گۇگېلنىڭ باش بېتىدىكى قىزىقارلىق Doodle، قېنى تورخۇماردىكى باللار 110 مېتىرغا يۈگۈرۈشۈپ باقمامدۇق؟
بەلكىم ئولىمپېك كۆرۈۋاتقان تورداشلىرىمىزنىڭ يادىدا بولۇشى مۇمكىن، بۈگۈن كەچتە 110 مېتىرلىق توساق ئاتلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى رەسمىي باشلىنىدۇ، ئەلۋەتتە، بۇ ماھىرلار ئارىسىدا ئېلىمىزدىكى «ئۇچار ئادەم» دەپ نام ئالغان لىيۇشياڭمۇ بار.
خوش، مەقسەتكە كەلسەك، ئولىمپېك باشلانغاندىن بېرى، Google ھەر كۈنى دېگۈدەك مۇناسىۋەتلىك مۇسابىقە ھەققىدە يېڭى Doodle (گۇگېلنىڭ باش بېكەت تۇغى) چىقىرىپ كېلىۋاتىدۇ، ھالبۇكى بۈگۈن گۇگېل چىقارغان يېڭى Doodle بىر ئاز ئالاھىدە، يەنى ئويناپ نومۇرغا ئېرىشىش ئارقىلىق ئۆز-ئارا بەسلەشكىلى بولىدىغان ئولىمپېك توساقتىن ئاتلاپ يۈگۈرۈش ئويۇنى ھەققىدىكى Doodle. ئىنتايىن ئۆزگىچە دېيىشكە بولىدۇ!
ئولىمپىك توساقتىن ئاتلاپ يۈگۈرۈش ئويۇنىنى تورخۇماردا ئويناش:
ئويناش ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن ئاددى، يەنى باشلاش كۇنۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن سىزگە قانداق يۈگۈرۈش ۋە توساقتىن قانداق سەكرەپ ئۆتۈش ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىدۇ. دىققەت: بۇ ئويۇننى پەقەت IE9، Chrome، FireFox ۋە Safari قاتارلىق HTML5 قوللايدىغان تور كۆرگۈلەردىلا ئوينىغىلى بولىدۇ، IE6 ئەلەي بەلەي دېگەنلەر بىلەن ئېچىۋېلىپ ئوينىيالماي قالسىڭىز ئۆزىڭىزدىن كۆرۈڭ.
تۆۋەندىكىسى ساۋاقداش مۇشاۋىرنىڭ ئويناپ ئالغاندىن كېيىنكى رېكورتى، سىز قانچە سېكونتتا چىقالايدىكەنسىز؟ 12.87 سكونتلۇق دۇنيا رېكورتىنى بۇزالامدىكەنسىز؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Google، logo، ئويۇن، تور، تەنتەربىيە، قىزىقارلىق، يېڭىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 08-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: google-doodle-hurdles-2012.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > سۆيگىنىڭىزگە قەلبىڭىزنى ئىپادىلەشتىكى ئەڭ ياخشى ناخشا -My prayer | قوشۇمچە WALL-E نۇسخىسىمۇ بار
- كېيىنكى يازما > «ئالتۇن مېدال» نىڭ كەينىدىكى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بەدەللەر
- ئەجىبا بۇ Google Glass نىڭ كەلگۈسىمۇ؟ بۇنداق فانتازىيەلىك تۇرمۇش سەل قورقۇنۇچلۇقمۇ قانداق؟
- كومپىيۇتېرىڭىز كونىراپ قالدى، يېڭىسىنى سېتىۋېلىشقا ئاپىڭىز ئۇنىمايدۇ، ئەمىسە زادى قانداق قىلىش كېرەك ؟
- «ئالتۇن مېدال» نىڭ كەينىدىكى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بەدەللەر
- cctv دىكى خادىملارنى خاتالاشمايدۇ دەپ كىم دەيدۇ ؟ ياخشى قارىسىڭىز ئۇلار خاتالاشسا بەك قىززىق بولىدۇ
- ئولىمپېك كۆرۈۋاتامسىلەر؟ لوندون ئولىمپىكتا يۈز بەرگەن بىر قىسىم قىزىقارلىق ئىشلار ۋە شۇ توغرىسىدىكى پاراڭلار…
- روسىيەلىك بۇ ھۈرمەت قاراۋۇللىرىغا قاراڭ! ئادەمنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويىدىغان دومىنو قارتىسى شەكلىدىكى بۇ خىلدىكى ماھارەت!
- قىزىقارلىق ئىشلەنگەن 3D كارتون فىلىم – in The Rough | ئىپتىدائىي ئادەم خوتۇنى بىلەن سوقۇشۇپ قالغاندىن كېيىن…
- پاركور تىپىدىكى ھەرىكەتلىك ئويۇن – Mirror’s Edge(خەنچە نامى: 镜之边缘)
- ئەينى يىللىرى بىزنى مەكتەپتىن قېچىشقا مەجبۇر قىلغان ئويۇنلار! بىرسىنىمۇ ئويناپ باقمىغان دېيەلەمسىز؟؟
- يەنە 13 يۈرۈش ئالاھېدە لاھىيەلەنگەن مەھسۇلاتلار، ئوخشاشلا سېتىۋالسىڭىز تامامەن بولىدۇ
دىۋان .
ئۆزەمنىڭ رېكوتىنى ئاللىقاچان بۇزۇپ بولدۇم، ئەڭ يېڭىسى 12.2 ۋە 11.9؛ سىلەرنىڭچۇ؟
سىزنىڭ ئاشۇ رىكورتنى ياراتقان ۋاقتىڭىزنى قىسمەن تەسسەۋۇر قىلىپ ئاجايىپ كۈلىۋەتتىم
ھازىرغىچە ياراتقان ئەڭ ئۇلۇغ نەتىجەم 13.8
ھاھاھا…. قىسمەن تەسەۋۋۇر قىلىپ دەڭ !
مەن 13.3 ىلىپ بولۇپ ئوينۇمۇدۇم. خەق نۇرغۇن يىل قاپالىق مەشىق قىلىپ ئاران دىگەندە نەتجە ياراتسا ، مەن ئورنۇمدىن قوپماي تۇرۇپ ئۇ رېكوتنى بۇزىۋەتسەم ، قارشى تەرەپكە بەك ئېغىر روھى بېسىم بولۇپ قالغۇدەك . شۇڭا …
بۈگۈنكى ئەڭ ياخشى نەتىجە 21.2 بولدى ، ئەمدى ئوينىسام قولۇمنىڭ پەيلىرىمۇ تارتىشىپ قالغۇدەك
خاتا يىزىۋاپتىمەن , ئەڭ ياخشى نەتىجەم 12.2 بولدى
13.7 سكونت! لىيۇشياڭ دۈم چۈشۈپتۇ، تورخۇماردىكىلەر رېكورد بۇزۇش ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا.
12.7خاخاخا…..لىيۇشىياڭنىڭ روھىنى قايتا نامايەن قىلدىم..
12.5 بۇزۇڭلا باللا..
قارىغاندا مېنىڭ ئەلەي بەلەي تور كۆرگۈ ئوخشايدۇ، 360 بىخەتەر قاراۋۇلىنىڭ تور كۆرگۈسىنى ئىشلىتىمەن بولمىسا. دەرىجىسىنى قەيەردىن كۆرىدۇ مۇشۇ تور كۆرگۈنىڭ؟
360 ھەقىقەتەب ئەلەي بەلەي تور كۆرگۈ . سىزگە كىروم ياكى فايىرفوكسنىڭ ئەڭ يىڭى نەشىرلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن
مەن 51.01 نومۇر ئاپتىكەنمە… ھاياجانلىنىپ كىتىپتىمە تېخى… ئەسلى مەن دەسسەپ ئۆتۈپ كىتىۋىرىپتىمەن ئەمەسمۇ….
مارافۇنچە يۈگۈرىۋالمىغانسىز ھە..
مەن لىيۇشىياڭ دەك موللاق شاھى بولدۇم
ھا ھا` 11.6 سىكۇنت~ھەجەپ خۇش بوپ كەتتىما…ھى ھى ھى` داۋاملىق كۈچەڭلا باللا….
ۋاي بولدى ئوينىمايمە،13.6 دىن چۈشەلمىدىم
ھەنىم بولسا ئەركىنى ئۇتىۋاپتىمەن!
13.4 مىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ رېكورتىم………ئۇف…ئاسانغا چۈشمىدى جۇمۇ
مەن مۇشاۋۇرنى ئىككى قاتلاپ ھەممە توساقلارنى تولۇق ئۆرۈۋەتكەندىن كېيىن غەلبىلىك ھالدا بىر پۇتلاپ پۈتۈن مۇساپىنى تاماملىدىم! جۇڭگو خەلقى ماڭا ھازىر ئالقىش ياڭرىتىۋاتىدۇ
ئەڭ ياخشى نەتىجەم 12.7 بولدى. ئاران بۇزدۇم دۇنيا رېكوتىنى.
39.4سىكونت
قېنى ئۇ ئويۇن ئەجەپ مەن كىرەلمىدىمغۇ ئۇھ