ھورۇنلارنىڭ ئۇيقۇسىنى ئاچىدىغان ۋەھشەت قىلىقلار | ئەتراپىڭىزدا مۇشۇنداق چاقچاق كۆتۈرىدىغانلار بارمۇ؟
ئۇزۇن ئۇزۇن قىش ئاخشىمى ئىسسىق يوتقاندىن ئېسىل نەرسە بولمىسا كېرەك؟ شۇنداقلا، بەزى ئۇيقۇخۇمار دوستلار ئۈچۈن نەچچە مىنۇتلۇق ئۇيقۇ بەلكىم ئۇنى سوغۇقتا ساقلاۋاتقان قىز دوستىدىن مۇھىم بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندىكىسى شۇنداق ھورۇن كىشىلەرنى ئويغىتىش جەريانىدىكى كۆرۈنۈشلەر بولۇپ، پەقەت كۆرۈپ ھوزۇرلىنىپ قويسىڭىز بولىدۇ، ئەمما دوراپ سالماڭ، پەقەت ئەتراپىڭىزدا مۇشۇنداق چاقچاقنى كۆتۈرىدىغان دوستلىرىڭىز بولمىسىلا…
ھورۇنلارنى ئويغىتىدىغان ۋەھشەت ماھارەتلەر:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، سىن، قىزىقارلىق، ھەزىللەش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 03-ئاينىڭ 13-كۈنى
- يازما مەنزىلى: so-lazy-to-get-up.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بىز كۆرگەن ئوسكار ساھىبى «Life of Pi» دىكى كۆرۈشكە نىسىپ بولمىغان بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر ھەققىدە
- كېيىنكى يازما > جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە «تۆمۈر پالۋان3» | ئوخشاش بىر كىنو ئوخشىمىغان ئىككى خىل نەشىر
- بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەرنى بومباردىمان قىلىدىغان ئاشۇ كىچىك پارچىلەر 3
- قانچىلىك ئالدىراش بولسىڭىزمۇ، بالدۇرراق ئۇخلاڭ
- 拳皇 2011 ھەقىقى ئادەم نۇسخىسى – چەتئەللىك COS چىلارنىڭ قىلىقىنى كۆرۈڭ، سەت مازكەن
- «يەرشارى فىلىم ئېكىسكۇرسىيىسى 2013» – توردىكى ئۇنۋېرسال كۆرۈنۈشلەرنىڭ كىرىشتۈرۈلمىسى، قالتىس چىقىپتۇ
- بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەرنى بومباردىمان قىلىدىغان ئاشۇ كىچىك پارچىلەر 2
- ياپونلارمۇ خېلى ئىجادكار خەلق، ياپونىيەدە ئىجاد قىلىنغان يەر ئاستى ئاپتوماتىك ۋېلىسپىت توختىتىش قۇرۇلمىسى
- بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەرنى بومباردىمان قىلىدىغان ئاشۇ كىچىك پارچىلەر
- كىنو-فىلىملەردىكى قايسى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ تويۇپ قالدىڭىز؟
- يانفونغا بېرىلىپ كېتىش ھەقىقەتەن ياخشى ئىش ئەمەس، ئەمما…ناۋادا دۇنيادا يانفون مەۋجۇد بولمىسا ئەھۋال قانداق بولار؟
- 21-ئەسىرگە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز! بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى يانفوندىن بېشىنى كۆتۈرمەيدۇ
مانا دىۋان دىگەن .ئاۋال ئولتىرىۋالاي ھە…
ھاياتىڭىزنى قەدىرلەپ دىۋاندىن يىراق تۇرۇڭ ، بوممىسا مەندەك ئاز مۇس سۆزلەيدىغان دەلتۈش بوپقالىسىز ھې ھې …دىۋانخورلار سېپىدىن شەرەپ بىلەن چىكىندىم ، قېنى ئولتۇرامسىلە ژۇملامسىلە دىۋانغا مەرخەمەت
ماڭىغۇ مەيلى ، ئابومجانغىلا ئوۋال بولىۋېتىپتۇ قايلىسلا ، بۈگۈندىن باشلاپ ئابومجاندىن باشقىسىنىڭ دىۋانغا بۇرۇن چىقىۋېلىشنى چەكلەيمىز ! ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى .
ئايشەم چىكىت كوم ئەدەمنى ماندا تەسىرلەندۈرۋەتمەڭلا يې باللا ، تورخۇماردا ئىسىل باللا خېلى با جۇما ، كاللامدىن ئۆتتى ئەمدى نە بوسا ئولتۇرىۋىرىمە ئەپ قويمىساڭلىمۇ بۇلىدا ئەمدى ، مەن كەگىچە دىۋان سۇۋۇپ قاممىسۇن بىكا
قېنى ئابومجان يوققۇ ھەجەپ…..
ھەي مۇشۇ دىۋاننىڭ گىپىنى قىممىڭا بولدى ، نەچچە كۈننىڭ ياقى تۇلا دىۋان ئويلاپ، ئاشخانىغا كىرىپ تاماق بۇيرۇتۇپ قۇيۇپمۇ دىۋان ماراپ ئولتاغان ، بىر چاغلادا قالىسام تاماقلاغا مۇز تۇتۇپ قېلىۋاتقان ، ئامال يوق لەغمەنلەنىمۇ بىڭگۇر دەك غاجاپ يەپ نىمە كۈن بۇ ماڭا ياش تۇرۇپ ، يەنىلا شۈكرى قانائەت قىلىپ ئۇچراپ قاسا ئولتۇرۇپ قۇيامە ، بوممىسا پەگا بۇلامدۇ كىگىزمۇ ئولتۇرىۋىرەي …
ۋوي باللا بامۇيا………………….
ئابومجان ئەڭ ئاخىردا كېلەمدى، ئالدىنقى تىمىدا دېۋانغا ئۈلگۈرۈلمەي سەل كۆڭلى يېرىمتى.. ئەمما زە، ما تېمىنى بۇرۇنراق كۆرسە بولاتتى ئۇ. كۆڭلى تازا ئېچىلىپ قالاتتى…
ۋوي رەخمەت رىستە ئاداش ، ئاچچىغىمدا قايتا قايتا بىژ قېتىم كۈرۈۋىتىپتىمە تازا … ھەي ، تورخۇماردا يۈرۈۋەرگەچكىمۇ ، مۇشۇ باللانىڭ ئىسمىنى ، بېشىنى كۆسەم بىر يېقىن دوستلىرىمنى كۆرگەندەك بوپقالىدىكەنمە ، يەنىلا مۇشۇ سورۇننى ھازىرلاپ بەرگەن ھەم نادىر تىمىلار بىلەن بىزنى ئاجايىپ غارايىپلاردىن دەل ۋاقتىدا ۋاقىپلاندۇرۇپ تۇرغان تەدبىركار غا ھەم ۋىروس قاتارلىق يازغۇچىللىرىمىزغا ئالاھىدە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمە……
دىۋانما ماۋۇ …………
سىزنىڭمۇ قىلتاققا چۈشكىنىڭىزگە مەرەك بوسۇن ، سىز كەلگەندە ئەدەم يوقتى شۇنداما؟ كۆزىڭىزنى ماندا بى چىمبوك قىببوغىچە ئالتە ئەدەمنىڭ ئىنكاسى ماجاندەك تىزىلىپ بوپتىما ؟ ھىم ، شۇنداق قىلىپ سىزمۇ تورخۇمارنىڭ تەستىقى شەيتانىنىڭ قۇربانى بوپسىز …
ھاھ ئۇزاق بوپتىكەن مۇنداق كۈلۈپ باقمىغىلى! چارچىغان نىرۋېلىرىم تىنىچلىنىپ قالدى. ھىى…ھى…
ما بىزنىڭ ياتاقتىمۇ دېۋىدەك ئۇخلايدىغان بالىلار بار، مۇشۇندا ئۇسۇل بىلەن ئويغاتسام بولغۇدەك كېيىن…
ھەي نىمانداق ساراڭ خەق بۇ كاللىسنى چۇكلەۋاتقان شامالدۇرغۇچقا تۇتىۋاتىدۇيا
بەك غەلىتە خەقكەن بۇ … تاتلىق ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتقان ئۇ بىچچارىلەر ھېلىمۇ ياخشى چاقچاق كۆتۈردىكەن بولمىسا ….
ئوھ ھېھ ھېھ قوڭغۇراقلىق سائەتنىڭ جىرىڭدىشىغىمۇ ئويغانمايدىغانلارغا ياخشى ئامالكەن ئاۋۇ… بېسىۋېتىپ ئۇخلايدىغان يېرىگە قاپقان قويۇپ قويۇپ….
مەن قوڭغۇراقلىق سائەتتىن بىرنى ،يەنە ئىككى دانە تېلىفۇنۇمغا 3دىن قوڭغۇراق نى توغرىلاپ قۇيۇپ ياتىمەن. يەنە بەزىدە بەك ئۇخلاپ كتەمدىم ،قوڭغىراق جىرىڭلىمىدىمۇ يا ،يا مەن سەزمىدىممۇ ،ئىشقىلىپ ئۇخلاپ ئۆتۇپلا كىتىدىغان ئىشمۇبا…..
3مىنۇت 15 سىكىنوتلىق يېرى بەك مەزكەن.
ھا.. ھا… ھا… نېمانداق قىززىق
ھا…ھا…ھا… نېمانداق قىززىق….
مىنى بىرەركىم شۇنداق ئويغاتسا نىمىمۇ بۇپكىتەرمەن….
ھەر بىر كۆرنۈشنىڭ ئاخىرى يوقكەن ،چاقچاق كۆتۈردۇمۇ ئۇققىلى بولمايدىكەم تېخى سوتقا چۇشتىمۇ ئۇلا
ماڭا ئاشتا چاقچاق قىلسا ئالدى بىلەن قىلىدىغان ئىشىم ئۆيدىن چەيدو ياكى پالتا ئىزدەيتىم.
تاپانچا پىلىموت دەڭە….. ماڭا ئىشقىلىپ بۇ چاقچاقنى قىلغان ئادەمنىڭ ئەجىلى توشقان بولىدۇ
ئۇخلاۋاتقان دوستۇمنىڭ پۇتىغا سەرەڭگە قىستۇرۇپ ئوت ياققان ۋاقىتلىرىم يادىمغا كېلىپ قالدى …..
كاللىڭىز سەت ئىشلەپ قۇياپتا ، ئاخىرى قاندا بوغان ؟ بەك سىنىغۇم كىلىۋاتىدا
ۋايجان نەچچە ھەپتە ھەپلىشىپ ئاران تەستە ئورۇنلاشتۇرالىدىم ماۋۇ باش سۈرەت دىگەن نەسىنى
باش سۈرەت توغۇرلايمە دەپ تارتمىغان جاپا ، سورىمىغان ياردەممۇ قامىدى . ئاخىرى ئوز كۈچۈمگە تاينىپ ………………
بولدىمۇ ياقمۇ تىخى ئەمدى كۆرىمە
نىمىش بولغىنى بۇ
پونى راسا ئاتسام يەنە توغۇرلانماپتىغۇ ؟؟؟؟
ھازىر قارىسام باش سورىتىڭىز چىقىپ تىكەن بىردەم دە يۇقۇتۇپ قۇيۇپسىز غۇ
ئەڭ بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك چارە بېشىغا سوغۇق سۇ قۇيۇش ئىكەن …
قالىسام پات ئارىدا تىما يوللانمايدىغان چېغى ،
خۇماداشلار شۇ بانادا ئازراق تۇنۇشىۋالامدۇق .
مەسلەن:
سىلە تۇنجى قېتىم تورخۇمارنى قانداق بىلگەن؟
خۇمار بولغىلى قانچىلىك بولدى ؟ ھازىر تۇرۇۋاتقان جايىڭلار قەيەر دىگەندەك ، بۇلامدا يا ؟
مەندىن باشلاي، ماڭا دوستۇم تۇنۇشتۇرغان ، خوما بوغىنى تۆت يىلدىن ئاشتىغۇ دەيمە ، يۇرتۇم قەشقەر، ھازىر تىيەنجىندا ئۇقۇيتمە
قېنى دەپ بېقىڭلا باللا ، ئازراق تۇنۇشۇپ قۇيلى
مەن نەچچە كۇن بولدى بىكا بوپ قالدىم شۇڭا مەن مۇ يىزىپ قۇياي لىكىن ئىسىمنى يۇرتىنى ئاشكارلاش ئانچە ئاقىلەنە ئەمەس مەن تورخۇمار قۇرۇلغاندىن تارتىپ كۇندە يوقلاپ تۇرىمەن تامام
ماڭا خۇما بوغىلى 2 ئايچە بولدى
لىكىن خۇما بوغاندىمۇ ئاجايىپ خۇما بوپ قالدىم .
كۈندە نىمى يىڭىلىق لا بادۇ دەپ كىرىمە … كۈندە چۈشۈمدە دىۋان بوپقالىمە
كۇسەن ، يۇرتۇمنى دىيىش ئاقىلانىلىك ئەمەس دەپ ئەجەپ بى قىپ قويدىڭزى مىنى ، خۇددى ھىللا FBI نىڭ ئەدەملىرى مىنى تۇتۇپ كىتىدىغان بوپقالدىم ، دىيىشنى خالىمىغانلا دىمىسەڭلىمۇ بۇلىدا جىما .
كۇسەن ، سىز كۇچاردىن ئوخشىمامسىز ، ئىسمىڭىزدىنلا چىقىپ تۇرىدا
ئاچقۇچنى ئىشىك تۈۋىگە كۆمۈپ قويمىدىم دىگەندەك گەپ بوپتۇ ماۋۇ….. ھې ھې ھې …..
مەن 2010 نىڭ ئاخىرىدا بىلگەن بۇ تورخۇمار دىگەننى (شىنجاڭ كومپىيۇتېر ھەۋەسكارلار ) توربېتىدىن . ئاساسەن كۆرمىگەن تىمام يوق دىيەرلىك ئىكەن . ئىنكاس يېزىشنى 2013 دىن باشلاپ ئۆگەندىم
ماڭا بىر يىلچە بولاي دېدى… ئىلگىرى ماراپ قويۇپ چىقىپ كېتەتتىم… يېقىننىڭياقى تورخۇمارنىڭ پاراڭلىرىغا سەل خۇمار بوپ قېپ ، ماراش بىلەنلا بولدى قىمماي ، تورخۇمارداشلارنىڭ‹‹ دىۋان ››پارىڭىغا مەنمۇ 2 شىڭگىل گەپ قىستۇرۇپ قويىدىغان بولدۇم…. سەۋىيە ئانچە مۇنچە ئۆسكەن چېغى
شۇنداق قىلىپ ئۈشبۇ ئىنكاسمۇ يېزىلىپ بولدى…
ئىلگىرى ‹ تورخۇمار › يوق ۋاقىتتا تەدبىركار غا كىرەتتۇق. ‹ تەدبىركار › يوق ۋاقىتتا ‹ ئېلتەبىر › گە كىرەتتۇق . جەمەت سۈرۈشتە قىلساق تورخۇمارنىڭ بوۋىسى بىلەنمۇ قەدىناس چىقىپ قالىمىزكەن !
دەششەتكەنغۇ كۈرۈپ بىر ئۇزۇن كۈلۈپتىمە ، ئەمدى سىنىپتا ئۇخلىغانلارنى مۇشۇنداق ئويغاتمىسام
ھى ھى بەك كۈلكىلىككەن، كۈلۈپ تېلىقىپ قالايلا دىدىم جۇمۇ……….
ۋوھاھاھاھاھاھاھاھا………
دەششەتقۇ……..
kvsan ogli bak kan , yurtwazlik kilmayli dap ismini kvsan dawptu . nimdigan isil hislat ha u 1