نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما مەزمۇنى

بەلكىم بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن: بىر كۈنلۈك قىسقا ئۇچۇر مىقدارى ، يەر شارى ئومۇمىي نوپۇسىدىنمۇ كۆپ!

بىرىنچى سودا قىسقا ئۇچۇرى 1992-يىلى 12-ئايدا  تارقىتىلغان .( Commercial Text message) بۇگۈنگە كەلگەندە بولسا بىر كۈنلۈك قىسقا ئۇچۇر مىقدارى، يەر شارى ئومۇمىي نوپۇسىدىنمۇ كۆپ. 50 مىليون ئەزالىق كۆلەمگە يېتىش ئۈچۈن، رادىيو 38 يىل ، تېلۋىزور 13 يىل، ئىنتېرنېت تورى تۆت يىل، iPod ئۈچ يىل،  Facebook ئىككى يىل ۋاقىت سەرىپ قىلغان.

maybe-you-do-not-know-something

بىلەمسىز؟

ئەگەر سىز جۇڭگودىكى بىر مىليون ئادەم ئىچىدىن تاللانغان تالانت ئىگىسى بولسىڭىز ، سىزنىڭ 1300 رىقابەتچىڭىز بار . جۇڭگو ئۇزۇن ئۆتمەيلا دۇنيادىكى ئېنگىلىز تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئادەملەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ قالىدۇ .

بىلەمسىز؟

ھېندىستاندىكى ئىدراك نومۇرى (IQ) يۇقۇرى بولغان %25 ئادەملەرنىڭ سانى ، ئامېرىكا ئومۇمىي نوپۇسىدىن كۆپ. ھېندىستاندىكى تالانتلىق ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى پۈتۈن ئامېرىكىدىكى بالىلاردىن كۆپ .

بىلەمسىز؟

2010-يىلى ئەڭ ئىھتىياجلىق بولغان 10 كەسىپ 2004- يىلى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى . بىز ئوقۇغۇچىلارنى ، ھازىر تېخى مەۋجۇت ئەمەس كەسىپلەرنى قىلالايدىغان ، ھازىر مەۋجۇت بولمىغان تېخنىكىدىن پايدىلىنالايدىغان ، بىز تېخى ئويلاپ يەتمىگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان قىلىپ تەربىيەلىشىمىز لازىم . ئامېرىكا ئەمگەكچىلەر ئىدارىسى (The U.S. Department of labor ) نىڭ ئىستاتىستىكا نەتىجىسىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن . ھازىرقى ئوقۇغۇچىلار 38 ياشقا كىرگەندە ، ئۇلار قىلغان خىزمەتلەرنىڭ تۈرلىرى 10 دىن 14كىچە بولىدۇ . 4/1 ئادەم ئۆزى ئىشلەۋاتقان خىزمەت ئورنىدا بىر يىل ، 2/1 ئادەم بەش يىل تۇرالمايدۇ.

بىلەمسىز؟

ئۆتكەن يىلى ئامېرىكىدىكى 8/1 يېڭىدىن توي قىلغانلار ، كومپيۇتېر تورى ئارقىلىق تونۇشقان . ئالاقە تور بېكىتى MySpace نىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان ئەزاسى 200 مىليوندىن ئاشقان . ئەگەر MySpace نى بىر دۆلەت دەپ قارىساق ، دۇنيادىكى 5- چوڭ دۆلەت بولۇپ قالىدۇ . ( ھىندونوزىيە ۋە بىرازىلىيە بىلەن تەڭداش) كەڭ بەلباغلىق تور بىلەن قاپلىنىش نىسپىتى ئەڭ يۇقۇرى دۆلەت بولسا بىرمۇدا تاقىم ئاراللىرى ، ئامېرىكا 19 – ئورۇندا ، ياپونىيە 22- ئورۇندا تۇرىدۇ .

بىلەمسىز؟

بىز ھازىر ئۇچۇر پارتىلاش دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز ، ھازىر گوگۇل (Google) نىڭ بىر ئايلىق خىزمەت مىقدارى 31 مىليارد تۈرلۈك ئۇچۇر ئىزلەش بولسا  ، 2006-يىلى  بىر ئايدا 2مىليارد 700مىليون تال ئۇچۇر ئىدى . گوگۇلدىن بۇرۇنقى دەۋىردە ، كىشىلەر بۇ مەسىلىلەرنى كىمدىن سورايتتى ؟ بىرىنچى سودا قىسقا ئۇچۇرى 1992-يىلى 12-ئايدا  تارقىتىلغان .( Commercial Text message) بۇگۈنگە كەلگەندە بولسا بىر كۈنلۈك قىسقا ئۇچۇر مىقدارى ، يەر شارى ئومۇمىي نوپۇسىدىنمۇ كۆپ . 50 مىليون ئەزالىق كۆلەمگە يېتىش ئۈچۈن ، رادىيو 38 يىل ، تېلۋىزور 13 يىل ، ئىنتېرنېت تورى تۆت يىل ، IPod ئۈچ يىل ،  Facebookئىككى يىل ۋاقىت سەرىپ قىلغان . 1984- يىلىدىكى تور ئەسىلھەسى (Internet Device)مىڭ دانە بولغان بولسا ، 1992- يىلى بىر مىليونغا يەتكەن . 2008-يىلى بۇ سان بىر مىلياردقا يەتتى . بۈگۈنكى كۈندىكى ئېنگىلىز تىلىدا 540 مىڭ سۆزلۈك بار بولۇپ ، شىكسىپىر دەۋرىدىكىدىن بەش ھەسسە كۆپ . نىيويورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ بىر ھەپتىلىك مەزمۇنى ، 18-ئەسىردىكى بىر ئادەمنىڭ ئۆمۈر بويى قوبۇل قىلغان ئۇچۇرىدىن كۆپ ئارتۇق . ھازىر دۇنيادا ھەر يىلى 40 مىليارد GB يېڭى ئۇچۇر بارلىققا كېلىدۇ . (ھازىرقى كومپىيوتىرنىڭ قاتتىق دىسكا سېغىمنى 500 GB دەپ ھېسابلىساق ، 80 مىليون دانە قاتتىق دىسكىغا توغرا كېلىدۇ ) بۇ سان ئىنسانلارنىڭ 5مىڭ يىللىق توپلانما بىلىم مىقدارىدىن كۆپ . يېڭى تېخنىكىغا ئائىت ئۇچۇرلار ھەر ئىككى يىلدا بىر قاتلىنىدۇ . بۇ 4 يىللىق تۈزۈمدىكى تەبىئى پەنلەر ئۇنۋېرسىتى ئوقۇغۇچىسىغا نىسپەتەن ، ئۇنىڭ بىرىنچى يىلدا ئۈگەنگەن بىلىمى ، ئۈچىنچى يىللىققا چىققاندا ، يېرىمى دەۋىرنىڭ ئارقىدا قالغانغا باراۋەر .  ياپونىيە NTT شىركىتى يېڭى نۇر كابىلنى مۇۋەپىقىيەتلىك سىناق قىلىدى. ھەر بىر تال ئوپتىك تالانىڭ يوللاش مىقدارى 14mb بولۇپ ، بۇ خىل نۇر كابىلنىڭ بىر سكونتلىق ئېقىم مىقدارى 2660 دانە CDپىلاستىنكىسى ياكى 210 مىلىيۇن تېلفون مىقدارىغا باراۋەر . مولچەرلىنىشچە كىينىكى 20 يىلدا بۇ ئېقىم مىقدارى ، ھەر 6 ئايدا 3 ھەسسە ئىشىش نىسپىتى بىلەن تەرەققىي قىلىدۇ . 2013 – يىلى ، ھېسابلاش ئىقتىدارى ئادەم مېڭىسىدىن ئېشىپ كەتكەن كومپىيوتىر بارلىققا كېلىدۇ . 2049-يىلىغا بارغاندا ، 1000 ئامېرىكا دوللىرىلىق ئادەتتىكى كومپىيوتىرنىڭ ئىقتىدارى ، پۇتكۈل يەر شارىدىكى ئىنسانلار مىڭە ئىقتىدارى يىغىندىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ .

بىلەمسىز؟

سىز ھازىر مۇشۇ قىسقا فىلىمنى كۆرىۋاتقان چاغدا ، ئامېرىكىدا 67 بوۋاق تۇغۇلىدۇ ، جۇڭگۇدا 274 بوۋاق ، ھېندىستاندا بولسا 395 بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ . 694 مىڭ ناخشا– مۇزىكا قانۇنسىز توردىن چۈشۈرىلىدۇ .



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئەجرىم 2012.06.27 , 17:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان تالىشىدىغانلار كۆرۈنمەيدىغۇ؟

  2. ئابلىز 2012.06.27 , 22:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما ستاستىكىنى كۆرۈپ بىر قىسمىلا بوپ قالدىم دېسە…..

  3. ساد425 2012.06.27 , 23:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ مەلۇماتلار راسمىدۇ ھە:roll::grin:

  4. دىغار 2012.06.28 , 11:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن دۆلىتىمىزدىكى 274 بوۋاق تۇغۇلۇپ بولغىچىمۇ قاراپ ئولتۇرامتىدىم دەپ، ئاۋۇ سىننى تىزلىتىپ كۆرىۋەتتىم. :mrgreen:

  5. بۆرە 2012.06.28 , 19:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بولدى، دىۋان ئەجرىمنىڭ:mrgreen:

  6. تاشچى 2012.06.28 , 23:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دوستلار ماڭا بىر ئۇيغۇرچە خەت يازىدىغان دوسكا سېستىمىسى لازىم بۇلۇپ قالدى ، يەنى ئىش دەپتىرىگە ئوخشاش خەت كىرگۈزۈپ رەسىم شەكلىگە چىقىرىپ بىرىدىغان سېستىما ، تور خۇمارنى زىيارەت قىلدىغانلار كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇ جايغىلا يوللىدىم ،باشقۇرغۇچىلار نىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈت قىلمەن !

    • تورخۇمار 2012.06.29 , 20:59

      مەن بۈگۈن تورغا چىقىپ بولالمىغاچ ئىنكاسىڭىز تەستىقلانماي تۇرۇپ قاپتۇ. گەپ سۆزدە مەدەنىيراق بولۇڭ. ياردەم سورىغۇچىدا ئازراق سەمىمىيەت بولمىسا، ياردەم بەرگۈچىگىمۇ خوش ياقمايدۇ. ئاغزىڭىزنى بۇزۇپ يازغان ئىنكاسىڭىزنى تەستىقلىمىدىم.

  7. قۇياش 2012.06.29 , 18:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    694 مىڭ ناخشا- مۇزىكا قانۇنسىز توردىن چۈشۈرىلىدۇ .
    ماۋۇ گەپ تازا چۈشمەپتۇ . قانۇنسىز تور ؟ توردىن قانۇنسىز ھالدا چۈشۈرىلىدۇ ؟:grin:

  8. 100100 2012.06.29 , 21:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    فىلىمنىڭ ئالدىدا 14سېكونتلۇق ئېلان باركەنغۇ؟بۇ ۋاقىتنى قۇشساق سانلىق سىتاتېستىكا تېخىمۇ يۇقۇرىلاپ كېتىدىغۇ دەيمەن؟!:mrgreen::razz:

  9. ئۇيغۇرباي 2012.06.30 , 17:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :roll:
    ئۇف …..
    نىمە بولۇپ كەتكەن-ھە ؟! تەرەققىيات ئويلىغىنىمدىنمۇ تېزكەنيا ئەينە !

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量