Kinect كىيىم سىناپ بېقىش ئەينىكى بازارغا سېلىنماقچى! پەن-تېخنىكا تۇرمۇشىڭىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلغۇسى!
يېقىندا تورخۇماردا كۆرۈپ ئۆتكەن «سېزىمچان ئېكرانغا تولغان تۇرمۇش ۋە قاتناش» ناملىق سىندىكى كىيىم ئالماشتۇرۇش ئەينىكى يادىڭىزدا بارمۇ؟ Ultra-Realistic ۋە FaceCake marketting technologies نىڭ ھەمكارلىقىدا ئىشلەنگەن، Microsoft نىڭ Kinect تېخنىكىسى ئاساسىدا كىيىم سىناش ئەينىگى پات يېقىندا دۆلەت ئىچىدە بازارغا سېلىنماقچىكەن، بۇ ئەينەك ئارقىلىق خېرىدارلارنىڭ تېز سۈرئەتتە كىيىم-كېچەكلەرنى سىناش ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولماستىن، يەنە سېتىپ چىقىرىش مىقدارىنى تېزلەتكىلى ۋە كارخانا ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بولىدىكەن. ناۋادا بۇ تېخنىكا ئائىلىلەرگىچە ئومۇملاشسا، ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا كىيىملەرنى خالىغانچە سىناپ سېتىۋالساق بولغۇدەك، كەلگۈسى تۇرمۇش پەن-تېخنىكىغا تولغان بىر گۈزەل تۇرمۇش بولغۇسى!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: kinect، تۇرمۇش، تېخنىكا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,600 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 04-ئاينىڭ 20-كۈنى
- يازما مەنزىلى: kinect-dressing.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يانفون باش پېرسوناژ قىلىنغان ئاجايىپ ئۆزگىچە 3D پرويېكسىيە لايىھەسى، كۆزىڭىزگە ئىشەنمەيلا قالىسىز!!!
- كېيىنكى يازما > 3D كۆزەينەك تاقىماي 3D كىنو كۆرۈپ باققان، ئەمما 3D مودا كىيىم كېچىلىكى كۆرۈپ باققانمۇ؟
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
خانىملارغا بولۇپ بەرگۈدەك
مانا تەرەققىيات دېگەن، كىيىمنىمۇ ئۆيدىن چىقمايلا سېتىۋالىدىغان بولساق، بۇندىن كېيىن ئەمدى ماگزىن ئارلايدىغان ئىش قالمىغۇدەكتە.
توي قىلماقچى بولغان مۇشۇنىڭدىن بىرنى تويغا سېلىڭ دىسە قانداق قىلارمىز؟
بازار ئايلىنىشتىن قورقۇپ بولسىمۇ مۇشۇنىڭدىن بىرنى ئەپ بەرگۈلۈككەن
بازار ئايلىنىپ چارپاپ كىتىدۇ ئادەم
سىناش ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولماستىن، يەنە سېتىپ چىقىرىش مىقدارىنى تېزلەتكىلى ۋە كارخانا ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بولىدىكەن.
———————————————————————————
بۇ گەپنى چۈشىنەلمىسەممۇ بۇ يازمىنىڭ ياخشىلىقنى ئېتىراپ قىلدىم كۆڭلۈمدە !
كىيىنچە ھەممە ئىشنى ئۆيدىن چىقلايلا بىجىرىدىغان بولۇپ كېتەمتىمىز قانداق
ئاۋۇ ئىكىراننى كۆرمىگەن ئادەم ئاۋۇ خوتۇننى ساراڭ ئوخشايدۇ دەپ قالغۇدەك
يۇقرى تىخنىكىنڭ ئادەملەرگە قۇلايلىق يارىتىپ بىرىشىدىن باشقا، ئادەملەرنى ھورۇنلاشتۇرىۋىتىدىغان يامان خۇيىمۇ تەڭ مەۋجۇتتۇر.
بۇ گەپنىڭ جىنى بار!!!
بۇنى بۇرۇن جاھاندىكى ئىشلاردا كۆرگەن ئىدىم، چوڭ قۇرۇقلۇققا كىرىپتۇدە ئاخىرى.
ھەيران قالدىم …جاھان نەلەگە بېرىپ كەتتى ھوي `~~
ئادەمنىمۇ ئاشۇنداق ماس كەلگەن كەلمىگەننى تاللاپ بېرىدىغان ئەينەك بولسا ھە!
ئوخخو!!!!!!!!!! بۇ تەرەققىياتلار نىمانداق تىز يىتىشىپ بولغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە
بىزنىڭ بۇ جايلارغا كىلىپ قالسا بولدى بوپ بىرىدۇ قىز چوكانلارغا ۋاي خۇدا ئۆزەڭ ساقلىغايسە
جۇڭگودىكى تەتقىقاتچىلار قاراپلا كەيمىگەننى كەيدۈرىدىكە دەپ كەيگەننى سالدۇرىدىغان ئۈسكىنە كەشپ قىلسا ھە
يولداش ۋەيرانى ھەجەپ ئوبدان تەكلىپتىن بېرىپتۇ دېسە ھې ھې ھې ،،،،