نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > يېــڭــى ئىــشــلار > يازما مەزمۇنى

ئاقسا قۇرۇلما! ۋېلىسپېتنىڭ چاقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان LED چىراق | تىقىپ قويغان ۋېلىسپىتىڭىزنى مىنىدىغان ۋاقتى كەلدى!

ھازىر ئۈرۈمچىدە ئانچە مۇنچە ۋېلىسپىت مىنىدىغانلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بىراق…ۋېلىسپىت ئوغرىلىرىمۇ خېلى ئاۋۇپ قالدى دەيدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئاقسا ۋېلىسپىتىڭىز بولسا، ئۇنداقتا چوقۇم قۇلۇپىنى ياخشى سالغىنىڭىز ياخشى!

welispit

Monkey Light Pro بولسا، بىر خىل ۋېلىسپېتنىڭ چاقىغا ئورۇنلاشتۇرىلىدىغان LED چىراق سىستېمىسى، بۇ سىستېما جەمئىي 4 دانە كرىست شەكىللىك كېسىشتۈرۈلەەن LED نۇر تاياقچىسىدىن قۇراشتۇرۇلغان بولۇپ، جەمئىي 256 دانە LED چىرىقى بار.

ئىشلەتكۈچىلەر رەسىم ئامبىرىدىن ئۆزى كۆرسەتمەكچى بولغان كارتون ئەندىزىسىنى تاللاپ بېرەلەيدۇ، ياكى كۆكچىش ئارقىلىق ئۆزى لايىھەلىگەن كارتون لايىھەسىنى يۈكلەپ بېرەلەيدۇ، بۇ لايىھەلەر ۋېلىسپىتنى مىنىش جەريانىدا چاقتا ئىنتايىن ئۆزگىچە شەكىلدە نامايەن بولىدۇ. نۆۋەتتە بۇ مەھسۇلات Kickstarter تا سېتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، باھاسى 495 دوللار ئىكەن. توردىن ئاقتۇرۇپ باقسام، تاۋباۋدىمۇ مۇشۇ خىلدىكىگە ئوخشاش مەھسۇلاتلار بار ئىكەن، باھاسىمۇ خېلىلا ئەرزانكەن، قىززىققۇچىلار كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.

Monkey-Light-Pro1

Monkey-Light-Pro3

Monkey-Light-Pro4

Monkey-Light-Pro5



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. سەھرايىم 2013.06.18 , 10:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    زادى ۋىلىسپىتتەك ۋىلىسپىتكەن جۇما . پۇل تاپقاندا بىرنى ئالمىسام .

  2. سەھرايىم 2013.06.18 , 10:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇنداق قارىسام ئاۋۇ نەرسە بەك قىممەتمۇ ئەمەسكىنا بولمىسا، 68 خەنسو دوللىرىكەن. تۇلىمو ئەپسۇس ۋىلىسپىتىمنى تۇلۇقسىزنى ئۇقۇيدىغان چاغلاردا مىنگەنچە، ھازىرغىچە مىنىپ باقماپتىمەن ئەمەسمۇ.

  3. ئابومجان 2013.06.18 , 10:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما راس بوغان ۋەقە ،سەل جىق يېزىپ قالدىم ، خۇمارى تۇتقانلار كۈرۈپ بېقىڭلار
    كىچىكىمدىن ۋېلسىپىت دىگەنگە خېلى ئامراقتىم ، ئالى مەكتەپكە كەلگەندە يىغىپ تۆشەپ دىگەندەك 600 كويغا يامان چىرايلىق ۋېلسىپىتتىن بىژنى ئاغان ، ھەپتە ئاخىرى ۋېلسىپىتىمنى مىنىپ چۆگلەپ كىلەتتىم ، يامان پەيزى بوغانتى ، ياخشى كۈن ئۇزاققا بامىدى، 40 نەچچە كۈن بوغاندا كەچلىك مۇزاكىرىدىن يانسام ۋېلسىپىت جايىدا يوق ، 2 سائەتكىچە يامان ئىزدەپ كەتكەن ، ياتاققا يېنىپ كىپمۇ بىر ۋاققىچە تۈزۈك ئۇخلىياممىغان ، يانا شۇندا بوسىمۇ ئەتتىگەندە قۇپۇپ ئىزدىگىلى باغان ، ئەپسۇس يانا يوق ، شۇنداق قىپ نەچچە ھەپتىگىچە خەقنىڭ مىنگەن ۋېلسىپىتىگە قارايدىغان بوپ قاغان ، مىنىڭ چىقىپ قالامۇ دەپ .
    ئىككىنجى مەۋسۇم بوغاندا ئىككىنجى قول ۋېلسىپىتتىن بىرنى ئالدىم ، ئادەتتە ياتاقنىڭ ئالدىغا قۇياتتىم ، بىركۈنى كەچتە تاماققا ماڭغاچ قارا دىگەندەك بولدى ، تازا سەپ سېلىپ قارىسام ، بېشىڭنى يەيدىغانلا ۋېلسىپىتتىنىڭ قۇلپىسى يوق ، توۋا خۇدايىم ، ھەيرانۇ ھەس چىقىپ 15 كويغا قۇلۇپتىن بىرنى ئاغان ، رەمەتلىكنىڭ ئۆمرى شۇنچىلىك ئوخشايدا ، نەچچە ھەپتىدىن كىيىن بۇمۇ يۈتۈپ كەتتى . بۇ قېتىم ئانچە بەك ئازاپلىنىپ كەتمىدىم.
    شۇنداق قىپ 3 – ۋېلسىپتىنى شوپىلەيدىن 45 كويغىلا ئالدىم ،بۇ ۋېلسىپىتىنىڭ چاقىلا ساق ، ئۇنىڭدىن باشقا يىرى ئاساسەن ئوسەيگە چىققان ، بۇنىڭغا ئىسىمگە كەلسە قۇلۇپ سالىمە ، بوممىسا خالىغان يەرگە تاشلاپ قۇيۇپ كىتىۋىرىمە ، مانا بىژ يېرىم يىل بوپتا ساق سالامەت يۈتمىدى ، يەنە بىژ قېتىم توۋا دەي ، مۆلچەرىمچە ساتسام 30 كويغا ئالىدىغان چىراي ، ھە بولاپتا ، چوڭ زىيان يوق . شۇنداق قىپ ۋېلسىپىتكە ئامراقلىقىمدىن خىزمەتكە چىققاندا قايسى ۋېلسىپىتىنى ئېلىشنىمۇ ئويلۇشۇپ قويدۇم ، ياشلىقتا سىناپ باققۇلۇق .
    ئىشقىلىپ ماۋۇلار ئۆزىنى ئۇنداق ئىسىل ، مانداق مەدەنىيىتىمىز بار دەيدۇ ، ھەممەيلەن ئېنىق بىلىمىز ئارتۇق گەپ قىلماي ، ئىشقىلىپ ھارامدىن قورقمايدىغانلارنىڭ قۇلىدىن ھەر بالا كىلىدىكەن

    • رىۋايەت 2013.06.18 , 11:24

      مۇشۇ تورخۇمارغاكىرسەم ھېچكىمنىڭ ئىنكسىغا كۈلمىسەم مۇشۇ‹ئابومجان›نىڭ ئىنكاسىغا سەت كۈلۋاتىمەن دېسە ،بەك قىززىق ئىنكاس يازدۇ:mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  4. كۆك كەپتەر 2013.06.18 , 12:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    MIB-2 دىكى ھىلىقى چاقىغا چىراق بىكىتۋالغان قوش كىشىلىك ۋەلىسپىت بەك يارايدۇ ماڭا. :???:

  5. ئۇيغۇر چ چ تورى 2013.06.18 , 12:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋېلسىپىت مىنىشنى يېڭى ئۈگەنگەن ۋاختىڭىزنى ئەسلىيەلمەيۋاتامسىلەر بولۇپمۇ ئوغۇللار :idea:

    كىچىك ۋاختىمىزدا يا رېمى يوق ۋېلسىپىت يوقتى، بويمىز كىچىك بولغاچقا رېمى ئارسىدىن پۇتنى سېلىپ مىنىدىغان گەپ:lol:
    مۇشۇ راملىق ۋېلسىپىتنى ھەيدەيمەن دەپ ئاخسالىق قىلىپ رام ئۇستىدىن پۇتۇمنى ئېلىپ ھەيدەپ تامغا بىر سوقۇلۇپ :sad: ، ئاغىرققا چىدىماي 3 كۈن ياتقان:!:

  6. كۆك كەپتەر 2013.06.18 , 13:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تۇنجى قىتىم ھىلىقى قايچىنىڭ رەسىمى بار ۋەلىسپىتكە رامنىڭ ئارىسىغا پۇتۇمنى سىلىپ مىنىڭ ئۆگەنگەن ئىدىم، كىيىن تولۇقسىزغا چىققاندا دادام زەنجىرى يوق ۋەلىسپىتتىن بىرنى ئىلىپ بەرگەن، كاردانلىق دەپ قويامدۇق. زەنجىرنىڭ ئورنىدا بىر تۇربىنىڭ ئىچىدە بارماقتەك كاردان باركەنتۇق. خەق توختىماي چاقىرىپ خاپا قىلاتتى، «ۋەلىسپىتىڭنىڭ زەنجىرى چۈشۈپ قاپتۇ» :mad: دەپ. دەسلەپكى ۋاقىتلىرىمدا ھەر قىتىم چاقىرسا بىر قىتىم توختاپ قاراپ باقاتتىم. :shy:

  7. ئابدۇلباسىت 2013.06.18 , 13:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇمكىن بولسا تاۋباۋ دىكى ئادرېسىنى بىلەن مەھسۇلات ئىسمىنى ئەۋەتىپ بېرەلەسىلەنمۇ ، بۇ ۋەلىسپىتقا ئاشىق بوپ قالدىم مەن ھى ھى ھى

    • سەھرايىم 2013.06.18 , 14:33

      يازمدىكى كۈرۈپ باقساڭلارنى باسساڭلارلا كېرىپ كىتىسلە، ئاشۇ سايمان ساتىدىغان دۇكانغا.

  8. كارۋان 2013.06.18 , 14:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راس پەيزىكەن كاساپەت

  9. مەنسۇر 2013.06.18 , 15:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوخخو، خىزمەتكە چىققاننىڭ ياقى مىنمەي، ساتاي دىسەم تۆۋەن سورىغاچقا ئامبار ئۆيگە تاشلاپ قويغان «جويۇت» ماركىلىق بەنداش كالاڭ ۋېلسىپىتىمدىن بىرسى باتى، دەم ئېلىش كۈنۈم ئاچىقىپ بەنداشنى تۈزلەپ، ژۇپ تاراپ پاقىرتىپ قويۇپ ئاۋۇ لامپۇچكىنى سېتىۋىلىشقا تەييارلىق قىپ قوياي.

  10. پەنجىر 2013.06.19 , 00:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ كاللامغا بىر ئەقىل كەلدى ،ئازراق كاللا ئىشلەتسە بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ پۇل تاپقىلى بۇلىدۇ ،:se:

    • ئابومجان 2013.06.19 , 00:33

      ما لىكىن ئالامەت ئىسىل ئەقىلكەن ، مەنمۇ بىر ئىشنى بايقاپ قاغىلى خېلى بولدى ، ئەدەم قوسقى ئاچسا بىر نىمە يىگۈسى كىلىدىكىن ، ھېرىپ كەتسە ئۇيقۇسى …
      بۇ ئەقىل خەقنىڭ كاللىسىغىمۇ كەگەن ئوخشايدا ھە ، ئېۋۇلار تاۋباۋدا دۇكان ئېچىپ ئوتۇراپتىيا ئەينا مۇشۇنى ساتىمىز دەپ

  11. تاماشىبىن 2013.06.19 , 03:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئىسكىلاتقا قاراپ باقاي مېنىڭ ئەرشىبارىم نەدىكىن….

  12. ئابومجان 2013.06.19 , 12:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :mrgreen::mrgreen::mrgreen: ھاھاھا

    • ئابومجان 2013.06.19 , 13:49

      خالايىق ما سەت ھېجارىغان ئابومجان مەن ئەمەس جۇما ، مىنىڭ بېشىم با ، ما ئاداشنىڭ يوقكەن ، يالغان ئابومېك

  13. ئابومجان 2013.06.19 , 13:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قارىغاندا باشقىلارنىڭ نامىدا ئەنكدس يازغىلى بولمايدىكەن بۇ ياخشى تېخنىكىكەن.
    بۇرۇن شۇنداق بۇلارمۇ دەپ ئەنسىرەپ كۆپ ئىنكاس يازمىغانتىم.
    كۆڭلۈڭلىگە ئالماڭلا ئابومجان:razz:

    • ئابومجان 2013.06.19 , 20:16

      :mrgreen: ۋاي ياقەي بۇنچىلىك ئىشلانى كۆڭلۈمگە ئاغىلى تۇسام ، كۆڭەل توشامدۇ دەيمە
      مەنمۇ سىناپ باققان باشقىلارنىڭ ئىسم بىلەن ئىنكاس يېزىشنى :mrgreen:

  14. توختى 2013.06.19 , 14:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    موتوغىما بۇلامۇ

  15. ئەل ئۇمۇت 2013.06.19 , 17:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    موتسىكىلىت ئەمەس ئايرۇپىلانغىمۇ بولىدىغاندەك قىلىدىغۇ

  16. سەھرالىق 2013.06.20 , 14:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ ئىككى يىل بۇرۇن 2400 يۈەنگە بىرنى ئالغان بۇ شەيتانچاقتىن،ھازىر مىنگۈدەك ۋاقىتمۇ يوق…

  17. ئابوم قارى 2013.06.21 , 16:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ ۋېلىسپىت ۋەلىسپىتتەكلا ۋېلىسپىتكىنا… ئىككىڭلارغا بىردىن ئىككىنى ئېلىپ بەرسەم مىنىپ ئوينامسىلىيا ئابومجان؟؟؟

    • ئابومجان 2013.06.21 , 23:48

      ئابوم قارىمۇ چىقىپتا مانا ھا ھا … ئانام تۇنۇمايتقان ئەدەم ئەپپەگەن ۋېلسىپىتقا قالايمىقان مىنمەڭ بالام دىگەن ، كۆڭلىڭىز بەك تىگىل بولدى رەھمەت ، ئۆزەم ئېلىپ مىنەي جۇما

  18. خوتەن ئوغلى 2013.06.26 , 08:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋۇججۇن ما ۋېلسپىتنىڭ نوچىلىقىنى بىينى ئامىسام بوماپتۇ ماخما مەن…..
    خوش مەن ۋېلىسىپىت ئاغىلى كەتتىم ماخما. خۇدايىمغا ئامانەت

  19. يىگانە 2013.11.15 , 01:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەيييي، باشلانغۇچتا ۋاقىتتا ما باللا گىپىنى قىلغان 28 ۋىلىسپىتىم باتتى، كىچىكلىكىمگە باقماي مىنىپ مەكتەپكە باراتتىم،
    ئۇ ۋىلىسپىتنىڭ نە تورمۇزى، نە قاسقىنى، ھىچنىمىسى يوقتى، خۇددى ئىسكىلىتتەكلا،
    تورمۇزى بولمىغاچقا بىر قىتىم تورمۇزلايمەن دەپ ئالدى چاقنىڭ ئۈستىگە كەينى تەرەپتىن دەسسەپ، ئايىقىم بىلەن قىسىپ توختاتقىلى دىسسىگىنىمنى بىلىمەن… …
    شۇنداق قىلىپ بەك سەت قاتتىق چۈشتۈم، پۇتۇم چاقنىڭ ئارىلىقىغا قىسىلىپ قالدى، شۇندىن بىرى چاققا دەسسەپ تۇتىدىغان ” ئاياق تورمۇزى ” قىلىدىغان ئىشنى قىلمايدىغان بولغانتىم…
    ھەش پەش دىگۈچە تولۇقسىزنى پۈتتۈرگىلىمۇ 4 يىل بولۇپ قاپتۇ…

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量