Windows 8 Professional نىڭ RTM نەشىرى ئاشكارىلاندى
Windows8 RTM رەسمىي نەشىرى ئاخىرى ئېلان قىلىندى. ھازىر تورغا ئاللىقاچان Windows 8 Professional نىڭ 32 ۋە 64 بىتلىق نەشىرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئىلگىرىكى خېرىدارلار كۆرۈپ بېقىش نەشىرىگە قارىغاندا، RTM نەشىرى تېخىمۇ مۇقىم ۋە يۇمشاق دېتاللار بىلەن ماسلىشىشچانلىقى تېخىمۇ يۇقىرى. Windows8 كە قىززىقىۋاتقان ۋە سىناپ بېقىشنى خالايدىغانلارغا ماس كېلىدۇ.
Windows8 RTM نەشىرى ۋە Windows8 رەسمىي نەشىرىنىڭ بىردىنبىر پەرقى شۇكى، Windows8 رەسمىي نەشىرى نۇردېسكىغا ئويۇلۇپ قاپ بىلەن ئورالغان ھالەتتە بولىدۇ ۋە ئاكتىپلاش نومۇرى تەمىنلىنىدۇ، بىراق ئىككىسىنىڭ كودىدا قىلچە پەرق يوق. Windows8 رەسمىي نەشىرى 10-ئايدا رەسمىي سېتىلىشقا باشلايدىغان بولۇپ، باھاسىمۇ خېلىلا ئەرزان، يەنى 70 دوللار(خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 446 سوم).
Windows8 RTM نۇسخىسىدىن بىر قىسىم كەسمىلەر(چەكسىڭىز چوڭىيىدۇ):
(رەسىملەر گۈدۈكتىن ئېلىندى)
قاچىلاش نومۇرى:
XKY4K-2NRWR-8F6P2-448RF-CRYQH
دىققەت: يۇقارقىسى پەقەت قاچىلاش نومۇرى، ئاكتىپلاش نومۇرى ئەمەس. شۇڭا سىز بۇ RTM نەشىرىنى مەڭگۈلۈك ئىشلىتەلمەيسىز، پەقەت 10-ئايدا رەسمىي نەشىرى چىققۇچە ئويناپ تۇرسىڭىز بولىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مىكروسوفت بۇدا Windows نىڭ ئاكتىپلاش ئۇسۇلىغا باشقىچە تەدبىر قوللانغان بولۇپ، ئاكتىپلاپ ئىشلىتىش ئىلگىرىكىدەك ئاسانغا توختىماسلىقى مۇمكىن. يەنە بىر تەرەپتىن ئىلگىرى ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، Windows8 بىزنىڭ سۆيۈملۈك ئۇيغۇرچە يېزىقىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنياۋى مەشغۇلات سىستېمىسى، باھاسىمۇ ئارانلا 400 سوم. مەنچە يۇقارقى ئىككى سەۋەپ سىزنىڭ ساختا نەشىردىكى Windows8 تىن نېرى تۇرۇپ ھەقىقىي نەشىردىكى Windows8 نى ئىشلىتىشىڭىزگە تامامەن باھانە بولالايدىغۇ دەيمەن.
Win8 RTM نەشىرىنى چۈشۈرۈش:
32 بىتلىق خەنچە نەشىرىنىڭ ISO ھۆججىتى | مەنبە: تورخۇمار
- يازمىنىڭ ئـورنى: [windows]
- ھالقىلىق ســــۆز: iso، win8، windows8، سېستىما
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 08-ئاينىڭ 08-كۈنى
- يازما مەنزىلى: win8-rtm.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > «ئالتۇن مېدال» نىڭ كەينىدىكى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بەدەللەر
- كېيىنكى يازما > كومپىيۇتېرىڭىز كونىراپ قالدى، يېڭىسىنى سېتىۋېلىشقا ئاپىڭىز ئۇنىمايدۇ، ئەمىسە زادى قانداق قىلىش كېرەك ؟
- ISO فورماتىدىكى ھۆججەتلەر(سېستىما، ئويۇن)نى قاچىلاشتا كام بولسا بولمايدىغان قورال – DAEMON Tools Lite
- Windows 7 SP1 نىڭ MSDN ئەسلى ھەقىقى خەنچە نەشىرى(تەۋسىيە)
- ھەقسىز سېستىما ئەخلەتلىرىنى تازىلاش ۋە ئەلالاشتۇرۇش قورالى – CCleaner
- سىزنىڭچە بۇ Logo لار مىكروسوفتنىڭكىدىنمۇ چىرايلىقمىكەن؟ Win8 ئۈچىنچى تەرەپ Logo مۇسابىقىسىدىكى ئەسەرلەر
- Ubuntu 12.04 تارقىتىلدى (كۆرۈنمە يۈزى %93 ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سېستىمىسى)
- Android ئوينايدىغانلار ئۈچۈن تەۋسىيەلىك قورال – ShuaMe | ئەمدى Root قىلىش ياكى ROM يېڭىلاش تەس ئەمەس
- Windows Phone ھەققىدە بىلمەيدىغانلار دىققەت: Windows 8 بىلەن Windows Phone نى چۈشىنىڭ
- VirtualBox ھەقسىز مەۋھۇم كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى
- Windows8 خېرىدارلار كۆرۈپ بېقىش نەشىرىدىن بىر قىسىم تەسىراتلار(Windows8 تىكى ئۇيغۇرچە فونت)
- Windows8 Beta ئىستېمالچىلار كۆرگەزمە نەشىرى(Windows 8 Consumer Preview) ئېلان قىلىندى!
دىۋان
ھەي بۇ كۈنلەرمۇ ئاخىرى كەلدى، سېتىۋالغاندىن كېيىن بىر دېسكىنى بىرنەچچە كومپيوتېرغا قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولارمۇ ياكى بىرلا كوميوتېردىن باشقىسىغا ئىشلىمەسمۇ؟
رەسىملەر چىقمىدىغۇ تەدىي ئەپەندىم
خۇدا بۇيرۇسا ئالمىسام
مانا شۇنداق قىلپ ئۇيغۇرچە windows8 rtm ئويناۋاتقىلى 3 كۈنبولغان بولسىمۇ بۇ ھاياجان تۈگۈگىنى يوق، بىرلا ئېغىز گەپ ساختا يىشۋىتىلگەن windows 8 نى ئويناش ئۇنداق ئاسانغا چۈشمىگىدەك، ئىشقىلىپ ھاياجان دەڭە ھاياجان، سىزلەرنىمۇ بىرقېتىم قاچىلاپ ئىشلىتىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، شۇنىڭ ئىلھامىدا ھەقلىق نۇسقىسىنى ئىشلىتىشىڭىزدە گەپ يوق. لىكىن ماۋۇ ئۇيغۇرچە ئۇچۇرنى ۋە ئادەملەر نى ۋە خەت نى بىللە ئوينايدىغانلا يوق كۆڭلىم يېرىم. باھانەم تۈگىدى، ئەمدى قەتئىي نىيەتكە كەلدىم بۇنداق ياخشى ئۇيغۇرچە سېستىم تۇرسا نىمە قىلىمەن. qq دىگەن ۋاتۋاتنى راسا تىللايدىسەم سەت تۇدى، ئىشقىلىپ بىر سىناپ بېقىڭلا، ئەمما مىنىڭ كىدە ati نىڭ كۆرسىتىش كارتىسىدىن باشقىسىنىڭ ھەممىسى نورمال،
چوقۇم سېتىۋالىدىغان نەرسىنىڭ بىرى مۇشۇ
ئۇيغۇرچىغا قانداق ئالماشتۇرىدۇ ،دەپ بەرسەڭلار بوپتىكەن ؟
مەن چۈشۈرۋاتىمەن….. قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن تەسىراتىمنى قالدۇراي ھە …….
ئۇيغۇرچە خەت يازالىدىم،بىراق سېستىمىنى قانداق ئۇيغۇرچە قىلىدۇ؟ياردەم قىلساڭلا..
ئىلگىرىكى كۆرۈپ بېقىش نەشىرىنى قوش سېستىما قىلىپ قاچىلىغانلار قانداق قىلىپ بۇ نەشىرىنى قاچىلىغانلىقىڭلارنى سۆزلەپ باقمامسىلەر
بەك ئاددى ، ئۇنى چۇشۇرۇپ بىكار ئورۇنغا ( تەخمىنەن 25گ دىن ئارتۇق بوشلۇق بۇلىشى كىرەك) چۇشۇرگەن ھوججەتنىڭ ئىچىدىكى sources ھوججەتنىڭ ئىچىدىكى setup قوزغۇتۇپ ، بىكار ئورۇنغا قاچىلىسا بولدى .