بۇ تۈلكىنىڭ قانداق قىلىپ بىر دانە ئەپكە ئالدانغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ، قىززىق ئىشلار جىق دېسە…
نورۋېگىيەدىكى 16 ياشلىق ئىككى كەپسىز بالا ئاخشىمىسى ئوينىغىلى چىقىپ تۇيۇقسىز بىر تۈلكىگە ئۇچراپ قاپتۇ، جاھاندىكى باشقا ئىچى پۇشۇپ كەتكەن بالىلارغا ئوخشاش، ئۇلارمۇ ئازراق بىر ئىش قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن يانفونىنى چىقىرىپ، ياۋا توشقاننىڭ جان تالىشىۋاتقان ئاۋازىنى دورايدىغان بىر ئەپنى قوزغىتىپ يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا تاشلاپ قويۇپتۇ…
كەينىدىن تۈلكە بۇ ئاۋازغا قىزىقىپ ئالدىرىماي تېلىفونغا يېقىنلاشىپتۇ، ئاندىن ئالدىرىماي تېلىفوننى قۇچاقلىغان پېتى بەخىرامان ئۆيىگە قايىپتۇ، ئىككى بالا بولسا ھاڭۋاققان پېتى iPhone نى كۆتۈرۈپ ماڭغان تۈلكىگە قاراپ تۇرۇپ قاپتۇ.
ئىش شۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمەپتۇ. قارىماققا تۈلكە ئۆزىنىڭ بۇ يېڭى ئويۇنچۇقىغا خېلىلا قىززىقىپ قالغان ئوخشايدىكەن، ئىككىيلەن تېلىفوننى قايتۇرىۋېلىش مەقسىدىدە ئۆزىنىڭ نومۇرىغا تېلىفون قىپتۇ، ئويلىمىغان يەردىن بۇ تۈلكە تېلىفوننى ئاپتۇ ھەم يېرىم كۈنگىچە گەپ قىلماي جىملا تۇرۇپتۇ(قۇرۇق گەپ، تۈلكە گەپ قىلالىغان تەقدىردىمۇ گېپىنى كىم چۈشىنىدۇ؟!)
بىراق بالىلار بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماپتۇ، توختىماي ھەپىلىشىش نەتىجىسىدە، بالىلار ئاخىرى تۈلكىدىن بىر پارچە قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرىۋاپتۇ، بۇ ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچىكەن:
ناۋادا نورۋېگىيە تىلى ياكى تۈلكە تىلىنى بىلىدىغانلار بولسا بىز بىلەن جىددى ئالاقىلىشىڭلار، بولمىسا بىز بۇ تۈلكىنى بىلجىرلاۋېتىپتۇ دەپ چۈشىنىمىز.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: iPhone، ئەپ، قىزىقارلىق، ھايۋانات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 7,968 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: fox-get-duped.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ماۋۇ نېمە دەيدۇ ئەمدى؟! 1000 يىللاردىن كېيىنكى ئىنسانلار تەرەققىي قىلىپ پۈتۈنلەي «غەلىتە مەخلۇق»قا ئايلىنىپ كېتىدۇ؟!
- كېيىنكى يازما > سكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىدىكى كاتتا تۈرمىلەر! بۇنداق تۈرمىدە ياتقان جىنايەتچىلەرنى تورغا چىقىپ CS ئاتىدۇ دەيدۇ!!!
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
ساختىپەز دەپ تەرىپلىنىدىغان تۈلكە ئاخىرى ئالدىنىپتۇ دە .
«شەيتاننى ئۇسۇلغا سالىدىغان » ئادەملەرگە كۆرە بۇ «تۈلكىنى ئالداش» ھېچقانچە گەپ ئەمەستۇ؟
تۈلكىنىڭ تەخەللۇسى ھىيلىگەر . ئۇنى ئالدىغان بىلەن يالغاندىن ئاندا ماندا قارىغان بولاپ ھەقىقى ماھىيىتى بىر تىلفۇنلۇق بولاپ قاپتۇ مانا .
بىرخىل يۇمشاق ،ئەسلىدە دىۋانكەن ئەمەسمۇ
ۋوي 4 دىۋان بوپ قاپلا 4 دىۋاندا مېخ باكەنتۇق
1 – دىۋاندىكىمۇ مەنتىم قايلىسىلا
ئا تۈلكىنىڭ گېپىنى چۈشەندىم مەن. چوقۇم: ھەي سولتەكلەر! تېلىفوننىڭ توكى قالمىدى، تېز توكلاتقۇنى ئەكەپ بېرىش! دەۋاتقاندەك قىلىدۇ
ئاۋۇ خەتكە قارىسام بىرەر يەرنىڭ ئادرېسىدەك قىلامدۇ نېمە ؟
نوچىكەن
ئاۋۇ خەتنى گوگۇلغا تەرجىمە قىلدۇرسام،‹ ئەمدى خام خىيال سۈرۈشمە، ئايفوننى بىز تۈلكىلەرنى ئىشلىتەلمەيدۇ دەپ قېلىشقانمىتىڭ› دەپ تەرجىمە قىلىپ بەردى، تۈلكىلەرمۇ مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويۇپتۇ ھە
مىنىڭ بىر نورۋىگىيەلىك دوستۇم بار ئىدى، تۈلكىنىڭ ئۇچۇرىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىكەن: «ئاڭلىسام ئايفوندا تورخۇمارغا چىقسا بەك پەيزى چىقىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېۋە چانايدىغان ئويۇنلا ھەقسىزكەن، نەچچە كۈن ئوينىۋېلىپ ئەسلىدىكى جايىغا ئاپىرىپ قويىمەن»
ھەي، مىنىڭ تورخۇمارلىق دەرىجەم سەل تۆۋەنمۇ قانداق ئىشقىلىپ گەپ توقۇشقا تازا ئۇستا ئەمەسكەنمەن…
34348 دەپ تۇرمامدۇ باللا
قارامكەنغۇ بۇ تۈلكە
قىززىق ئىنكاسلا كۇلىۋېرىپ قورسۇقۇمغا ئاغىرىق كىكەتتى