يەنە 13 يۈرۈش ئالاھېدە لاھىيەلەنگەن مەھسۇلاتلار، ئوخشاشلا سېتىۋالسىڭىز تامامەن بولىدۇ
ئالدىنقى قېتىم كۇلۇبىمىزدا ئامازون تاللا بازىرىدىن ئۆزەم بىر قوللۇق تاللاپ چىققان ئاجايىپ لاھىيەلەنگەن تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى «19 يۈرۈش ئۆزگىچە لاھىيەلەنگەن مەھسۇلاتلار ، خالىسىڭىز سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ» سەرلەۋھىلىك يازمىمىزدا ئېلان قىلغان ئىدىم. قارىسام تورخۇمارلارنىڭ قىزىققىشى خېلى يۇقىرىدەك تۇرىدۇ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يىقىندىن بۇيان يەنە يىغىپ تەييارلاپ قويغان ماللارنى تورخۇمار دوسلارنىڭ ھوزورىغا سۇنۇشنى ئىستەپ تۆۋەندىكى يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئاڭلىمىدىم دىمەڭلار-دوسلارنىڭ تور بانكىلىرىدىكى ھېساۋاتلىرىنى تەكشۈرۈپ پۇلىنى نەقلەپ تۇرىشىنى تەدبىركار ئالاھېدە تاپىلىدى.
سىتىرولۇق ئاپشاركا مايكا : ئامازوندىن سېتىۋىلىڭ- $16.80 – $19.95 تاۋباۋدىن سېتىۋىلىڭ- 140.00 – 149.00
بىر ئىستاكان كوفى (زەرەتلىگۈچى) : ئامازوندىن سىتىۋېلىڭ- $28.32
ئوت ئۆچۈرگۈچ شەكىلىدىكى ئوت ئالدۇرغۇچ (چاقماق) : ئامازوندىن سىتىۋېلىڭ- $5.99 تاۋباۋدىن سېتىۋېلىڭ- ¥279
Dropp مىۋە قاچىسى : ئامازوندىن سېتىۋېلىڭ- $49.95
چايقورساق Duck ئۆردەك : ئامازوندىن سېتىۋېلىڭ- $9
Coca-Cola مەخسۇس ئىستاكانى : ئامازوندىن سېتىۋېلىڭ- $16.99 تاۋباۋدىن سېتىۋېلىڭ- ¥20
Cordies توك يولى خوجىدارى : ئامازوندىن سېتىۋېلىڭ- $14.99
كۆپ ئىقتىدارلىق كۇنۇپكا تاختىسى : ئامازوندىن سېتىۋېلىڭ- $55.99 تاۋباۋدىن سېتىۋېلىڭ- ¥300
پالۋانلار كىتاب قىسقۇچىسى : ئامازوندىن سېتىۋېلىڭ- $495
تەرەت قاچىسى شەكىلىدىكى سۇ چاچىقىسى : $28.29
ئۈنئالغۇ لېنتىسى شەكلىدىكى iPhone 4 قوغداش قېپى : ئامازوندىن سېتىۋېلىڭ- $6.99 تاۋباۋدىن سېتىۋېلىڭ- ¥18
MacBook ماركىلىق قول ئەينىكى : ئامازوندىن سېتىۋېلىڭ- $11.98 تاۋباۋدىن سېتىۋېلىڭ- ¥18.5
قەدىمكى ئويما تاش ھەيكەل شەكلىدىكى قەغەزدان : ئامازون تورىدىن سېتىۋېلىڭ- $18.95
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئىجادىيەت، تەسەۋۋۇر، مەھسۇلات، يېڭىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,863 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 07-ئاينىڭ 14-كۈنى
- يازما مەنزىلى: 13-creative-products.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئەمدى تېز سىزمىنىمۇ كۆزەينەك تاقاپ كۆرەمدۇق نېمە؟! ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدە سىزىلغان 3D تېز سىزمىلار!
- كېيىنكى يازما > ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز ئۈستىدە، رېئاللىق بولسا پەستە، مانا بۇ تۇرمۇش…
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- 3D لىك پرويېكسىيە تېخنىكىسىنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟ سۇ ئىشلىتىدىكەن سۇ!!!!!
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- مارىيو مەستانىسى بولا، مۇشۇنچىلىك بولا
- بور جېڭى 3.0 – بۇداقى قوراللار ۋەھشەتكەن، بور پالۋاننىمۇ ياساپ چىقىپتۇ بۇ گۇيلار!
- لوندون كوچىسىدىكى ئاپتوبۇس بېكىتى ئويۇنى، ئاپتوبۇس ساقلىغاچ غارايىباتلارنى كۆرۈپ ئولتۇرىدىكەنسىز
- HUVr نىڭ لەيلىمە سىيرىلما تاختىسى تەشۋىقات فىلىمى BELIEF
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
- ئەردوغان ھولوگرافلىق پرويېكسىيە تېخنىكىسى ئارقىلىق لېكسىيە سۆزلىدى
ۋاھ…تەرەت قۇتىسى شەكلىدىكىنى ھىسابقا ئالمىغاندا ھەقىقەتەنمۇ ئۆزگىچە لاھىيلەنگەن مەھسۇلاتلار ئىكەن.
نىمىشقا يىقىندىن بۇيان تورخۇماردا ئادەم ئاز؟دىۋاننىڭ مەندەك تورغا ئاز چىقىدىغانلارغا قىلىشى ياخشى ئىش ئەمەس
ئامازون بىلەن تاۋباۋ دىكى باھادا ئاسمان زىمىن پەرىق باركەنغۇ
شۇ! بىرسى دوللار ،بىرسى يۈەن تۇرسا
مەن پۇل سانىنى ئەمەس بەلكى مال باھاسىنى دەۋاتىمەن ، مەسىلەن ئاۋۇ كوكا كولا ئىستاكانى ئامازوندا 16 دوللار تاۋباۋدا 20 يۈەنكەن ، 16 دوللارنى يۈەنگە سۇندۇرساق كەم دېگەندىمۇ 130 يۈەن ئەتراپىدا بولاتتى ، لېكىن بۇ ئىستاكان تاۋباۋدا 20 يۈەنكەن ، مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم شۇ دوستۇم ، مەنمۇ ئۇنچىۋالا دوللار بىلەن يۈەننى پەرق ئېتەلمىگۈدەك ئەخمەقلەردىن ئەمەس .
ئامازۇندىكىسى ھەقىقىسى، تاۋباۋدىكىسى تاغتۇرا مەھسۇلات بولشى مۇمكىن، ياكى بولمىسا ئىلىمىز تامۇژنا بىجى ئالمىغاندۇ.
مەنمۇ شۇنداق ئويلىدىم
ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ مېنىڭچە بۇنڭغا يەنىلا تەدبىركار بىلەن ۋېرۇس قاۋاپ بەرسۇن.
ئامازوندىكىسى بىر يۈرۈشىنىڭ باھاسى ، تاۋباۋدىكىسى بولسا بىر دانىسىنىڭ .
ئىنكاستىكى قاۋاپ بەرسۇن دىگەن سۆز نىمىگە قارىتىلغان؟ يازغۇچىنىڭ مەقسىدى نىمە ؟
ئامازوننىڭ تور ئادىرسى بولسا قاراپ بىرنىمە دەيلى
ھەممىسىنىڭ باھاسىغا تور ئادىرىسى ئۇلانغان.
دوسلار مەن يۇقىرغا قالدۇرغان سۈزۈمدە ئىتىياتسىزلىقتىن (ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ مېنىڭچە بۇنڭغا يەنىلا تەدبىركار بىلەن ۋېرۇس قاۋاپ بەرسۇن. دەپ يېزىپ قاپتىمەن ئەمەلىيەتتە(ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ مېنىڭچە بۇنڭغا (يەنى تاۋباۋ بىلەن ئامازوزنىنىڭ باھا پەرقىگە يەنىلا تەدبىركار بىلەن ۋېرۇس قاراپ بەرسۇن دېمەكچىتىم بىخەستىلىگىمدىن خەتنى خاتا يېزىپ تەدبىركار بىلەن ۋىرۇسنىڭ كۆڭلىگە تېگىپ قويدۇم، شۇ سەۋەپتىن تورخۇماردىكى بارىلىق تورداشلارنىڭ ئالدىدا تەدبىركار بىلەن ۋىرۇستىن چىن كۆڭلۈمدىن كەچۈرۈم سورايمەن.ھەمدە بۇندىن كىيىن ئىملايىمغا ئالاھىدە دىققەت قىلىمەن ، كەچۈرۈڭلار
مېنىڭچە سىز ئەسلى جاۋاپ بەرسۇن دېمەكچىكەنسىز ، ج بىلەن ق بىر ھەرىپتىن چىقىدىغان بولغاچقا قاۋاپ بەرسۇن دەپ يېزىپ قالغان ئوخشايسىز .
شۇنداق ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ، بۇ بىر ئۇقۇشماسلىق ، ياخشى تىنىمى كۈرۈپ باھا يېزىشكە ئالدىراپ كېتىپ ئىملاغا دىققەت قىلماپتىمە
چاقماق بەك ئالاھىدە تۇرامدۇ نىمە ؟؟ كاربون ئوكسىد چەكمىسەممۇ لېكىن ساقلاپ قويغۇم كەلدى …
بىلدىغانلار جاۋاب بەرگەن بولساڭلار بۇ بۇيۇملارنى تاۋبادىن ئىزدىگەندە قانداق ئىزدەيمەن ، بىر نەچچە خىل نەرسە ياراپ قالدى ئالاي دىگەنتىم .
مەسىلەن قايسىلىرى ؟ تاۋباۋدا بارلىرىنىڭ تاۋباۋدىكى ئادىرىسىنى ئۇلانما قىلىپ قويدۇق !
ئاۋۇ ئۈن ئالغۇ قېپى بەك ئۆزگىچە چىقىپتۇ ، كاساپەت لېكىن