يوقىلىپ كەتكەن ئاشۇ تور بېكەتلەرنىڭ تارىختىكى سىماسىنى قايتا كۆرگۈڭىز بارمۇ؟
ئارىمىزدا ھەممىمىزنىڭ بەلگىلىك تور يېشى بارغۇ دەيمەن؟ مەن ئۆزۈمنى ئېيتساممۇ تور يېشىم ئاللىقاچان 10 ياشتىن ئېشىپتۇ. 10 يىلنىڭ ئالدىدا ئاشۇ يېڭى تورغا چىقىشنى ئۆگەنگەن مەزگىللەردە تور بېكەتلەر بۈگۈنكى كۈندىكىدەك رەڭدار ۋە مول ئەمەس، ئۇنچە تەرەققىي قىلمىغان ئىدى. ئالاھەزەل بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئاشۇ بىزگە تورنىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلدۇرغان نۇرغۇن تور بېكەتلەر توردىن ئىزدېرەكسىز غايىپ بولدى. بەزىدە ئولتۇرۇپ شۇ تور بېكەتلەرنىڭ قىياپىتىنىڭ قانداقلىقىغىنى، شۇ ۋاقىتتا ئاشۇ تور بېكەتكە چىققان چاغدىكى ھېسسىياتىمىزنى چوقۇم ئەسلەيدىغان ۋاقىتلىرىمىز بولىدىغۇ دەيمەن؟
Wayback Machine بولسا، 1996-يىلىدىن باشلاپ پۈتكۈل ئىنتېرنېت تورىغا نىسبەتەن زاپاسلاش ئېلىپ بېرىپ ماڭغان بولۇپ، ھازىر جەمئىي 150 مىليارد دانە تور بېكەت توپلانغان. يەنى سىز Wayback Machine نىڭ تور بېكىتى(http://archive.org/web/web.php) گە كىرىپ، 1996-يىلىدىن بېرىكى خالىغان بىر تور بېكەتنىڭ مەلۇم ۋاقىتتىكى قىياپىتىنى كۆرەلەيسىز، خۇددى ۋاقىت ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ ئۆتمۈشكە قايتقاندەكلا.
Wayback Machine نى ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
تور بېكەتكە كىرىپ، Take me Back دېگەن كۇنۇپكىنىڭ يېنىدىكى تور بېكەت ئادرېسى يېزىش ئورنىغا سىز كۆرمەكچى بولغان تور بېكەتنىڭ ئادرېسىنى كىرگۈزۈپ، كۇنۇپكىنى باسسىڭىز بىر بەت ئالمىشىدۇ، ئاندىن ئاي ۋە يىل بويىچە تاللاپ ئۆتمۈشتىكى شۇ تور بېكەتنى كۆرۈشكە بولىدۇ. ئەسكەرتىش: ھەربىر كۈنلۈكنى چوقۇم كۆرەلىشىڭىز ناتايىن، چۈنكى ئەسلى ئۇچۇرمۇ كۈنلۈكنى كۈنلۈك زاپاسلاپ ماڭمىغان.
مەنزىل تونىلى: مەرھەمەت
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تور بايلىقلىرى]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئۆتمۈش، تارىخ، تور بېكەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 21,656 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى
- يازما مەنزىلى: wayback-machine.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بىر كېچىدىلا تۇيۇقسىز يەرشارىغا داڭ كەتكەن ھەجۋى رەسىم ئۇسلۇبى – مەمە(暴走漫画) ھەققىدە
- كېيىنكى يازما > تاللانغان سۈزۈك 50 پارچە كومپىيۇتېر ئۈستەل يۈزى تەگلىك رەسىمى چۈشۈرىۋىلىڭ
- مىكروسوفت چىقارغان «سۈرەتكە قاراپ يېشىنى تېپىش» تور بېكىتى، ياش يوشۇرىدىغان قىزلار ئېھتىيات قىلىڭلار
- 20 پارچە ئاز ئۇچرايدىغان تارىخى سۈرەت
- مۇزدەك بىلىملەر: نېمىشقا مائۇسنىڭ كۆرسەتكۈچ سترېلكىسى يانتۇ بولىدۇ؟
- سەرگەردان بوۋاينىڭ «ئاقسۆڭەك باي» غا ئايلىنىشى
- ئەينى يىللاردىكى كارتون فىلىملەرنىڭ قانداق ئىشلەنگەنلىكىنى بىلەمسىز؟
- پۇتبول ئويۇنلىرىنىڭ تارىخى – يېڭىسى چوقۇم كونىسىدىن ياخشى بولۇشى ناتايىن
- دۇنيادىكى مۇستەبىتلەرنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدىكى رەسىملىرى
- يەنە بىر قېتىم «غەرىبكە ساياھەت» قىلىپ باقايلى[30 يىل بۇرۇن ئىشلەنگەن «غەرپكە ساياھەت» خاتېرىسى]
- يانفۇن 40 ياشقا كىردى | يانفۇننىڭ 40 يىللىق تەرەققىياتىدىكى بىر قىسىم نەمۇنىلەرگە نەزەر
- تورخۇمار يەنە بىر قېتىم ئەسلى ئورنىدا تولۇق قان بىلەن تىرىلدى!
دىۋانۇ .. . .
بۇبەت ئېچىلمىدىغۇ.؟10-11يىلنىڭ ئالدىدا تورخانىغاكىرىپ كوچازومىگىرىنى ئويناپ ئولتاسام ۋاڭگۈۋەن تۈكۋاش mayinxamal.comنى ئىچىپ بىرىپتى چۈشۈمدەكلاتۇيغۇغا:dizzy: كەپ قاغان مەن.شۇلانى يەنە بىركۆرگۈم بار ئىدى لىكىن ئاۋۇ بەت ئچىلمدى.شۇ ۋاقىتلانى ئىسىمگەسىلىپ غەلىتە بىر قىپ قويدىڭىز مىنى
دىيارىم ، سەلكىن، سەبنەملەرنىڭ ئادىرسىنى ۋە ئۇيغۇرسوفىتنىڭ ئادىرسىنى يىزىپ بىقىڭلارچۇ قىنى ؟
ئوھ مەن بىر ئىزدەپ باقايچۇ
رولچىنى ئويۇن تورىنى كۆردۈم. كۆرۈپ مۇشۇنداق بوپ كەتتىم
http://web.archive.org/web/20080911133400/http://games.rolqi.com/
مەن تەدبىركار تورىنى كۆرۈپ باقاي
تەدبىركار كومپىيوتېرىمدا نورمال ئېچىلىۋاتىدىغۇ؟!
ۋاي توۋا … راستكەن …
توۋۋا!…تاقىلىپ كەتكەن تور بېكەتلەرنى قايتا كۆرۈۋېتىپ،تۈگەپ كەتكەن بىرەر تۇغقىنىمنى تىرىلىپ قېلىپ قايتا كۆرگەندەك بۇلۇپ قالدىم.ھەمدە مېنى ئىنتېرنېتقا جۈملىدىن كومپىيوتېرغا قىزىقتۇرغان شەبنەمنى قايتا كۆرۈپ،كۆڭلۈم يېرىم بولدى.
ئۆزۈمنىڭ ئەينى ۋاقىتىىكى تور بېتىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى.
سىزگە كۆپ رەھمەت، بۇنداق ئىسىل تىمىنى چۈشۈمدىمۇ كۆرمەستىم.
ھەي نۇرغۇن تور بىكەتلەرنىڭ ئادىرسىنى ئۇنتۇپ كىتىپتىمەن ھەي …
ۋاي توۋا.. دىيارىم مۇنبىرىنىڭ 2008-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنىنى كۆرۈۋىتىپ دىياۋيۈ ئارىلى توغرىسىدا تىما ئۇچقاپ قالدى…
تولۇق ئەمەسكەن …تىمىلا ئەسلىگە كەلمەيدىكەن … مەن تەخە بۇرۇنقى تىمىلىرىمنى قايتۇرامەنمىكى دىسەم فونتنى تور بەت تۇزىلىشى قالايمىقانكەن…ئىشقىپ بۇمۇ بىر غەلتە ئىش
مەنمۇ تارىختىكى ئۇيغۇر تور بىكەتلىرىنى سېغنىمەن.لىكىن ئەپسۇس……
ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال كۆرۈنمەيدىكەنغۇ
مەن سەلكىن تورىنى كۆرمەكچى ئىىدم كۇرەمىدىمغا
سەلكىن تورى ئېچىلدىغۇ … ئۆزۈمنىڭ بىر زامانلاردا يازغان ھەم ئۇنتۇلۇپ كەتكەن تىماممۇ باركەن … ئەجەپ بىرقىسما بوپ قالدىم دىسە …
ھەي توۋا كۆڭلۈم ئەجەپ يېرىم بولدى دىسە.. دىيارىم
ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇرچە توربەتلەر شۇنچە گۈللەنگەن ئىدى، نۇرغۇنلىرى شېركەت بۇلۇپ قۇرۇلغان تېخى….
مانا ماۋۇ توربەتنىڭ ئەھمىيىتى زوركەن.
بەزى توربەتلەرنى كۈرۈپ كوڭلۈم بەك يېرىم بولدى…
بەك ياخشى تىما ئىكەن بۇ…..
مۇنۇ تىمىنى باشقا مۇنبەرگە مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ئەينەن يۆتكىسەم بۇلامۇ..؟
مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرسىىڭىز تامامەن بولىدۇ.
بۇلا شۇنچە كۆپ تورلارنى قانداقمۇ زاپاسلاپ سىغدۇرالىغاندۇ؟ راستىنلا بولىدىكەن جۇمۇ، مەن تورخۇمارنىڭ ئۆتمۈشىنى كۈرۈپ باقتىم ھەقىقەتەن ئۆزگىرىش چوڭ.
مەن شەبنەم.سەلكىن دىگەن تور بەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتتۈم.كۆرۈپمۇ ئۆتتۈم .راسلا بولدىكەن..قانداقمۇ ساقلاپ ماڭغاندۇ بۇ تورلارنى..توۋا توۋا..
قالتىسكەن جۇمۇ! پىقىر توربەت قۇرۇپ يۈرگەن ۋاقىتلاردىكى تور ئادىرسىنى باسسام 2009يىل 6ئاينىڭ 28كۈنىدىكى ئۇچۇرلار بار ئىكەن ئەمەسمۇ؟
مەن نىمىشقا كۇرەلمەيمەن
ھازىر بۇ تور بەتنى ئاچقىلى بولمايدىكەن .