بىر كېچىدىلا تۇيۇقسىز يەرشارىغا داڭ كەتكەن ھەجۋى رەسىم ئۇسلۇبى – مەمە(暴走漫画) ھەققىدە
ئارىمىزدا بىر قىسىم مىكروبلوگ ۋە QQ ھەۋەسكارلىرىغا نىسپەتەن مەمە (MEME؛ 暴走漫画) ئاتلىق بىر يۈرۈش چىراي ئىپادىلىرى ۋە چىراي ئىپادىلىرىدىن تۈزۈلگەن قىزىقارلىق رەسىملەر ناتونۇش بولمىسا كېرەك. ئۆزى تولىمۇ سەت بۇ چىراي ئىپادىلىرى قوپاللىقىغا باقماي كىشىگە ئاجايىپ يىقىپ كىتىدۇ. ھەتتا بەزىلىرىمىزنىڭ QQ مەشخۇلاتىدا ئايرىلالمايدىغان ھەمراھىغا ئايلانغان بولۇپ، بىرىنچى ۋاقىتتىكى ھېسىياتىنى بىۋاستە ئىپادىلەشتە بۇنىڭدىن ئارتۇق ئىپادە يوقمىش…
暴走漫画 يەنى ئاتالمىش مەمە مەدەنىيىتى 2007-يىلى شىمالى ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن، ئەينى ۋاقىتتا مەمە ئاتىسى پەقەت ۋىندوۋىسنىڭ رەسىم تاختىسىدا مۇنداقلا سىزىپ قويغان بىر پارچە رەسىمى ناھايتى تېزلا شىمالى ئامېرىكىغا كەڭ تارقىلىپ كەتكەن. قىززىق يېرى قارىماققا تولىمۇ قوپال بۇ رەسىملەر ئەكىسچە ئېنتايىن ئالقىشقا ئېرىشكەن، مانا بۈگۈنمۇ دۇنيانىڭ يەنە بىر تەرىپىدە تۇرۇپ تورخۇماردا مەمەلەر ھەققىدە گەپ بولۇنماقتا.
2008-يىلىغا كەلگەندە مەمە مەدىنىيىتى قىتئە ئاتلاپ چىن ئىمپىرىيىسىگە كىردى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېنتىرنېت ئاتلىق كارۋان ئارقىلىق كەڭ غەربى دىيارغىمۇ تارقالدى. خەنلەردە ھەتتا مەخسۇس مەمە ھەققىدە بىكەتلەر قۇرۇلۇپ (http://baozoumanhua.com) كۈندۈلۈك زىيارەت ئېقىمى نەچچە مىڭدىن ئىشىپمۇ كەتتى. ئەلۋەتتە سەزگۇز ئۇيغۇر خەلقىمۇ بوش ئەمەس، قولىدىن كېلىشىچە بىرنىمىلەرنى قىلىپ مەمە مەدەنىيىتىنى ئۆزىگە خاس مەمەت مەدەنىيىتىگە ئۆزلەشتۈردى.
قانداقلا بولمىسۇن مەمەجانمۇ كونىراپ قالدى، مودىدىن قالىدىغان ۋاقلىرىمۇ كەپ قالدى. ئەمما تەقدىرگە تەن بېرىشكە قېيمىغان بىر قىسىم كىشىلەر، مەمەنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى ھەتتا رەسمى ئادەملەشتۈرۈپمۇ ئۈلگۈردى….
رېئالىستىك مەمەلەر:
بىر قىسىم ئۆزلەشتۈرۈلگەن تاللانغان مەمەلەر:
ھازىر ئۇيغۇر تورداشلار ئارىسىدىمۇ مەمە قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى، بىر قىسىم مىكروبلوگلاردا ھەتتە مەخسۇس ئۇيغۇرچە مەمەلەر تارقالماقتا. ئەگەر سىزمۇ ئۆزگىچە مەمەلەرنى ياساپ باقماقچى بولسىڭىز…
مەنمۇ ياساپ باقاي | مەنبە: تورخۇمار | مەمە مەخسۇس QQ ئىپادىلىرى(پارول: www.torhumar.com)
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تور بايلىقلىرى]
- ھالقىلىق ســــۆز: رەسىم، قىزىقارلىق، كومىك، ھەجۋى، ھەزىل
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 28,303 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 08-ئاينىڭ 27-كۈنى
- يازما مەنزىلى: rage-comic.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھۆججەتنى نەدە ساقلىسا ئىشەنچىلىك؟ Google/Microsoft/Baidu تور دېسكىلىرى ھەققىدە
- كېيىنكى يازما > يوقىلىپ كەتكەن ئاشۇ تور بېكەتلەرنىڭ تارىختىكى سىماسىنى قايتا كۆرگۈڭىز بارمۇ؟
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
بۇ يەرنى نىمە دەيتۇق؟
ئىككىنچى قېتىم….ئاھ!!!!
قەشقەرچە پاراڭلارنى مۇشۇنداق يۇمۇر قىلىپ سىزىپ چىقسا، ئالامەت ئەسەرلەر مەيدانغا كېلەمدىكىن
ئازتۇلا كۆگەن بۇ رەسىملەرنى ، راس گەپ قىلغاندا بەك سەت سىزىلغان رەسىملەكەن ، لىكىن ما ئىپادىلىگەن مەنىسى كۈلكىلىك
قىززىق ئىتى باركەن ھە ،مەمە دەپ ،، خى خى خى
كارامەت قىزىپ كىتىپتىغۇ !!
ھېلىقى يەنە بىرسى بولىدىغان بۇ مەمەتجاننىڭ …
ئوقۇغۇچى : مەلىم چىچقىم كەپ كەتتى رۇخسەت بەرسىڭىز ؟:???:
ئوقۇتقۇچى : گەپ قىلغاندا مەدەنى گەپ قىل !:mad:
ئوقۇغۇچى : مەلىم كاسامنىڭ كۆڭلى ئېلىشىۋاتىدۇ ……….
ئۇزۇن بوپتىكەن تورخۇمارنى ئارىلىمىغىلى ، كىرىپلا مەمەگە ئۈسۈپتىمەنغۇ ،تەلىيىم با جۇمۇ مىنىڭ ئەمما ، مىنىڭچىمۇ بولغاندا قەشقەرلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىزىق پاراڭلىرى بىلەن كىرىشتۈرۈلسە ئالامەت پەچەت چىققۇدەك جۇما !!!!
ئەمەلىيەتتە بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنداق تىز تارقالمىغان، بۇنداق تىپتىكى ھەجۋى رەسىمنى تۇنجى بولۇپ deviantart دىكى Whynne ئىسىملىك رەسسام ئۆزىنىڭ deviantart بلوگىغا 2008.9.19 كۈنى يوللىغان، ئادرېس: http://whynne.deviantart.com/art/Comic-Trolls-98357844 كېيىن يەنە نۇرغۇن جەريانلاردىن كېيىن ئاندىن تېخى يېقىندا مودا بولغان …
مەن بۇ رەسىمنى جۇڭگودىن چىققان دەپ ئويلاپ يۈرۈپتىمەن تېخى…
بۇنداق رەسىملەرنى مەن ئالىي مەكتەپكە يېڭىدىن كەلگەندە مەكتەپنىڭ بىر كومپىيوتېرخانىسى بولىدىغان، شۇ يەردە windows 95 كە مەپتۇن بولۇپ يۇرۇپ، ئۇنىڭ رەسىم تاختىسىدىن پايدىلىنىپ سىزىپ يۈرەتتىم. دەل مۇشۇنداق سەت ھەم قىزىقارلىق سىزاتتىم، ئەپسۇس، ئۇچاغلاردا تور ۋە بىلوگ دىگەنلەر بىزدىن بەكمۇ يىراقتا ئىدى. شۇڭا مىنىڭ ئۇ رەسىملىرىم ھەتتا شۇ كومپىيوتېرلاردىمۇ ئارام خۇدا ساقلىنالماي، ئېچىنىشلىق ھالدا يوقاپ كەتكەن. بولمىسا مەنمۇ خېلى داڭلىق ئادەم بوپ قالاتتىمكە
Windows7 نىڭ رەسىم تاختىسى 95 نىڭكىدىن ياخشىدەك ھېس قىلىدىغانسىز؟ ھېلىھەم سىزسىڭىز دۇنياغا تونۇلمىسىڭىزمۇ تورخۇماردىكىلەر دۇئا قىلىپ قوياتتۇق كۈلگەندە
░░░█░░░░▒▒▒▒▒▒▒▒▒▒▒▒░░▀▀▄
░░░█░░░▒▒▒▒▒▒░░░░░░░░▒▒▒░░█
░░█░░░░░░▄██▀▄▄░░░░░▄▄▄░░░█
░▀▒▄▄▄▒░█▀▀▀▀▄▄█░░░██▄▄█░░░█
█▒█▒▄░▀▄▄▄▀░░░░░░░░█░░░▒▒▒▒▒█
█▒█░█▀▄▄░░░░░█▀░░░░▀▄░░▄▀▀▀▄▒█
░█▀▄░█▄░█▀▄▄░▀░▀▀░▄▄▀░░░░█░░█
░░█░░▀▄▀█▄▄░█▀▀▀▄▄▄▄▀▀█▀██░█
░░░█░░██░░▀█▄▄▄█▄▄█▄████░█
░░░░█░░░▀▀▄░█░░░█░███████░█
░░░░░▀▄░░░▀▀▄▄▄█▄█▄█▄█▄▀░░█
░░░░░░░▀▄▄░▒▒▒▒░░░░░░░░░░█
░░░░░░░░░░▀▀▄▄░▒▒▒▒▒▒▒▒▒▒░█
ھى ھى ھى…