2013-يىللىق دۆلەت جۇغراپىيەسى فوتو-سۈرەت مۇسابىقىسىدىكى نادىر تاللانمىلار
بۇلتۇرقى دۆلەت جۇغراپىيەسى فوتو-سۈرەت مۇسابىقىسىدە جەمئىي 150 دۆلەتتىن كەلگەن 22000 كەسپىي فوتوگراف ھەمدە ئىشتىن سىرتقى ھەۋەسكارلار قاتناشقان. بۇ يىلقى دۆلەت جۇغراپىيەسى فوتوگرافلىق مۇسابىقىسىنىڭ ئەسەرلىرىنى قوبۇل قىلىش ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئاللىقاچان نەچچە مىليوندىن ئوشۇق ئەسەر مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان، تۆۋەندە بۇ ئەسەرلەردىن بىر قىسىملىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
1. تۇمانلىق كۈز كۈنلىرىدىكى سەھەر، بىر قىزىل بۇغا ئاسمانغا قاراپ زۇۋان سۈرمەكتە
2. ھېندوزىيەدە تارتىلغان، برومو يانار تېغىنىڭ ئەتراپى
3. Quiraing بەلكىم شوتلاندىيەنىڭ كامېراغا ئەڭ كۆپ چۈشىدىغان يەرلىرىنىڭ بىرى، تارتىلغان ۋاقىت سەھەر 5:30
4. كىچىك قىزچاق ساتىراشنىڭ رەھىمسىزلىكىگە چىداپ تۇرالمىدى، كۆزىدىن ئازاب تۆكۈلۈپلا تۇرىدۇ
5. كورىيە سوڭدو، شەھەردىكى دەريا بويىدا ئوت ئويناش
6. دېڭىز سۈيى پەسەيگەن چاغدىكى سۇنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى دېڭىز ئاپتاپپەرىسى، سۇ يۈزى سۈرەتنى ئىككىگە بۆلۈۋەتكەن
7. بالىلىق
8. شىياڭگاڭدىكى ئوكيان باغچىسى
9. Kalahari قۇملۇقى، سۈرەت تارتىلىپ بولغاندىن كېيىن شىر بۆكەنگە ھۇجۇم قىلدى
10. بىر-بىرىگە بوي بەرمەيۋاتقان گنۇ(بۆكەن كالىنىڭ بىر خىلى)، چاققان بولمىسا قىرغاققا يامىشالمايدىغان گەپ
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: فوتو سۈرەت، فوتوگراف
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,850 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 02-كۈنى
- يازما مەنزىلى: ng-photo-2013.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > فوتو-سۈرەت دەرىجىسىدىكى 3D سترېئولۇق رەسىملەر – رەسسامنىڭ قاتىلى مۇشۇنداق سىزىمىش!
- كېيىنكى يازما > iPad دىن پايدىلىنىپ سىزىلغان داڭلىق ھوللىۋود چولپىنى Morgan Freeman نىڭ رەسىمى، بەك ئوخشىتىۋېتىپتۇ
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- كىم جوڭئۇن كۆرۈشنى خالىمايدىغان چاۋشىيەن ساياھەت خاتىرىلىرى
- ئىرانلىق فوتوگرافنىڭ كامېراسىدىكى ئىران: رەھىمسىز دۇنيانىڭ يەنە بىر خىل قىياپىتى
- قىز دوستىغا ئەگىشىپ دۇنيانى ئايلىنىش – قىزچاقنىڭ جامالىنى كۆرىدىغان پەيت كەلدى!
- نورۋېگىيەلىك فوتوگراف يەتتە كېچە كىرپىك قاقماي ئىشلەپ چىققان ئەسەر
- 24 سائەتنى بىر پارچە سۈرەتكە پىرىسلاپ كىرگۈزۈش، مانا يېڭىلىق دېگەن!
- يەر شارىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كىشى ئەقلىنى لال قىلدىغان گۈزەل ماكان
- فوتوگرافنىڭ كامېراسى ئاستىدىكى دەقىقىلەر | چوڭ بولغانسىرى چىرايىڭىزنىڭ دادىڭىزنى تارتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن
- يۈزدە يۈز كاپالەت بېرىمەن، بۇ رەسىملەرنىڭ ھەممىسى كومپيۇتېردا قۇراشتۇرۇلغان سۈرەتلەر، ھېچقايسىسى راست ئەمەس
ئېسىل رەسىملەركەن ، رەھمەت
مىنىڭمۇ فوتۇگرافلىققا ھەۋىسىم بار
مۇشۇ رەسىم بىلەن جىق مەنىلەرنى ئىپادىلەپ بەرگىلى بولىدۇ.ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى«شىياڭگاڭدىكى ئوكيان باغچىسى»دىگەن رەسىم بولدى .كىشىلەرنىڭ چىراي ئىپادىسىگە قاراڭ،بىر جەمىئيەتنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنى روشەن ئىپادىلەپتۇ.
ئاۋۇ قىز نىمدا بىچارە…..
ماڭا ئىككىنجى رەسىم يارىدى…
2. ھېندوزىيەدە تارتىلغان، برومو يانار تېغىنىڭ ئەتراپى
نەچچىسى ئىكران تەگلىكى قىلىۋاسا بوغىدەك رەسىمكەن
باھالاشنىڭ ئۆلچەملىرى قانداقتۇ؟ نەچچە مىليۇن پارچە ئىچىدىن مۇشۇنى تاللاپتۇ …
ئۇيغۇر توربەتچىلىكىدە مۇشۇ فوتوگىرافقا دائىر كەسپىيراق توربىكەت كەمچىل ئوخشايدۇ
ئاۋۇ قىزچاققا قاراپ بۇرۇنقى گال ئۇستىرىدا چاچ ئالدۇرغان ۋاقىتلىرىم ئېسىمگە كەپ قالدى،،،شۇۋاقىتلارمۇ پەيزىتى ھە!
مەنمۇ بەك ھەۋەس قىلاتتىم فوتوگىرافلىققا، خىلى نوچى ئاپرانىمۇ ئالغان، لىكىن قايسى بىر دوستۇمنىڭ نەسىھەتى بىلەن تاشلاپ قويغان ئىدىم،