ئەينى يىللىرى بىزنى مەكتەپتىن قېچىشقا مەجبۇر قىلغان ئويۇنلار! بىرسىنىمۇ ئويناپ باقمىغان دېيەلەمسىز؟؟
بىز چوڭ بولغان شۇ دەۋرلەردە، ھازىرقىدەك 3D ئويۇنلار، iPhone دەك يانفونلار، XBox، PSP دېگەندەك ئويۇنچۇقلار يوق ئىدى. بىز چوڭ بولغان شۇ دەۋرلەردە بىزنىڭ ئەڭ چوڭ كۆڭۈل ئېچىش ۋاستىمىز شۇ 小霸王游戏机 تى، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي كىچىك تىپتىكى ئويۇنچۇقخانىلار ۋە بىر تۈركۈم «دۇنيادىكى ھەممىدىن قالتىس» ئويۇنلار پەيدا بولدى، تۆۋەندە شۇ ئويۇنلارنى ئەسلەپ ئۆتەيلى، ئارىسىدىن ھېچقايسىنى ئويناپ باقمىغان دېيىشكە پېتىنالامسىز؟
يۇقارقىلاردىن باشقا، تۆۋەندىكىدەك ئويۇنلىرىمىزمۇ بارتىغۇ دەيمەن؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئەسلىمە، ئويۇن، ئويۇنچۇق، بالىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,809 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 07-ئاينىڭ 15-كۈنى
- يازما مەنزىلى: classic-game-pics.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تور دۇنياسىنى قىززىتىۋەتكەن كىچىك مودېل مىلان.كورنىكوۋا – بۇ قىز چوڭ بولسا چوقۇم گۈزەل بىر ساھىپجامال بولغۇدەك!
- كېيىنكى يازما > سەت قىزنىڭ مۇھەببەت ھىكايىسى | دۇنياغا گۈزەللىك بىلەن باققىنىڭىزدا، ئۇنىڭمۇ سىزگە كۈلۈمسىرەۋاتقانلىقىنى بايقايسىز…
- كىنو دەرىجىسىدە ئىشلەنگەن ئويۇن CG فىلىملىرى
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- جەڭگاھ 1 ئېلان قىلىنماقچى! بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ياخشى قوراللىق ئېتىشىش تۈرىدىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
- يەنە پاركور – قاتىل ئەقىدىسى : چوڭ ئىنقىلاب
ماجاڭدىن باشقا ھەممىنى ئويناپ بېقىپتىكەنمەن، لېكىن ھېچ قايسىسسىنى تازا ياخشى ئوينىيالمايتىم.
يامان بەلەن نەسە بۇ
ھەممىنى ئويناپ بېقىپتىكەنمەن، نەچچە قېتىم مۇشۇ ئويۇنلار ئۈچۈن دەرستىنمۇ قاچقان.
مەن 拳皇 غا بەك يامانتىم
رەسىمدىكىسى 2-سى ئىكەن.
1- چاۋگەي دەپ ئاتايتتۇق …
2-كىلوببى دەييتۇق …
3-پاۋۇل دەيتتۇق
4- ؟
5- ماجاڭ …
6- ، 7، 8 ،
9- باشىن
10- بەيمور-خۇڭمۇر … ھەممىسىنىڭ ئىسمىنى شۇۋاقىتتا ئاتىغاندەك ئاتاپ قويدۇم ،،، بىلىدىغانلىرىمنى …
بىر كويچەنگە ئۈچ تال تەڭگە ئېلىۋالساق ،،، بىركۈنلىكىمىز كەچ بولاتتى …
ھا ھا ھا ھا ھا ھا ،،،شۇ شۇ ،، بىزمۇ شۇ 1 كويغا 4 تەڭڭگە ئىلىۋالساق كەچ بولاتتى. بىچارە خوجايىن قاخشاپ كىتىپ.. ئويۇنخانىغا كىرگۈزمىگەن يەرلىرىمۇ بار تىخى….بىراق ھازىىر كىرسەك تولىسى بوش قالغان ….زاماننىڭ ئھتىياجى بىر ۋاقىت شۇنىڭدا توختاپتىكەن ھە.ھى ھى،
موگو، بىلەن تانكا كەم قالدىمۇ نىمە؟
ئا 3-رەسىمدىكىنىڭ پ س نۇسقىسىنى دەپ بېرىڭلا باللا، تاپامماۋاتقىلى ئۇزۇن بوپ كەتتى ماڭا،يەنە ئوينايتىممەن
铁拳3دەپ ئاتايتتۇق
ئۈرۈك سېتىپ تاپقان پۇلغا ئوينايتتىم
365كۈننىڭ 300 كۈنىدە كىرمىسەم كۆڭلۈم ئۇنمايدىغان ياھ ياھ ياھ ياھ ياھ ياھ ياھ ياھ ياھ ياھ !!!!!!!!! ئۈتەپ كەتكەن لاي سۇدەك ھاياتلىرىمىز………………
ئۇنى بىر دىمەڭ.مەكتەپتىن كىچىپ دەرس تاشلاپ يۈرۈپ ئويناتتىم شۇ ئويۇنلارنى .شۇ ئويۇنخانا خوجايىنلىرىنىڭ مىنى چىقىرىۋىتەممەي باھانى ئۆستۈرىۋىلىپمۇ يەنە قاخشىشىنى كۆرگىنىمدە بەك خوش بوپ كىتەتتىم دىسە…
مەن ئۇستىدىن سانىغاندا تۆتىنچىسى بىلەن ماجاڭدىن باشقا ھەممىسنى ئويناپ بىقىپتىكەنمەن. ماجاڭنى باشقىلار ئوينىغاننى تولا كۆرگەن.
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچ پادىشاھلىق قىسسىسى، تۆمۈر مۇش، مۇش شاھى دىگەنلەر ھازىرمۇ كومپىيۇتېرىمدا بار. ئانچە مۇنچە ئويناپ قويىمەن.
‹‹مەلىكىنى قۇتۇلدۇرۇش›› دەپ بىر ئويۇن بارتى دوس ھالەتتە ئوينايدىغان قايسىڭلار بىلىسىلەر! يوللاپ قويساڭلار بولاتتى ….
‹‹مەلىكىنى قۇتۇلدۇرۇش›› دەپ بىر ئويۇن بارتى دوس ھالەتتە ئوينايدىغان قايسىڭلار بىلىسىلەر! يوللاپ قويساڭلار بولاتتى ….
ھە لىكىن ھەممىسىنىڭ يىرىمى ياپوننى نەشىرىدە
ھا ھا مەن مۇشۇ 2000 – يىلار دىمۇ پات – پات تەنگە ئېلىپ ئويناپ قويۇتۇم