سەنئەت دېگەن ئېغىر قۇربانلىق تەلەپ قىلىدۇ | رېزىنكە بوغقۇچتا ئورىۋېتىلگەن ئادەم يۈز رەسىملىرى توپلىمى
ئىلگىرى سۇلياۋ پلاستېردا ئادەم يۈزىنى ئوراپ تارتقان بىر يۈرۈش سۈرەتلىرى بىلەن تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن فوتوگراف سەنئەتكار Wes Naman بۇدا يەنە يېڭى بىر يۈرۈش فوتو-سۈرەتلەرنى ئېلىپ كەپتۇ. بۇ قېتىمقىسى، ئادەمنىڭ يۈزى پۈتۈنلەي رېزىنگە بوغقۇچ بىلەن مەھكەم ئورىۋېتىلگەن بولۇپ، چىراينىڭ تارتىشىپ سەتلىشىپ كەتكەنلىگىنى دېمىسەممۇ كۆردۈڭلار ھەقىچان…
تۆۋەندىكىسى، دەل ئاشۇ بىر يۈرۈش سۈرەتلەر، قارىماققا ئازراق سەنئەتنىڭ پۇرىقى كېلىپ تۇرسىمۇ، ئەمما قىينىلىپ كەتكەنلىگى چىقىپمۇ تۇرىدۇ، بىراق، فوتوگراف Naman بۇ ئەسەرلىرىنىڭمۇ ئوخشاشلا تورداشلار تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
بۇ سۈرەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ ئەسەرلەرنىڭ قانداق پۈتۈپ چىققانلىقىنى بىلىشكە قىززىقىدىغانلار ئۈچۈن، Naman يەنە مەخسۇس سىندىن بىرنى ئىشلىگەن:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: فوتو سۈرەت، فوتوگراف
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,839 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 06-ئاينىڭ 15-كۈنى
- يازما مەنزىلى: band-portraits.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بىر تەرەپتىن ئويۇن ئوينىغاچ بىر تەرەپتىن ھامبۇرگ بولكىسى يېگىلى بولىدىغان قۇرۇلما
- كېيىنكى يازما > ئاقسا قۇرۇلما! ۋېلىسپېتنىڭ چاقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان LED چىراق | تىقىپ قويغان ۋېلىسپىتىڭىزنى مىنىدىغان ۋاقتى كەلدى!
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- كىم جوڭئۇن كۆرۈشنى خالىمايدىغان چاۋشىيەن ساياھەت خاتىرىلىرى
- ئىرانلىق فوتوگرافنىڭ كامېراسىدىكى ئىران: رەھىمسىز دۇنيانىڭ يەنە بىر خىل قىياپىتى
- قىز دوستىغا ئەگىشىپ دۇنيانى ئايلىنىش – قىزچاقنىڭ جامالىنى كۆرىدىغان پەيت كەلدى!
- نورۋېگىيەلىك فوتوگراف يەتتە كېچە كىرپىك قاقماي ئىشلەپ چىققان ئەسەر
- 24 سائەتنى بىر پارچە سۈرەتكە پىرىسلاپ كىرگۈزۈش، مانا يېڭىلىق دېگەن!
- 2013-يىللىق دۆلەت جۇغراپىيەسى فوتو-سۈرەت مۇسابىقىسىدىكى نادىر تاللانمىلار
- يەر شارىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كىشى ئەقلىنى لال قىلدىغان گۈزەل ماكان
- فوتوگرافنىڭ كامېراسى ئاستىدىكى دەقىقىلەر | چوڭ بولغانسىرى چىرايىڭىزنىڭ دادىڭىزنى تارتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن
تىنىم شۈركۈنۈپ كەتتىيا …..!! دىۋان دىگەن مۇشۇ كەندە ھە خى خى
قىلغىلى ئىش تاپامماي قالغان نىمىلەمۇ بۇ ؟ ئىشقىپ بۇ خەقنىڭ بەزى قىلىقلىرىنى كۆسەم بۇلا ساراڭمىكىن دەپ قالىمەن
بىز تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ، جان بېقىشنىڭ كۇيىدا يۈرگەندە ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خايىشى ئارزۇسى بىلەن قىلىمەن دىگىنىنى قىلىپ ياشاپتۇ ، بىزنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەرىمىزدىن بىر بالداق يۇقىرى دىگەن گەپ، ھەرگىزمۇ ساراڭلىقتىن بۇنداق ئىشلارنى قىلمايدۇ . بىزمۇ قاچان قورسىقىمىز توق ، تۇرمۇشىمىز باياشات بولغاندا مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلالايمىز ، ۋاي تاڭ جۇمۇ قاچان كىلەركىن ئاشۇ كۈنلەر
سەنئەت دەرىجىسىگە باھا بەر دېسە ئەڭ تۆۋەن باھا بەرگەن بولاتتىم. ئۇسلۇب ياراتقان بولسا بىرىنجى قېتىمقىسى يېتەرلىك دەپ قارىدىمغۇ….
قۇسۇر تېپىشقا رۇخسەتمىكى….. ‹‹سۇلياۋ __ پلاستېردا›› بىرى خەنچە بىرى ئۇيغۇرچە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل مەنىدىكى سۆز. پلاستېر دېسىلا بولدى. خەنچىدىكى سۇلياۋ نى بىز پلاستماسسا ياكى پلاستىك ماتېرىيال دېسەك ياخشىتى. لېكىن ئۆزگەرتمەك تەس جۇمۇ كۆنۈپ كەتتۇقتە سۇلياۋ دەپ…….
پلاستېر دېگەنمۇ ئۇيغۇرچە ئەمەس
بىزلەر ئانا تىلىمىزنى ساپ ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتىمىز، لىكىن «57-مىللەت» قېرىنداشلىرىمىز ئۇيغۇر تىلىمىزنى بۇزۇپ ئات دېسە ئات ئەمەس، ئېشەك دىسە ئېشەك ئەمەس، قېچىرغىلا ئوخشىتىپ بولدى. كەلگۈسىدىكى ئۇيغۇر تىلىمىز قانداق بولاركىن تاڭ….
بۇنداق دېسەم «تاماشىبىن» بۇرادەر ئۆزىڭىزگە ئەپ كەتمەڭ، ئەتىراپمىدىكىلەرگە قاراپ شۇنداق دەۋاتىمەن.
ئاۋۇ بوغۇلغان چىرايلاردىكى رېزىنكىنى ئېلىۋېتىپ ،شۇ بوغۇلۇپ تۇرغان ھالەتنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتىم ، ۋاي سەل قورقۇنچلۇق بولىدىكەن .
بۇمۇ بىر خىل سەنئەت بولسا ، ئۇنىڭ ئىپادىلىگىنى نېمىدۇ ؟
ئىچىدە بىرە مەنىسى بارمۇ قانداق.
قىزقارلىق تەسەۋۋۇركەن بەزىدە مەنمۇ ئاجايىپ ئىجاتلارنى قىلىمەن پۇتۇمغا ئۇن قىپىنى كىيىپ 5مىتىر ئىگىزلىكتىن سەكرەش يولدىكى ماشىنىلاردىن ئاتلاپ ئۆتۈش دىگەندەك ئۇ ئىشلارنى تورغا يوللىسام يىڭى مودا بوپ كىتەرمۇ
غىشلا ساراڭ نىمىلەركەن!
قارىماققا غەلىتە كۆرۈنىدىكەن، ئەمما ھېچنىمىنى چۈشەنمىدىم، كىملىككە مۇشۇنداق رەسىمگە چۈشسە، تازا بەلەن بولاتتى.
تەببىركار بېكەتنىڭ ئوڭتەرپىدىكى يالڭاچ خاتۇننى يوقاتساڭلا خوشبوپقالاي
چەكلمىدى دەمسىز؟ ھەر قېتىم چەكلىۋەتسەم يېڭى ئادرېس ئالماشتۇرىدۇ. مەنمۇ تاق زېرىكتىم بۇ ساراڭ خوتۇندىن!
مۇشۇما بىر سەنئەتما ئۆزىنى قىينىغانلىق
توۋا ! بۇ چەتئەللىكلەرنىڭ يۈزى شۇنچىۋالا گۆشلۈكمىدۇ؟ بىز نىڭكىنى تاڭسا ھېچقانداق بوغۇم چىقماي فوتۇگرافنى قورقۇتىۋەتكەن بولاتتۇق!