ھۆججەتنى نەدە ساقلىسا ئىشەنچىلىك؟ Google/Microsoft/Baidu تور دېسكىلىرى ھەققىدە
ئۇزۇن مۇددەت ساقلاشقا تېگىشلىك ھۆججەتلەرنى نەدە ساقلىسا ئەڭ بىخەتەر بولىدۇ؟ ئۇياق – بۇياققا تولا سەپەر قىلىدىغانلار ئۈچۈن قاتتىق دىسكا تۈرىدىكى نەرسىلەر قولايسىز، شۇڭا بىر قەدەر قولاي بولغىنى تور دىسكىسى. ئۇنداقتا قايسى تور دىسكىلىرى ئەڭ ئىشەنچىلىك؟
مەن box, 115, qupan, lenovo دېگەنلەرنىڭ ھەممىنى ئىشلىتىپ باققان، ئەمما ئۇلار كەلسە – كەلمەس تۈزۈمىنى يېڭىلاپ، ھە دېسە ئورتاقلىشىش ئۇلانمىسىنى ئۈنۈمسىزلەشتۈرۈپ قويدىكەن. بولۇپمۇ 115 نىڭ بوشلۇقى كۆپرەك چۈشۈرۈلۈپ كەتكەن ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈۋېتىدىكەن. تەجرىبەمدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكى بوشلۇقلارنى ئىشەنچىلىك دەپ قارىدىم.
بۇ بوشلۇقلارنىڭ ھەممىسى 5G دىن 25G گىچە ھەقسىز بوشلۇق تەمىنلەيدىغان بولۇپ، چۈشۈرۈش ئېقىم مىقدارىغا چەك قويمايدۇ، ھۆججەتنى چەكسىز ئورتاقلىشىشقا رۇخسەت قىلىدۇ.
1. Google Drive
بوشلۇق ئىگىسى: Google
يۈكلەش چېكى: چەكسىز
ئېقىم چېكى: چەكسىز
بوشلۇق چېكى: 5G
ھالىتى: بەزىدە ئېچىلماس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ھۆججەتكە تەسىر يەتمەيدۇ.
ئورتاقلاشقىلى: بولىدۇ
تور ئادرېسى: https://docs.google.com/
2. Microsoft SkyDrive
بوشلۇق ئىگىسى: Microsoft
يۈكلەش چېكى: يەككە ھۆججەت 100 مېگا
ئېقىم چېكى: چەكسىز
بوشلۇق چېكى: يەككە ھېسابات 25G
ھالىتى: ھەرۋاقىت نورمال
ئورتاقلاشقىلى: بولىدۇ
تور ئادرېسى: https://skydrive.live.com/
3. 百度 تور دېسكىسى
بوشلۇق ئىگىسى: بەيدۇ شىركىتى
يۈكلەش چېكى: يوق
ئېقىم چېكى: يوق بوشلۇق چېكى: دەسلەپ 15G
ھالىتى: سىناق باسقۇچىدا
ئورتاقلاشقىلى: بولىدۇ
تور ئادرېسى: بۇ يەرنى بېسىڭ(نۆۋەتتە تېخى ئاشكارە سىناق ھالىتىدە)
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تور بايلىقلىرى]
- ھالقىلىق ســــۆز: Google، Microsoft، بوشلۇق، بىخەتەرلىك، تور، مۇلازىمەت
- يازمــا مەنبەســى: ئىزدىنىش مۇنبىرى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,277 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 07-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: baidu-google-microsoft-tordeska.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كىنونىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى بولسىلا توردا بىۋاستە كىنو كۆرەلەيسىز! بۇلۇت كىنوخانىسى(پۈتۈنلەي ھەقسىز)
- كېيىنكى يازما > بىر كېچىدىلا تۇيۇقسىز يەرشارىغا داڭ كەتكەن ھەجۋى رەسىم ئۇسلۇبى – مەمە(暴走漫画) ھەققىدە
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- سۈرەتكە جىق چۈشىدىغان قىزلار دىققەت | سۈرەتكە چۈشىمەن دەپ جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەر
- 1-شەخس كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ 414 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۇبەي مۇنارىدىن سەكرەش
- ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسىڭىز ئاقىۋەت سىز بىلەنلا تۈگمەيدۇ
- ئاۋىئاتسىيە ھادىسىىدىكى مۇھىم شاھىد – « قارا قۇتا» ھەققىدە
- مىكروسوفتقا قايتىپ كەلگەن بىلگەيتىس بىر كۈن ھەپىلىشىپ Win8.1 نى قاچىلىيالماپتۇ
- نوكىيا ئاندروئىد تۇمانلىرى : Google قوللاشقا ئېرىشىدۇ، مىكروسوفت نەپكە ئېرىشىدۇ
- تارىخقا نەزەر: ناۋادا iPhone بولمىغان بولسا، Android نىڭ تەققى-تۇرقى قانداقراق بولار ئىدى؟
- يۇمۇرلۇق ھەم ئازراق تەنە تۈسىنى ئالغان ئۆزگىچە كارتون فىلىم – Roadkill Redemption
- خاككىرلىق ۋە ۋىروس
مەنمۇ تۆرىدىن ئورۇن ئەپ باقايچۇ
بەيدۇنىڭ ئەپلىك ھەم رەتلىككەن دەپ ئويلىدىم، لىكىنزە «قانۇنغا خىلاپ» مەزمۇنلارنى ئورتاقلاشقىلى قويمايدىكەن ئەمەسمۇ. بەيدۇ تور دېسكامدىكى بىر ھۆججەتنىڭ نامىدا«ئۇيغۇر» دېگەن ئىسىم بوپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئورتاقلاشقىلى قويمىدى ئەمەسمۇ………….
ئۇيغۇر دىگەن نامنى چەتكە قاقسا ئۇنى ئىشلىتىشىمىزگە يەنە نىمە باھانىمىز بار….؟! قاملاشمىغان…..
مېنىڭ يامان ئاچچىقىم كىلىپ] بارىدۇ دىسە ماۋۇ گەپكە مەنمۇ قەستەن يازا يوغان قىلىپ چىقىرىپ قويدۇم دىسكىسىغا ھۆججەت قىسقۇچ uyghur ھۆججەت مەزمۇنى
听说不能用uyghur.txt
听说不能用uyghur,uyghur是代表中华人民共和国的一个民族,这样对待“百度”有法律责任
قانداق گەپ بوپكەتتى بۇ ………. ئۇيغۇرنى چەتكە قېقىپ …… بىردە خېتىمىزنى چەكلىسە…… يەنە بىردە ، ھەي ، بولدىلا……….. قاينىماي………….
مەن 115نىڭكىنى ئىشلىتىپ كۆنۈپ قاپتىمەن دىسە ….
ۋاي ما خىيال دىگەن دىۋانى مەندىن بالدۇر چىقۋاپتۇ دىۋانغا
باشقا 360 نىڭ دىگەندەكلەرنىڭچۇ چچ نىڭمۇ بار ئىدىغۇ دەيمەن…
نىمانداق ياخشى دەپ گۇگۇلنىڭكىنى ئاچسام ئېچىلمىدى ، مىكروسوفتنىڭكىنى ئاچسام تور كۆرگۈ ماس كەلمەيدۇ دەيدۇ ، سوگونىڭ تور كۆرگۈسىنى ئىشلىتەتتىم باشقىسىغا كۆنەلمىدىم ، يەنىلا بەيدۇنىڭ ياخشىكەن ، ھەم شۇنىڭغىمۇ كۆنۈپ قاپتىمەن .
ئۇيغۇر دىگەن ئىسىمنىڭمۇ قانۇنغا خىلاپ بولۇپ قېلىشىنى ئويلىماپتىكەنمەن…. يەنىلا گوگىلنىڭ ياخشىكەن..
گوگول بىلەن مىكروسوفتتىن باشقا ھەممىسىنىڭ «ئۇيغۇر» بىلەن ئانچە خوشى يوق ئوخشايدۇ ھە
مەن ئالتۇنتاغنىڭكىنى ئىشلىتىۋاتىمەن. جاسۇسلۇق قىلىدىغان خۇيى بارمۇ-يوقمۇ، بىلمەيمەن. ئەمما، ئۈزلۈكسىز چوڭلاتقىلى بولىدۇ. يېڭى ئاچقاندا 20 گېگابايت ئىدى، ھازىر
40 گېگابايتتىن ئاشتى
تېڭشۈننىڭ ئويۇنلېرىدىمۇ ئۇيغۇر دىگەن نامنى قوللىنىشقا يول قويمايدۇ…..
مىكروسوفىتنىڭ Microsoft SkyDriveئەڭ ياخشى ، چۇنكى سېستىما بىۋاستە قوللايدۇ، ھەم 6گىگا بايىتلىك بوشلۇق ھەقسىز، سېستىمىنىڭ قوللىشىمۇ ناھاايىتى ياخشى .
سىكاي جۈرەيۋېر ھەممىدىن ياخشى