نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما مەزمۇنى

«ئالتۇن مېدال» نىڭ كەينىدىكى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بەدەللەر

نۆۋەتتە 2012-يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەنگىلىيەنڭ لوندون شەھىرىدە جىددىي ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ، بۇ يەنە لوندوننىڭ ئۈچىنچى قېتىم يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشى ھېسابلىنىدۇ. لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسى دەسلەپتە بىر خىل بىخەستەلىك ۋە ھەزىللىك بىلەن باشلانغان بولسا، ئەمدىلىكتە كىشىلەرگە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ جەڭ مەيدانىدەك تەسىر بەرمەكتە. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ماھىرلىرى ئۆزىنىڭ جېنىنى تىكىپ قويۇپ تۇرۇپ، ئالتۇن مېدال ئېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا.

the-price-of-gold-medals-behind

ئىنگلىز تىلىدىن خەۋىرى بار ھەرقانداق كىشى «Olympic Games» دېگەن گەپنى چۈشىنەلەيدۇ، مەيلى بۇ گەپ تىلىمىزغا ھازىرقىدەك «ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولسۇن ۋە ياكى باشقىچە ئېلىنغان بولسۇن، بۇ تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر «ئويۇن» دىن ئىبارەت. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئولىمپىك ئۆزىنىڭ بۇ خاسلىقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ جەڭ مەيدانىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ئولىمپىكقا قاتنىشىشتىكى بىردىنبىر مەقسەت ئالتۇن مېدال ئېلىش ، كىچىككىنە پەرق بىلەن ئالتۇن مېدال ئالالمىغان تەنھەرىكەتچىلەر «يارىماس» دەپ قارىلىۋاتىدۇ.

يېقىندا، ۋاڭيى تورى «ئالتۇن مېدال كەينىدىكى بەدەللەر» ناملىق بىر يۈرۈش رەسىملەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بىز بۇ رەسىملەردىن ئولىمپىك مەيدانىدىكى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ قانچىلىك ئېغىر مەشىق قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
قېنى تورداشلار، سىلەرنىڭچە، بىر ئويۇنغا مۇشۇنچىلىك جېنىنى تىكىش، كىچىك بالىلارنى خۇددى ھايۋاننى خورلىغاندەك مەشىقلەندۈرۈش، كىچىككىنە پەرق بىلەن مېدال ئالالمىسا، ئۇنى يارىماسقا چىقىرىش توغرىمۇ؟ بۇ زادى ئويۇنمۇ، دۆلەتلەرنىڭ جەڭ مەيدانىمۇ ۋە ياكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئالتۇن مېدال ئۇرۇشىمۇ؟

20120807040117700

20120807035929720

20120807035959925

20120807040028941

20120807040048775

20120807042306619

20120807040144555

20120807040206267

20120807040235890

20120807040313556

20120807040335761

20120807040355809

20120807040414176



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 8 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. ئەركە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىمدا جاپالىق….؟
    دىۋان ماڭا قالدىمۇ نىمە…؟ :???:

  2. ئەركە : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەجەپ قاتتىقكىنا بۇ دىۋان…. ماندا بىي كۆرپە سېپ قويسلا بوممامدا تەدي ئەپەندىم….؟ :mad:

    • GORKI :

      دىۋاندا مىخمۇ باتى بىلىنمىدما؟ :mrgreen:

  3. تاڭنۇرى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خۇدايىم ساقلاپ ھېلىمۇ قاتناشماپتىكەنمەن… :arrow:

    • كۇسەن :

      خا خا خا …… ھەجەپ قىززىق گەپ قىلدىكەنسىز :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

  4. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بىرەر ئاي تەربىيلىنىپ كەلسەم بولامدۇ نېمە :mrgreen: …تولۇق ئوتتۇرىدا مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىدىكى ۋاقتىمدا بىزنى ئاشۇنداق قىينىلاتتۇق… كىچىك ۋاقتىدا پەي-سىڭىرلارنىڭ يۇمشاق ۋاقتىدا مەشىق قىلغان ياخشى.

  5. شۇڭقار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كىچىك بالىلارنى قىيناشقۇ بۇ ، ھەي ……..

  6. ئەرۋاھ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇنچە قىينىلىپ مۇكاپاتلانغاندىن جاڭگالدا كالا باققان ياخشىدەك قىلامدۇ نىمە ھى ھى






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)