ئۆزگىچە ئىجادىي ئەسەر: بىر يۈرۈش ئارقىمۇ-ئارقا تىزما شەكلىدە تارتىلغان سۈرەتلەر…
تىزما شەكلىدە سۈرەتكە تارتىش دېگىنىمىز، ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر گەۋدىنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى سۈرەتكە ئېلىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا بارلىق كۆرۈنۈشلەر بىر پارچە رەسىمگە مۇجەسسەملىنىدۇ. بىر پارچە تىزما شەكىللىك سۈرەتنىڭ يەتكۈزۈپ بېرەلەيدىغان ئۇچۇرى، ئاددى بىر پارچە سۈرەتكە قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى، بۇ خىلدىكى سۈرەتكە تارتىش تېخنىكىسى ھەرىكەت قىلىۋاتقان جىسىمنىڭ ھەرىكىتىنى ئىپادىلەپ بېرىشكە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، تۆۋەندە مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا تارتىلغان بىر يۈرۈش تىزما شەكىللىك سۈرەتلەردىن ھوزۇرلىنىپ باقايلى…
تۆۋەندىكىسى بىر خىل تىزما شەكىلدىكى سۈرەتكە تارتىش تېخنىكىسى، ناۋادا كەمچىلىكلەر بولسا، فوتو-سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ تۈزىتىش بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن:
ئاۋال ئۈچ پۇتلۇق جازىدىن بىرنى تەييار قىلىمىز، ئاندىن فوتو-ئاپېراتنى ئورۇنلاشتۇرۇپ سۈرەتكە تارتىمىز، تارتقاندا ئۇلاپ تارتىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىمىز، بۇنداق بولغاندا N دانە ئوخشاش مەنزىرىدىكى ئوخشىمىغان ھەرىكەتتىكى جىسىمنىڭ سۈرىتىگە ئېرىشەلەيمىز، ئاندىن PS ئارقىلىق 蒙板 ۋە 抠图 ئىقتىدارلىرىنى(بۇ ئىقتىدارلارنى بىلمىسىڭىز، توردىن ئىزدىسىڭىز دەرسلىكلەر خېلى كۆپ) ئىشلىتىش ۋە بىر قىسىم تەڭشەشلەر ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرقى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تېخنىكا، فوتو سۈرەت، يېڭىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,947 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 02-ئاينىڭ 04-كۈنى
- يازما مەنزىلى: sequence-photography.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كۈچلۈك لايىھە: iPhone4، سىفىرلىق كامېرا، ئويۇنچۇق قاتارلىقلارنى ئوپېراتسىيە قىلىش
- كېيىنكى يازما > ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئۇچرىتىش تەس بولغان بىر قىسىم ساختا كۆرۈنۈشلەر…
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- 3D لىك پرويېكسىيە تېخنىكىسىنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟ سۇ ئىشلىتىدىكەن سۇ!!!!!
- مارىيو مەستانىسى بولا، مۇشۇنچىلىك بولا
- كىم جوڭئۇن كۆرۈشنى خالىمايدىغان چاۋشىيەن ساياھەت خاتىرىلىرى
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
- قىز دوستىغا ئەگىشىپ دۇنيانى ئايلىنىش – قىزچاقنىڭ جامالىنى كۆرىدىغان پەيت كەلدى!
مەنمۇ بىر ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق رەسىملەرنى تارتقان . nokia n73 يانفۇننى بىر بۇيرۇق بىلەن 10پارچە تارتىدىغان تەڭشەپ ئاغىنەمنىڭ سۇغا موللاق ئاتقان كۈرنۈشىنى مۇشۇنداق تارتقان .
ئوخشىمايدىكەن جۇمۇ ؟ مىنىڭ 10 قېتىم تارتقان رەسىمىم 10 پارچە چىقاتتى . بۇنىڭدا 10 خىل كۈرنۈش بىرپارچە رەسىمدە چىقىپتۇ .
يازمىنىڭ ئەڭ كەينىگە دىققەت قىلىڭ، سىز يەنە ئازراق PS ئويناش ئارقىلىق دوستىڭىزنى بىر پارچە رەسىمدىلا موللاق ئاتقۇزالايسىز
بۇ رەسىملەرنى كورۇپ تولۇقسىزئوتتۇردا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىكى كىتاپنىڭ بەت نۇمۇرى يىزىلغان ئورۇنغا ئاددى رەسىملەرنى يۇقۇرقىدەك سىزىپ ، كىتاپنى ۋاراقلاپ رەسىمىنى ھەركەتلەندۇرۇپ ئوينىغان چاغلىرىم يادىمغا كىلىپ قالدى
ھا ھا ھا
ياز كەلگەندە كۆلچەككە بىرىپ روسچە موللاقتىن بىرنى ئىتىپ شۇنى تارتىپ سىناب باقساق بولغۇدەك …
تازا چىشلەپتىمەنغۇ رەسىملەرنى
ئىم…ما بالا قىززىپ قالدىمۇ نېمە؟
نۇرغۇن ھەركەتلەر بىر پارچە رەسىمگە مۇجەسسەملەنسە ، خېلى ھەيۋەت كۆرىنىدىكەن جۇمۇ
بۇمۇ بىرخىل سەنئەت !
ھازىرىقى فوتو ئاپپاراتلارنىڭ ئىقتىدارى بەك يۇقۇرى بولۇپ كېتىپتۇ.
پۇل جــــــــىـــــــــــــــــــق بولسا، بىرنى ئالساق.
گەپ ئاپراتتا ئەمەس،بىزدە دەيمە..بىزدە!!
تەدبىركار ئەپەندىم.ئۇيغۇرلارنىڭ كارتونىنىمۇ چىقىرىپ قۇيىلى مانداق!
دەۋر سىتودىيسىنىڭ مەن يامان ناملىق ھەركەتلىك كارتونى.
مەنبە:http://www.bilimlar.com/ud/forum.php?mod=viewthread&tid=1705
ئاپاراتنى ئىلىپ قويدۇم، بۇنداق ئىقتىدارى بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمە
مەندەكلا تارتىدىكىنا!