان تەھرىرلىگۈچنى WordPress نىڭ ئۆزىگە قېتىۋەتسەك تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.
ھۆججەت تەپسىلاتى
ھۆججەت نامى: tiny_mce.js
سىناق قىلىنغان مۇھىت: WordPress 3.0.4 تىكى كۆرۈنۈشلۈك تەھرىرلىگۈچنىڭ 3.2.7 نەشىرى
ئىشلەيدىغان مۇھىت: پەقەت IE ۋە IE يادروسىدىكى تور كۆرگۈلەردە نورمال ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى
چۈشۈرگەندىن كېيىن پرىستېن يېشىپ، wp-includes/js/tinymce ئىچىدىكى tiny_mce.js نىڭ ئۈستىگە بىۋاستە قاپلىۋېتىلسە بولىدۇ. ناۋادا ئىشەنچ قىلالمىسىڭىز، ئەسلىدىكى ھۆججەتنى بىر نۇسخا زاپاسلاپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: باشقا نۇسخىسىدا سىناپ باقمىدىم، شۇڭا باشقا نۇسخىغا سىناپ باقماقچى بولسىڭىز، ئەسلى ھۆججەتنى بىر زاپاسلاشنى ئۇنتۇماڭ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
tiny_mce.js نى چۈشۈرۈش | مەنبە: torhuamr.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [Blog ساۋاتلىرى]
- ھالقىلىق ســــۆز: wordpress,تەھرىرلىگۈچ
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 644 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 01-ئاينىڭ 06-كۈنى
- يازما مەنزىلى: uyghurinput-for-wordpress.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئىنتايىن ئوماق لايىھەلەنگەن بىر يۈرۈش ICO فورماتىدىكى ئايكونلار
- كېيىنكى يازما > ئالدىنقى بىر يىلدىكى ئەڭ ئاۋات ئويۇننىڭ بىرى: غەزەپلەنگەن قۇشقاچ(Angry Birds)
مانا ماۋۇ تېما مېنىڭ جېنىمغا جان قوشقۇدەك ، ئەمەلىي قوللىنىشچان تېما بوپتۇ. تەدبىركار ھەزرەتكە ھەشقاللا!
قالتىس،ئۇيغۇربەگ تۇرايىدا ھەم مەنبەسى ئەسكەرتىپ يوللاندى…
3.0.2 نەشىرىدە سىنالدى،سىناق نورمال…
ھەي ، مۇشۇ wordpress ئوت تۈلكىدە بۆلەكچە ئىچىلىدۇ جۇمۇ ، ئىچىمگە ئوت تۇتاشتى …
خورازدىكى خو!!!!
بايا XJTV-2دە ما بلوگنىڭ ئېلانى چىققىلى تۇرۇپتىكەن، Torhumar.com, تورخۇمارىڭىز تۇتتىمۇ دەپ ، توردىن ئۇنى كۆرۈپ بۇنى كۆرۈپ، تورخۇمارىم تۇتۇپ كەچ بولسىمۇ كىرىپ باقتىم،
ما ئىنكاس ئىنكاسمۇ يا؟
خورازدىكى خو
مەن نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان تازا لازىم بولغان نەرسە ئېدى، بارىكاللا! 3.0.3 نەشىرىدە بولمايدىكەن. 3.0.4 كە يېڭىلىغاندىن كېيىن ئوڭشالدى. لېكىن مېنىڭ چوغتۈلكىدىمۇ نورمالغۇ؟
ئۇنداق ئەمەستۇ؟
تېخنىكىلىق يازمىلارنىڭ ئوقۇلىشى ۋە تورداشلانىڭ باھاسى يەنىلا باشقا تۈردىكى يازمىلارغا قارىغاندا ئاز ئىكەن !
ئەسلى تەدبىركار يىزىپتىكەندە ، تەدبىرلىك ئادەم ، بۇنى ئويغۇر بەگدە كۇرۇپتىكەنمەن
مىنىڭكىدە ئۇ تەھىرلىگۈچ ئۇنچە مول كۆرەنمىدىيا ، يا بىرەر يەردىن ئاچامدۇق ، بىر قۇرلا قۇراللار چىقىتى
WordPress 3.0.5 تە سىناق قىلىپ كوردۇم، مۇۋاپىقىيەتلىك بولمىدى.
مەن يەنىلا ئەمەلگە ئاشۇرالمىدىم ، مىنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرچە قوللىمدى …
مىنىڭكى 3.0.5 نۇسخىسى