نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما مەزمۇنى

مەرگەننىڭ سېھرى كۈچىنى تېخىمۇ ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىدىغان قالتىس ئويۇن – «مەرگەن : ئەرۋاھ جەڭچىلەر»

مەرگەننىڭ سېھرى كۈچىنى تېخىمۇ ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىدىغان قالتىس ئويۇن - «مەرگەن : ئەرۋاھ جەڭچىلەر»

مەيلى قانداقلا جاي بولسۇن، مەرگەن(狙击手) ئەڭ ئادەم قىززىقتۇرىدىغان پاراڭ تېمىسىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئەقىللىق، سالماق، چەبدەس ھەمدە رەھىمسىز كېلىدۇ، دۈشمەنگە بىۋاستە ئەجەللىك زەربە بېرىشتىن باشقا، يەنە روھى جەھەتتىنمۇ كۈچلۈك بېسىم ئېلىپ كېلەلەيدۇ! كۆپ قىسىم ئوغۇللار ئۈچۈن، مەرگەننىڭ سېھرى كۈچىنى بوش چاغلاشقا بولمايدۇ، مانا ئەمدى ھازىر، سىز ھەقىقى تۈردە مەرگەننىڭ ھوزۇرىنى سۈرەلەيدىغان بولدىڭىز!

«مەرگەن : ئەرۋاھ جەڭچىلەر» ئويۇنى»(Sniper Ghost Warrior) بولسا، مەرگەن ئاساسى تېما قىلىنغان بىر تۈرلۈك ئويۇن ھېسابلىنىدۇ. ئويۇندا سىز قارىغا ئېلىش بىلەنلا بولدى قىلسىڭىز بولمايدۇ، بەلكى شامال كۈچى، ئېغىرلىق كۈچى ۋە ئارىلىقنىڭ ئوققا بولغان تەسىر كۈچى ئامىللىرىنى تولۇق ئويلىشىشىڭىز كېرەك. ھەرگىزمۇ CS ئويۇنىدىكى مەرگەندەك قەيەرگە قەرەللىسەم شۇ يەرگە تېگىدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ، چۈنكى سىز بۇ ئويۇندا ھەقىقىي بىر مەرگەننىڭ رولىنى ئالىسىز. ئەلۋەتتە، نۆۋەتتە مەرگەن ئويۇنلىرى ئىچىدە، بۇ ئويۇن بىر قەدەر كەسپىي سانىلىدىغان ئويۇننىڭ بىرى.

مەرگەن ھەققىدىكى كىنو-فىلىملەر

بۇ يەردە كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلىدىغان بىر قانچە مەرگەن ھەققىدىكى فىلىم بار، بىرى Enemy at the Gates، قولدىن بېرىپ قويمىغۇدەك ئېسىل فىلىمنىڭ بىرى. يەنە بىر فىلىم Shooter، بۇ فىلىممۇ ئىنتايىن ياخشى فىلىملەرنىڭ بىرى. يەنە ئىلگىرى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن «ھاياتىنى قارىغا ئېلىش دۇربۇنىغا باغلىغان ئەزىمەتلەر» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىممۇ بار. تەپسىلىي كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئويۇننى ئويناشقا بولغان تەقەززايىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدىغۇ دەيمەن.

ئويۇندىن بىر قىسما كەسمە سۈرەتلەر

مەرگەننىڭ سېھرى كۈچىنى تېخىمۇ ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىدىغان قالتىس ئويۇن - «مەرگەن : ئەرۋاھ جەڭچىلەر»

مەرگەننىڭ سېھرى كۈچىنى تېخىمۇ ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىدىغان قالتىس ئويۇن - «مەرگەن : ئەرۋاھ جەڭچىلەر»

ئويۇن «مەرگەن: ئەرۋاھ جەڭچىلەر» دىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر

ئويۇننىڭ كومپيۇتېرغا بولغان سەپلىمە تەلىۋى

Intel Processor – Core 2 Duo E4400 2.0GHz
AMD Processor – Athlon 64 X2 Dual Core 4200+
Nvidia Graphics Card – Geforce 7900 GT
ATI Graphics Card – Radeon X800 XT
ئىچكى ساقلىغۇچ – 2GB

قاچىلاش قوللانمىسى

1. چۈشۈرۈپ ھۆججەت نامى پۈتۈنلەي ئېنگلىزچە(خەنچە ياكى باشقا ھەرپ بولمىسۇن) بولغان بىر مۇندەرىجىگە يايىمىز، قاچىلىغاندىن كېيىن 3.7G بوشلۇق ئىگىلەيدۇ.

2. setup.bat ھۆججىتىنى قوش چېكىپ قاچىلاشنى باشلايمىز.

3. ئېكراندىكى تېزلەتمە ئايكون ئارقىلىق ئويۇننى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ.

دىققەت: ئويۇننى قاچىلىغان مەنزىل ئادرېس چوقۇم ساپ لاتىنچە ھەرپ(مەسىلەن، D:\Game) بولۇشى كېرەك، بولمىسا قوزغالغاندا خاتالىق كۆرۈلىدۇ.

توردىكى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، Win7 دا ئويۇننى قوزغاتقاندا، exe ھۆججىتىنىڭ خاسلىقىدىن ماسلىشىشچانلىق ھالىتى(兼容模式)نى XP گە تەڭشەپ قويغاندا، ئويۇننىڭ مۇقىملىقىغا تېخىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):

مەرگەن: ئەرۋاھ جەڭچىلەر ئېنگلىزچە نەشىرى |    مەنبە: torhumar.com |   ئويۇننىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرۈش بولاقچىسى

مۇناسىۋەتلىك فىلىملەر: ھاياتىنى قارىغا ئېلىش دۇربۇنىغا باغلىغان ئەزىمەتلەر |    Enemy at the Gates |     Shooter



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 41 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. بۇركۇت : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ 笔记本电脑ئىدى زاۋۇتتىن ئەكەلگەن پىتى .شۇڭا كۆرسەتكۈچ كارتا ۋە باشقا نەرسىلىرىنى ئالماشتۇرۇش سەل قولايسىز ئىكەن ھەم تاپماقمۇ تەسكەن بىزنىڭ يۇرتلىدىن شۇڭا بى مۇشۇنىڭغا ئامال قىلساقكەن :grin: :grin: :grin:
    مىنىڭمۇ دىيىنى سىتىۋىلىپ ئوينۇغۇم بار ئەمما ماۋۇ كومپىيۇتىرنىڭ دىسكا قوزغاتقۇچىسى ئوبدان ئىشلىگىلى ئۇنىمىدى
    xpدەينىمۇ ئاران ئاران سۆرەۋاتىدۇ . :arrow:

  2. pian : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاسان ئويۇن ئەمەس بۇ . سىز ئەڭ ياخشىسى بۇنداق چوڭ ئويۇنلارنى ئويناشتىن ئۈمۈدىڭىزنى ئۈزۈڭ.

  3. ئەلئوغلى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    6- ئۆتكەلغۇ دەيمەن
    Find the documents دەپ قاراپلا تۇردا كىمىدىن چۈشۈپ بولۇپ قانداق قىلىمىز ؟ توردىنمۇ خىلى بىرنەرسە كۆردۈم بۇنى Bug ھىسابلايدىكەن ھەم بىرقانچە خىل ھەل قىلىش چارىسىمۇ باركەن ،لېكىن ئۇلار ئاقمىدى . بۇنى قانداق قىلىش كېرەك ؟

  4. لاچىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    下载قىلىنپ بولغان ھۇججەتنى ئەۋەتكىلى بولارمۇ؟بولسا ئەۋەتىپ بەرگەن بولساڭلار

  5. لاچىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    2سائەت 下载قىلىپ قاچىلىسام نىمە بولدىكىن قاچىلانمىدى
    تىرىكىپ جىلە بولۇپ كەتتم

  6. لاچىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    [狙击手:幽灵战士].Sniper.Ghost.Warrior.singleplay.rip.rarھۈججەت بۇلۇپ下载 قىلىندى باشقا تورداشلارنىڭ 下载قىلغىنىڭلار بارمۇ؟

  7. ئابدۇراخمان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ كومپىيوتىرىمنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى 2جى ،مەركىزى كۇنتىرول3.2،لېكىن بۇ ئۇيۇن قېتىپلا تۇرىدىيا .. يا بىرنىمىسىنى كام قاچىلىغان بۇلغىيتتىممۇ يا، چۈشىمدۈرۈش بۇيىچە قاچىلىغان بولمىسا

  8. ئىلشات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ كومپىيۇتىرىمدا قۇزغالمايۋاتىدۇغۇ تاڭ ماڭا ياردەم قىلغان بۇلساڭلا :sad:

  9. ئادەم : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قاچىلانغاندىن كىيىن داڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بىر ئىنگىلىزچە ئوچۇر چىقىپ قوزغالمىدى FATALERROR Cannot initialize renderer
    دەپ خاپا بولماي چۈشەنچە بەرسەڭلار مەن ئىنگىلىزچىدىن ھىچنىمىنى بىلمەيتىم

    • تورخۇمار :

      يازمىدىكى «دىققەت: ئويۇننى قاچىلىغان مەنزىل ئادرېس چوقۇم ساپ لاتىنچە ھەرپ(مەسىلەن، D:\Game) بولۇشى كېرەك، بولمىسا قوزغالغاندا خاتالىق كۆرۈلىدۇ.» دېگەن ئورۇنغا دىققەت قىلىڭ.

  10. ئادەم : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دەل شۇنداق قاچىلغان ئىدىم ، ھەجەپ ئىچىم سىقىلدى بەكمۇ تەسستە چۈشۈرگەن ئىدىم ، تۇر سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىقىدا

  11. ئادەم : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    FATAL EROR Cannot initialize renderer
    بۇ ئىنگىلىزچە ئوچۇرنىڭ مەنىسى نىمىدۇ؟

باھا بېتى: 1 2





باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)