ماۋۇ نېمە دەيدۇ ئەمدى؟! 1000 يىللاردىن كېيىنكى ئىنسانلار تەرەققىي قىلىپ پۈتۈنلەي «غەلىتە مەخلۇق»قا ئايلىنىپ كېتىدۇ؟!
ئەنگلىيەلىك ئالىملار يېقىندا 1000 يىلدىن كېيىنكى ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئۆزگەرگەن «يېڭىچە قىياپىتى»گە نىسبەتەن قاراملىق بىلەن ئۆز تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ۋە كومپيۇتېر قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ كۈنسىرى ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، تۇرمۇشتىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ، ئىنسانلار تېخىمۇ ئېگىز بولغان بويغا، تېخىمۇ كىچىك بولغان مېڭىگە، تېخىمۇ چوڭ بولغان كۆزگە، تېخىمۇ ئاز بولغان چىشقا، تېخىمۇ ئۇزۇن بولغان بىلەك ۋە تېخىمۇ كۆپ قورۇقلارغا تولغان چىرايغا ئىگە بولىدۇ، 1000 يىلدىن كېيىنكى ئىنسانلار قارىماققا تېخىمۇ كېلىشكەن بولماستىن، بەلكى بارغانسىرى «غەلىتە مەخلۇق»قا ئوخشاپ قېلىشى مۇمكىن…
ئالىملارنىڭ پەرىزىنىڭ نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە:
تېرە تېخىمۇ ساڭگىلاپ كېتىدۇ: كەلگۈسىدە بەلكىم ھاۋادىكى ئوزۇن قەۋىتى يوقىلىشى، شۇ سەۋەپتىن قۇياش نۇرىنىڭ بىۋاستە چۈشىشى تەسىرىدە تېرە ساڭگىلاپ قورۇق كۆپىيىشىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى.
ئېغىز كىچىكلەيدۇ: ئەنگلىيەلىك پراففېسور كۇپېرنىڭ دېيىشىچە، كەلگۈسىدە كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ئاساسەن چىراي ئىپادىسى ۋە كۆز ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
چاچ تۈكلەر ئازىيىدۇ: مەركەزدىن ئىسسىتىش سىستېمىسى ۋە تېخنىكىلىق ئىسسىقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ بەدىنىنىڭ ئىسسىق ساقلاش ئېھتىياجى تۆۋەنلەپ بارىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن بەدەندىكى چاچ تۈكلەر تېخىمۇ ئازىيىشى، ھەتتا مەۋجۇد بولماسلىقىمۇ مۇمكىنكەن.
بۇرۇننىڭ شەكلى بىردەكلىككە يېقىنلىشىدۇ: كەلگۈسىدە ھەر بىر ئادەمنىڭ بۇرۇن شەكلى بارا-بارا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن، بۇنىڭ سەۋەبى ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە مەركەزدىن ئىسسىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇملىشىغا ئەگىشىپ، كەڭ ۋە تار بۇرۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى ھاۋارايىغا ماسلىشىش ئىقتىدارى پەرقى ئاساسەن يوقايدىكەن.
بىلەك تېخىمۇ ئۇزىرايدۇ: بىلەك ۋە بارماقلار تېخىمۇ ئۇزىرايدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق قولنى ئۇزارتىپ قىلىدىغان ئىشلار تېخىمۇ ئازىيىدۇ، بىلەكتىكى نېرۋىلار تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ، ئۇزۇن مەزگىل iPhone غا ئوخشاش زىل ئېلىكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر، قول بارماقلىرىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ھەمكارلىشىشىغا ئېھتىياجلىق بولغانلىقى ئۈچۈنكەن.
چوڭ مېڭە كىچىكلەيدۇ: بۇ بەلكىم كومپيۇتېرنىڭ كەلگۈسىدە بىزگە ياردەملىشىپ كۆپ قىسىم خاتىرە ۋە تەپەككۇر مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارىدىغانلىقى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىنكەن.
بوي ئېگىزلىكى 1.8 مېتىردىن ئاشىدۇ: ئەنگلىيەلىك سۆڭەك كېسەللىكلىرى مۇتەخخەسسىسى تېرىينىڭ دېيىشىچە، ئىنسانلار قوبۇل قىلىدىغان ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، 1000 يىلدىن كېيىنكى ئىنسانلارنىڭ بويى ئېگىزلىكى 1.82 مېتىردىن 2.13 مېتىر ئارىلىققىچە بولىدىكەن. تېرىي دوختۇرنىڭ دېيىشىچە: ھازىرقى ئامېرىكلىقلارنىڭ بويى ئاللىقاچان 1960-يىلىدىكى ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكىدىن 2.54 سانتىمېتىر ئۆسكەن، شۇڭا كەلگۈسىدە ئىنسانلارنىڭ بويى يەنىلا ئۆسۈشى مۇمكىنكەن.
ناۋادا ئىنسانلار كەلگۈسىدە راستىنلار ئۈستىدىكى ئالىملارنىڭ پەرىزىدىكىدەك تەرەققىي قىلسا، ئۇنداقتا ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق بولغۇك، ناۋادا راستىنلا تەرەققىي قىلىش توغرا كەلسە، مەنچە تۆۋەندىكىدەك تەرەققىي قىلسا سەل ياخشىراق بولارمىكىن دەپ قالدىم…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئىنسانىيەت، تەرەققىيات، تۇرمۇش، كەلگۈسى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 7,529 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
- يازما مەنزىلى: millennium-human-appearance.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Google نىڭ ئىشخانا مۇھىتىنى كۆرۈپ باققىنىڭىزغۇ راستۇ، لېكىن سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى كۆرۈپ باققان دىسىڭىز ئىشەنمەيمەن
- كېيىنكى يازما > بۇ تۈلكىنىڭ قانداق قىلىپ بىر دانە ئەپكە ئالدانغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ، قىززىق ئىشلار جىق دېسە…
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- بالدۇر بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان 10 ھېكمەت
- رېئاللىق ھەمىشە رەھىمسىز كېلىدۇ | كىنو ۋە رېئال تۇرمۇشتىكى پەرق(2)
دىۋانغۇ ئەمەستۇ بۇ
تەدىرىجى تەرققىياتقا ئىشىندىكەنسىز ھە؟……………..
ئاۋۇ تەدرىجى ئۆزگىرىش دىگەندىكى China نىڭ يامان قىززىقتى ……
1000 يىلغا بارالامدىن دىمەيدۇ دىسە . جاھاندا نىمە ئىش بولىۋاتىدۇ دىمەيدىغان خەقكەن بۇ . لىكىن مۇشۇندا دەپ ئۆزىنىڭ رولىنى كۆرسىتىشىمۇ ئورۇنلۇق . بولمىسا ھورۇنلۇق
يىللار ئۆتكەنسىرى ،تەرەققىيات تىزلىشىپ ئادەملەرنىڭ نەسلى ئۆزگىرىشكە باشلايدىكەن،
نورماللىقتىن زىرىكىپ بىنورماللىقنى غەلىتىلىكنى ياقتۇردىغان بولدىكەن ،
ھايات بولساق كۆرەمىز،ئۆلسەك روھىمىز.
قۇرۇە سەپ سەتە بۇلا
كوكاكولا دەكلا تېشىپ كىتىپسېزغۇ