نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

«ئەرۋاھ ھەرىكىتى: ئالفا» – UBisoft نىڭ ئويۇن ئۈچۈن 10 مىليون دوللار سەرپ قىلىنغان فانتازىيەلىك جەڭ فىلىمى!

ghost-recon-alpha

تېخى يېقىندا تورخۇماردا ئېلان قىلىنغان «ئەرۋاھ ھەرىكىتى4: كەلگۈسى جەڭچىلىرى» ناملىق ئويۇن يادىڭىزدىمۇ؟ بىر قىسىم تورداشلار بۇ ئويۇننى خېلىلا ياقتۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى. يېقىندا UBisoft دەل شۇ ئويۇننىڭ قىسسىسى شەكلىدە «ئەرۋاھ ھەرىكىتى: ئالفا» ناملىق 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغان، ھەقىقىي ئادەم رول ئالغان جەڭ فىلىمىنى ئېلان قىلدى. كىنونىڭ ئۈنۈمى ھەتتا ئىلگىرى كۆپچىلىك كۆرگەن Act of Valor دىنمۇ قالتىس چىققان دېيىشكە بولىدۇ. ئويۇن مەستانىلىرى، كىنو مەستانىلىرى، جەڭ مەستانىلىرى، فانتازىيە مەستانىلىرى، قورال مەستانىلىرى چوقۇم ياقتۇرۇشى مۇمكىن….

فىلىم ۋە ئويۇننى چۈشۈرۈش(迅雷 ئارقىلىق چۈشۈرۈڭ):

فىلىمنىڭ HR-HDTV نۇسخىسى     |    مەنبە: تورخۇمار    |     «ئەرۋاھ ھەرىكىتى4: كەلگۈسى جەڭچىلىرى» ئويۇنى



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. sazguri 2012.07.02 , 20:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مانا مانا دىۋان دە بۇ :se::se::se:
    مەن بۇ ئويۇننى چۈشۈرۈپ بولۇپ ئوينىيالمىدىن قاچىلىسام ئىنگىلىزچە ئەسكەرتشى چىقىۋېلىپ

    يەنىلا 使命交换8نى ئويناۋىرەي ھە :grin::grin::grin:

  2. كورلا نەشپۈتى 2012.07.02 , 20:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بۇكىنونىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى تۈشىرىپ قويغان شۇنداق ياردى ماڭا بۇكىنو

  3. lucky 2012.07.02 , 21:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن پېچەت ئىشلەپ قويغان بۇنى.
    ئويۇننى چۈشۈرسەم كومپىيوتىرىم سەل ئىنجىقلاپ قالدى. شۇڭا ئوينىيالمىدىم.

    PS: بۇ فىلىمگە 10 مىلىيۇن دوللار سەرپ قىلغاندۇ؟ بىر يەردە شۇنداق كۆرگەندەك ئېسىمدە. 20 مىنۇتلۇق فىلىمگە 100 مىلىيۇن دوللار سەرپ قىلسا ئانچە ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس.

    • تورخۇمار 2012.07.03 , 09:37

      تۈزىتىپ قويدۇم، بىر نۆل ئارتۇق كېتىپتۇ.

  4. Geek 2012.07.03 , 01:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    فىلىممۇ پەيزىكەن. بىراق ئاۋۇ چىقىم ئەقىلگە مۇھاپىق ئەمەسمىكىن، مىنىڭ شۇغۇللىندىغىنىممۇ ئالاھىدە ئۈنۈم (VFX-visual effects)، قارىسام ھىچ ئۇنچىۋالا چىقىم كەتكەن نەرسىلەرنى بايقىمىدىم،بۇ فىلىمگە 100 مىڭ دوللار مۇ جىقلىق قىلىدۇ،100 مىڭ دوللاردىگەنمۇ 600 مىڭ جۇڭگۇ پۇلى دىگەن گەپتە… (قول كۈرۈشكەن ئىپادە يوقكەن،ناھايتى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئوتتۇرغا قۇيۇلغان كۆزقاراش):mrgreen:بەت سېستىمىڭز بەك ئاخساكەن ئەمما:se:

    • تورخۇمار 2012.07.03 , 09:37

      10 مىليون دوللاركەن، خەنچە مەنبەدە ھەممىسى 100 مىليون دەپ ئېلىپتۇ پوۋاشلار

  5. بودەك 2012.07.03 , 03:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋەششىغۇ!
    يىڭىلىق دىگەن كوپكەنغۇ بۇ فىلىمدە، يىقىندىن ياقى تورخۇمارنىڭ تىما يىڭىلىشى يامان تىز بوپ كىتىپ بارىدۇ

  6. پولات 2012.07.03 , 09:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    فىلىمى بۇندا پچەت بولسا ئويۇنىنى ئوينىماي بولماپتۇ

  7. ياۋايى 2012.07.03 , 12:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋەھشى چىقىپتۇغۇ . مەن بەك ياقتۇردۇم جۇمۇ . ئاخىرى بارمىدۇ .

  8. نۆل ۋە بىر 2012.07.03 , 13:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ فىلىمنېڭ رىجىسسورلۇق تېخنىكىسىغا قايىلمەن…بۇنىڭ كىنوسى قاچان چىقىدىكەن؟

  9. زۇليار 2012.07.03 , 14:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پەچچەتكەنغۇ؟! تولۇق نۇسقىسىنى ئولتۇرۇپ ساقلايلى:grin:

  10. ئۇيغۇرباي 2012.07.03 , 19:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئېنتايىن فەچەت ئىشلەپتۇ !
    بەكلا ئامراق بوپ قالدىم .

  11. بۆرە 2012.07.04 , 17:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەجبۇرىيەت چاقىرىقىنى تىڭشۈن شىركىتى كىرگۈزۈپتۈ،
    تەپسىلى خەۋەرلەرنى بۇ بەتتىن كۆرۈڭلارhttp://codo.qq.com/index.shtml

  12. بۆرە 2012.07.04 , 17:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەجبۇرىيەت چاقىرىقىنى تىڭشۈن شىركىتى جۇڭگۇ بازىرىغا كىرگۈزۈپتۈ.
    http://codo.qq.com/index.shtml

  13. بۆرە 2012.07.04 , 17:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قوش ئىنكاس كىتىپتىغۇ

  14. ئالىمجان 2012.07.04 , 22:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تىمى لانى كۈندەكۈندە جىق جىق يوللاپ تۇرسىڭىز بوممىسا ئادەم قاچان يىڭى تىما چىقا دەپ كۆزى توت بوپ كىتىدىكەن:smile:

  15. ئەركىن 2012.07.04 , 22:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئويۇننى نەدىن چۈشۈرىمەن،xp دا ئوينىغىلى بولامدۇ؟

    • تاماشىبىن 2012.07.04 , 22:41

      تەنتەنىلىك ھالدا شۇنى جاكارلايمىزكى ھازىر چىقىۋاتقان ھەم بۇنىڭدىن كېيىن چىقىدىغان چوڭ ئويۇنلارنى XP دا مۇتلەق، پەقەت، مۇمكىن ئەمەس ئوينىغىلى بولمايدۇ :mrgreen:

  16. Forever 2012.07.05 , 00:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمدى Win7 غا كۆچمىسەم زادى بولمىدى ، ئەتىگىچە سېستىما يېڭىلىماقچى ئىدىم بۇ قوتۇر ئىشەكنىڭ ….

  17. 男人.A 2012.07.05 , 15:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خېخې ياخشكەن

  18. تاتلىقجان 2012.07.06 , 01:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى فىلىمكەن!:mrgreen:

  19. قاراخان 2012.07.08 , 11:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    http://qutyar.net/mb/thread-3805-1-1.html بۇ ئۇيغۇرچە خەتلىكى

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量