چوڭقۇر ۋە سىرلىق مەنىلەر يوشۇرۇنغان يەنە بىر نادىر مىكرو كارتون فىلىم – Fallen Art
تور دۇنياسىدا دائىم پەرەڭلەرنىڭ ئاجايىپ سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ تۇرىمىز ۋە ئۇلارغا چەكسىز قايىللىقىمىزنى بىلدۈرۈپ شۆلگەيلىرىمىزنى توختىماي ئېقىتىمىز. ئەمەلىيەتتە ھېچكىم ئەشۇ قىسقىغىنە نەچچە مېنۇتلۇق كۆرۈنۈشكە قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ قانچىلىغان ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى ۋە قۇربانلىق بەرگەنلىكى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايمىز. خۇددى تۆۋەندىكى قىسقا فىلىمغا ئوخشاشلا سىز كۆرۈپ تۇرغان قىسقىغىنە نەچچە مىنۇتلۇق فىلىم شۇنچە كۆپ قۇربانلىقنىڭ مەھسۇلى بولىشى مۇمكىن…
فىلىم ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە:
تىنچ ئوكياندىكى مەلۇم بىر تاشلاندۇق ئارالدىكى ھەربىي بازىدا، گېنرال A بىر دانە ئوردېننى مەلۇم ئەسكەرگە قاداپ قويغاندىن كېيىن، ئۇنى ئېگىزدىن پەسكە ئىتتىرىۋېتىدۇ، ئەسكەر پەسكە چۈشۈپ بىردەم تىپىرلىغاندىن كېيىن كۆتۈرگەن قولى يەرگە چۈشۈپ كېتىدۇ ۋە جان ئۈزىدۇ، بۇ چاغدا پەستە بۇ ئىشلارغا قاراپ تۇرغان ياداڭغۇ دوختۇر شۇ ھامان قولىدىكى ئاپېراتنى ئېلىپ ئەسكەرنىڭ جەسىدىنى سۈرەتكە تارتىۋالىدۇ، سۈرەت چىققاندىن كېيىن يەنە بىر ئەسكەر ناھايىتى تېزلىكتە بۇ سۈرەتنى ئېلىپ سېمىزرەك كەلگەن يەنە بىر گېنىرال A غا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، سېمىز گېنىرال بۇ سۈرەتلەرنى «سەنئەت ئىجادىيىتى» ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ….
تەھرىردىن:
خوش، فىلىمنى كۆرۈپ بولۇپ بەلكىم نۇرغۇنلار ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەن بولۇشى مۇمكىن. يازمىنىڭ قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، فىلىمدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇن ھەققىدە تورداشلارنىڭ مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ فىلىم زادى نېمە دېمەكچى؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئۇرۇش، ئىجادىيەت، تەسەۋۋۇر، جەڭ، سەنئەت، فىلىم، كارتون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 18,771 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 07-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: fallen-art.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بىر ئىستاكان كولا ئىچىشكىمۇ شۇنچە ھەشەمەت قىلغان بارمۇ ئەمدى؟ قۇرۇلۇش ئىنىستۇتىدىكى بىكارچى ستۇدېنتلارنىزە؟!
- كېيىنكى يازما > توپ كىيىمىگە قاراپ «ۋاسكېتبول ماھىرى» ۋە NBA ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بايقاش، ئەسلىدە مۇنداقكەندە؟!
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- مۇھەببەت ھەققىدىكى تەسىرلىك قىسقا فىلىم – سوۋغا
- ھېلىقىدەك فىلىملەر – پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋېتىلدى!
- ئەينى چاغدىكى دىسنېي كارتون ئوبرازلىرىنىڭ چىراي ئىپادىسى قانداق لايىھەلەنگەن؟
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- روسىيەلىك تورداشلارنىڭ كىرىشتۈرۈپ چىققان 1-شەخس ئۈنۈمىدىكى قوراللىق ئېتىشىش فىلىم -Hardcore
- ھەقىقىي مەنزىرىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ قالتىس كومىك رەسىملەر
مەن نەچچە يىلدىن تاكى مۇشۇ ۋاققىچە مۇشۇ كارتوننىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشىنەلمەي كىلىۋاتىمەن…
كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان ياخشى فىلىمكەن….. باشقىلارنىڭ ھاياتىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىپ ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىدىغانلار…..
مانا بۇ خىزمەت كورسىتىشنىڭ بەدىلى
بۇ كارتوننىڭ مەنىسى چۈشەنگەندەك بولدۇم. لېكىن سۆزلەي دېسەم تىلىم بايان قىلالمايۋاتىدۇ…..
چۈشەنمىدىم
مەنمۇ 5 ئايدەك بولۇپ قالدى بۇنى كۆرگىلى لېكىن ھېچ تولۇق مەنىسىنى چۈشەنگەندەك ئەمەس ، مۇلاھىزىچىلەرنىڭ مۇلاھىزىسىنى بىر ئاڭلاپ باققۇم بار .
مەنمۇ ھېچ چۈشەنگەندەك ئەمەسيا… يا مەن سەل دۆتمۇ…
مەنچە بۇ سىياسىئونلارنىڭ ئويىنىكەن. ھەر بىر پارچە رەسىم بىر ئەسكەرنىڭ جەسىتى ئىكەن. ھېلىقى كىشى تارتىلغان ھەر بىر پارچە رەسىمنى ئۇلاپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ھۇزۇرلىنىدىكەن. ئشقىلىپ بەك كۆپ ئەسكەر ئۆلىدىكەن.
ئوچقۇر خېلى ئەتراپلىق مۇلاھىزەقىلتۇ
نۇرغۇن نەرسىلەر ،يادىمغا كلگىنى ھىلىقى سىياسەت كىتاپتىكى پىرامىدا يادىمغا كەلدى ،بىچارىلەر ئەڭ جاپا تارتسىمۇ ئەڭ ناچار مۇھىڭتتا يشايدۇ.
ئۈچقۇن ياخشى مۇلاھىزە قىلىپتۇ . چوقۇم ئاشۇ يەردىن نۇرغۇن ئەسكەر شۇنداق چۇشكەن گەپ . بۇ ئەسكەرنىڭ سۇرىتى ئەڭ بىشىغا توغرا كىلىدىغان سۇرەت بولۇپ شۇڭا خوش بولغان ھالدا فىلىمنى ئىشلىگەن ئىكەن ..
سىياسىيونلارنىڭ بىرلىشىپ بىر كىشىنى ئولتۇرۇپ ھەرخىل ئىشلارنى چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن گەپ …
ئەسكەرلەرنىڭ كاللىسى يۇيۇۋېتىلگەن ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپتۇ.
بۇنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك سىياسغا چىتلىدۇ.مەسلەن باشلىق ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز مەنپەتى ۋە ئوز خۇشاللىىقى ئۈچۈن ھەر قانداق ئشلارنى قىلىشتىن ئىبارەت ، ھازىرقى جەمىيەتمۇ مۇشىنىڭغا ئوخشاش دىسەكمۇ بولىدۇ..ئويلاپ باقايلى .ئاشۇ فىلىمدىكى رەسىمىنى كۆرسىتش ماشىنىسغا سالغان ئادەم..بەلكىم ئاشۇ ئادەم ئويناۋاتقان ئوسسۇل ئاشۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇسىلى بولغان بولسا دىسەك ئاشۇ ئۇسۇلغا ئشىلىتش ئۈچۈن مۇناردىن تاشلانغان ئەسكەرنىڭ سانىنى مۆچەرلەپ باقايلى..ئاشۇ ئادەم ئوينىغان ئۇسۇسلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەرتى چوقۇم شۇ ئادەمنڭ ھەركتىگە ئۇدۇل كىلىش كېرەك….مۇشۇنچىلك چۈشەندىم..
مەن بۇنى سەنئەت نوقتىسىدىن تۇرۇپ چۈشەندىم، ھەربىر مۇكەممەل سەنئەت ئەسىرى جەڭگە،ئەسكەرلەر ئەشۇ ئەسەرنى روياپقا چىقىرىش داۋامىدا تەر تۆككەن بەدەل تۆلىگەن ئىكران كەينىدىكى قەھرىمانلارغا سېموۋول قىلىنغان، بىرناخشا،بىر كىنو،بىر ئېتوت،بىر ئۇسسۇل، بىر كىتاپ بىر شېئىر… بۇلارنىڭ كەينىدە نورغۇن قەھرىمانلارنىڭ زور بەدىلى بار.
يۇقىرى ئەمەلدارلار ئۆز مەنپەئىتى بەدىلىگە تۆۋەندىكى نۇرغۇن ئادەم زىيانغا ئۇچرايدىكەن،مەن شۇنداقراق چۇشەندىم…
كۆڭۈل خوشى ئۈچۈن ئەسكەرلەرنىڭ جېنى بىلەن كارى بولمايدىغان دەپ چۈشەندىم،مىسالى بۇشقا ئوخشاش
مەن چۇشەندىم ئاۋۇ باشلىق ئورۇقلىماقچى ئىكەن ئۇسۇلنى يالغۇز ئوينسا ئاسان ھىرىپقالدۇ شۇڭا سەنەت بويمى سۇپتىدە ئەسكەر نى ئولتۇرۇپ تەڭ ئۇسۇل ئويناپ ئورۇقلىغان توخرىمۇ يا
نەگە بۇرۇسا شۇ يەرگە بارىدىكەن.
1. خىزمىتىگە سادىق بولۇش، باشلىق نېمە دېسە شۇنى قىلىش، شۇنداق بولغاندىلا ئومۇمنىڭ كۆزلىگەن نىشانىغا يەتكىلى بولىدۇ. ھاياتىدىن ئايرىلىشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.
2. رەھبەرلەرنى ئۆزىنىڭ ئەرزىمەس ئارزۇلىرىنى دەپ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھاياتى بىلەن قىلچە كارى بولماسلىقى ئېغىر قامچىلانغان.
3.ئادەتتىكى ياكى ئەرزىمەس نىشان ئۈچۈنمۇ زور ۋاقىت ۋە بەدەل كېتىدۇ. ھەم شۇنداقلا قانۇننى ئۆزىڭىز يازالىغۇدەك ئۆزىڭىزدە بار بولغان ئەۋزەل شارائىتتىن جانلىق پايدىلىنىڭ. شۇندىلا زور ۋاقىتنى تىجەپ قالالايسىز.
بۇنىڭدىن بىر خىل قانخورلۇق چىقىپ تۇرىدىكەن. ئاۋۇ مۇزىكا قويغان پور كېتەك ئۆزىنىڭ نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئەسكەرلەرنىڭ ئۆلگەن ھالىتىنى رەسىمگە تارتقۇزۇپ شۇنىڭدىن چىققان شەكىللەرنى مۇزىكىغا ماسلاشتۇرىدىكەن. ئۇنىڭ مۇزىكىغا ئەگىشىپ ئۇسۇل ئوينىشى ئۇنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى ئەسكەرلەرنىڭ ئۆلگەندىكى ھالىتىنى يادا بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
لېنتىنى سالغاندىن كېيىن مۇزىكىمۇ ئاشۇ ئۆلگەن ئەسكەرلارنىڭ سانىغا قاراپ قويۇلىدىكەن. رەسىملەر تۈگىشى بىلەن تەڭلا لېنتىدىكى مۇزىكىمۇ تۈگىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قانخورنىڭ ئىچى پۇشۇپ قول ئاستىدىكىلەرگە Next one دېيىشى ئۇنىڭ قانچىلىك دەرىجىدىكى قانخورلۇقىنى بىلدۈرىدۇ. ماڭا ئىسىم قوي دىسە بۇ قىسقا فىلىمغا ئالۋاستى مۇزىكىسى دەپ ئىسىم قويىمەن.
ئاۋۇ گېنىرالنىڭ تاقاپ قويغان ئوردېنىدىمۇ چوقۇم نۇرغۇن مەنە بار!
ئۇرۇش دىگەن جاھاننى چاڭگىلىغا ئېلىش ئىستىكى بار ئاخماقلارنىڭ ‹ۋاپادار› ئەسكەر ئاخماقلارنى ئويۇنغا سېلىپ كۆڭۈل ئاچىدىغان سەھنىسى دىمەكچىمۇ نىمەن؟
بۇ خېلى بۇرۇن ئىشلەنگەن كارتون … ئالىي مەكتەپنى ئەسلەپ قالدىم بۇنى كۆرۈپ .
بۇنىڭ مەنىسى
شۇنداق بەزى كىشلەر باكى ئۇلار ئوز ئارزۇلىرىغا يىتىش ئۈچۈن باشقىلارنى قۇربان قىلىدۇ،بۇنىڭ ئۈچۈن ھىچ ئىشتىن باش تارىتمايدۇ،
ئەڭ ساددا سەبىي غۇرۇر-ۋىجداننى جېنىدىن ئەلا بىلىدىغان قەھرىمانلار توپى ، بودىلىپ سەمىرىپ كەتكەن كاپىتالىستلارنىڭ ئالىم تېخنىك قوماندان گىنىرال غالچا خىزمەتچىلەر توپى ئارقىلىق ئىقتىساد توپلاشتىكى يېمى بولۇپ قالىدۇ~~~!
ئاپتور ياكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى ساقلاۋاتىمەن~~~~~~~~~!
مەن ھەسەلنەڭ پىكىرىگە قۇشۇلمەن بىر فىلىمنى ئىشلەپ چىقىش ئاسان ئەمەس، بىر فىلىم ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان مەبلەغ كىتىدۇ.ئوردىنغا كەلسەك ئۇ چۇقۇم ئۇسكار مۇكاپاتى ئۇچۇن قۇربانلىق بىرىشىڭىز كېرەك دىگەن مەنىدىمىكىن.
بۇنى پەقەت كىنوغا ئايىتلا تەھلىل قىلىڭلار سىياسى بىلەن ھىشقانداق مۇناسىۋىتى يوق بۇنىڭ، بىر كىنو ئۇچۇن دەپلا