سكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىدىكى كاتتا تۈرمىلەر! بۇنداق تۈرمىدە ياتقان جىنايەتچىلەرنى تورغا چىقىپ CS ئاتىدۇ دەيدۇ!!!
تۈرمە تىلغا ئېلىنسا، كىشىنىڭ كۆز ئالدىغا ئادەمنى سۈر باسىدىغان، ئېگىز تاملار بىلەن قورشاۋلانغان بىر جاي كېلىدۇ. ئالدىنقى قېتىم گوللاندىيەدىكى ھەشەمەتلىك تۈرمە توغرىسىدا تورداشلارغا مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق، بۈگۈن يەنە شۇنداق بىر قىسىم ھەشەمەتلىك تۈرمىلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
نورۋېگىيەدىكى Fengsel تۈرمىسى، جەمئىي 252 ئادەم پاتىدىغان بولۇپ، 252 مىليون خىراجەت بىلەن 10 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ سېلىنغان. تۈرمىنىڭ دەرىزىلىرىگە تۆمۈر رىشاتكا ئورنىتىلمىغان. تۈرمىدىكى مەھبۇسلار بۇ جايدا نۇرغۇن قىممەتلىك كىتاب ۋە ژۇرناللارنى ئوقۇيالايدۇ، DVD ۋە CD پلاستىنكىنلىرىدىن ھوزۇرلىنالايدۇ. ھەر بىر ياتاققا نېپىز ئېكرانلىق تېلىۋېزور ۋە مۇنچا سەپلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا تۈرمىدە ئومۇمىي قىممىتى 1 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان سەنئەت بۇيۇملىرى مەھبۇسلارنىڭ ھوزۇرلىنىشى ئۈچۈن تىزىپ قويۇلغان.
ئومۇمىي كۆلىمى 300 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدىغان تۈرمىدە، مەھبۇسلار بىناسىنىڭ سىرتىغا لىققىدە يېشىل ئورمان بەرپا قىلىنغان، بۇمۇ ئەلۋەتتە ئەتراپتىكى ئېگىز قورشاۋ تاملارنىڭ جىنايەتچىلەرگە ئېلىپ كەلگەن روھىي بېسىمىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن قىلىنغان خىزمەتلەرنىڭ بىرى.
Varg Vikernes بۇ تۈرمىدىكى ئىشخانىسىنى قەۋەتلا ياقتۇرىدۇ. Varg بولسا بىر مۇزىكانت. ئۇنىڭ جىنايىتى بولسا، بىر مۇزىكا ئەترىتى خادىمىنى پىچاق بىلەن ئۆلتۈرگەن، نورۋېگىيەدىكى ئەڭ قەدىمى چېركاۋغا ئوت قويغان ھەمدە 150 كلوگرام كېلىدىغان پارتلاتقۇچ بىلەن سولچىل ھاكىمىيەتچىلەرنىڭ زېمىنىنى كۇكۇم تالقان قىلماقچى بولغان. شۇ قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن 21 يىل كېسىلگەن بولۇپ، نورۋېگىيە تارىخىدا جازا مۇدىتى ئەڭ ئۇزۇن مەھبۇسنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، جازا مۇددىتى ئۆتەپ 16 يىلدىن كېيىن كېپىلگە قويۇپ بېرىلىشكە بولىدۇ.
شېۋىتسىيە Kolmarden تۈرمىسى، بۇ تۈرمىدە زوراۋانلىق قىلمىغان جىنايەتچىلەر كۈندۈزى ئۆز مەيلىچە تۈرمىدىن ئايرىلسا بولىدۇ، پەقەت ئاخشىمىلا ئۆزىنىڭ كامېرىغا قاماپ قويۇلىدۇ. شېۋىتسىيەنىڭ جازا تۈزۈلمىسىنىڭ خەلقئارادا نامى بار، ئىلگىرى خېلى داڭلىق جىنايەتچىلەر يۆتكىلىش ئىلتىماسى سۇنغان بولسىمۇ بىراق رەت قىلىنغان.
Fengsel تۈرمىسىدىكى ئاممىۋى ئاشخانىلارنىڭ بىر قىسىمى.
نورۋېگىيە Bastoy ئارىلى تۈرمىسىدىكى ياغاچ ئۆيلەر، بۇ ئارال 120 نەپەر مەھبۇسقا سۇ ئۈزۈش، بېلىق تۇتۇش، ۋېلىسپىت مىنىش، ئۇۋلىتىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلىيەلەيدۇ. تۈرمە قۇرۇلۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە بۇ تۈر نۇرغۇن تالاش-تارتىشقا سەۋەپ بولغان، بىراق ئاخىرىدا ئەمەلىيەت بۇنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ياخشىلىقىنى ئىسپاتلىغان، Bastoy ئارىلىدا جازا مۇددىتى ئۆتىگەن مەھبۇسلارنىڭ قايتا جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى پۈتۈن ياۋروپا بويىچە ئەڭ تۆۋەن، پەقەت %16. پۈتۈن نورۋېگىيەدىكى ئوتتۇرىچە قايتا جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى %20، ئامېرىكىنىڭ بولسا %67.5 كە بارىدۇ.
Fengsel تۈرمىسىنى پەخىرلەندۈرىدىغان بىر يۈرۈش ئاۋاز ئېلىش ئۈسكۈنىلىرى تولۇق سەپلەنگەن ئاۋاز ئېلىش ئۆيى، مەھبۇسلاردىن تەشكىللەنگەن مۇزىكا ئەترىتى مەشىق قىلماقتا.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرالغۇ، جىنايەت، قانۇن، مېھمانساراي
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 01-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: some-senior-prison.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بۇ تۈلكىنىڭ قانداق قىلىپ بىر دانە ئەپكە ئالدانغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ، قىززىق ئىشلار جىق دېسە…
- كېيىنكى يازما > يېڭى يىلدىكى يەنە بىر خۇشخەۋەر: Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقماقچى!
- كىچىك ساۋات – يامغۇر ياغقاندا ئاستا ماڭغاندا بەك ھۆل بولامدۇ ياكى يۈگۈرۈپ ماڭغاندىمۇ؟
- يامغۇرلۇق بىر كۈنى بىر موماي تاللا بازىرىغا كىرىپتۇ ۋە بىر نەرسە ئېلىپ يولىغا راۋان بوپتۇ، ئەمما …..
- «ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق شەھەرچىسى»دىن تۇغۇلغان ئويلار…
- بىر چىرىك ئەمەلدارنىڭ كەيىپلىكتىن ئازغان سۆزلىرى
- ئىبلىسلار ئارىلى(Alcatraz)دىكى تۈرمە مېھمانخانىسى سىزگە ھەقىقى تۈرمە تۇرمۇشىنى ھېس قىلدۇرۇشى مۇمكىن
- بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولسا كېرەك يوق، بىراق چوقۇم «كۆپ خوتۇنلۇق بېجى» تۆلىشى كېرەك
- مالايسىيادا تاماقخانىلاردا چوقۇم Wi-Fi شارائىتى بولۇشى شەرت ئىكەن، بولمىسا تۈرمىگە چۈشىسىزكەن!!!
- تاللا بازىرىدىكى ئاشۇ چىرايلىق ئوراپ قاچىلانغان يېمەكلىك سۇ مېيىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش جەريانى!
- ئىجادىي كارتون فىلىم cake – ماددى جەمئىيەتتىكى نەپسانىيەتچىلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان ھالاكەت!
- گوللاندىيەنىڭ كىرسىڭىز چىققۇڭىز كەلمەيدىغان ھەشىمەتلىك تۈرمىسى، بۇنداق تۈرمىدە ياتىدىغانغا كىم ياق دەيدۇ؟!
كىشىلىك قەدىر-قىممەتنىڭ نېمىلىكىنى ھەقىقى ھېس قىلدۇردىكەن. جۇڭگودا بولسا ….
بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدەك كۈتىدىكەنغۇ…
جۇڭگودا بۇنداق تۇرمە بولسا سىزدىن ئاشمامدىكىن دەيمانا چاقچاق
جوڭگۇدا بۇنداق تۈرمە بولسا باينىڭ بالىلىرى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قالسا پارا بىرىپ ئەكىرىپ قۇيا
ئىنسانلىقنى تەشەببۇس قىلدىكەن بۇ يەردە..
مەنمۇ بېرىپ بىرەر ئىككى ئاي يېتىپ كىلەيمىكى
جوڭگودا بۇنداق تۈرمە بوپ قالسا، ئۇنىڭدا ياتقانلارنىڭ قايتا – قايتا – قايتا جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى 100% كە يېتىشى چوقۇم!!!
ما پىكىرگە قوشۇلىمەن، خۇدايىم ساقلىسۇن جۇما گۇناھ قىلىشتىن.
ما پىكىرگە قوشۇلىمەن .
جۇڭگودا تۈرمە دېسە كاللامغا قارا دەرۋازا ، قىزىل تاملىق يىراقتىن ئىتلارنىڭ ھاۋىشىپ تۇرغان ئاۋازى ئاڭلىنىدىغان سۈرلۈك جاي خىيالىمدىن كېچىدۇ …
ئەسلامۇ ئەلەيكۇم !تمىغا مۇناسىۋەتسىز سوئالدىن بىرنى سوراي. يۇتوبى بىزنىڭ دىيارىمىزدا ئىچىلمامدۇ ياكى مەن ئاچالمايۋاتامدىمەن؟
بىزنىڭ دىيارىمىزدا چەكلەگلىك تام ئاتلاپ زىيارەت قىلدىغان دىتاللانى ئىشلەتسىڭز بولدۇ
ئاشۇنداق دىتاللار بولسا دەپ بىرىڭا………. ئەلۋەتتە سىز خالىسىڭىز QQ1152795857
چەكلەنگەن توربەتلەرنى زىيارەت قىلىپ چاتاق چىقىرىپ قويسىڭىز سىزنى بۇنداق ئوبدان تۈرمىگە يوق ماقما
ماۋۇ قىزىق ئىش ئىكەن جىنايەتچىلەر بۇنداق جازا ئۆتىسە بۇ دۆلەتلەردىكى جىنايەتچىلەر نىمە ئۈچۈن كۆپىيىپ كەتمەيدۇ ، چۈنكى جىنايەت ئۆتكۈزۈش پەخىرلىنىدىغان ئىش ئەمەس ، ئاچنىڭ دەردىنى توق بىلمەپتۇ دىگەندەك ھۆر ئادەم بىلەن مەھبۇس ئوخشىمايدۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۈڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈم ياخشى ئېيىق بولسىمۇ ئېرىم ياخشى دىگەن گەپ بىكار ئېيتىلمىغان قەپەز ئىچىدىكى قۇش مەڭگۈ سىرىتقا تەلپۈنىدۇ دىگەن گەپ بار
ھەي、لىكىن نىمە دىگەن بىلەن تۈرمەدە!
بۇ تۈرمىمۇ ياكى ساياھەت ئورنىمۇ؟؟؟
بۇ جايدا راستىلا ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتى باركەن.
بۇندا تۇرمىنى بىرە مىڭيىل دىمۇ ما دولەتكە كىرىشى ناتايىن
توۋا
مەن بىر ئىشنى سورىسام. بۇ تورغا ئەزا بولمىسىمۇ ئنكاس يازغىلى بۇلامدۇ؟؟؟؟ ئەگەر ئۇنداق بولسا باش سۇرەتنى قانداق چېقىرمىز. ؟؟؟!!!
بوپ قويىدىغان تۈرمىكەن ئالدىنقى قېتىم ئەۋەتكەن ھەشەمەتلىك تۈرمىلەردىن ياخشىكەن ئىشقىلىپ …